ساغلاملىق بىلىملىرى

سەھەردىكى كىچىك تەرەتتىن بۆرەك ئىقتىدارىنى بىلىش

 

ئەگەر ئادەتتە ئۆزىنى ئاسراشقا ئەھمىيەت بەرمەي ھەددىدىن زىيادە چارچاپ كەتكەندە، ئاسانلا بۆرەكنىڭ مېتابولىزم يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىپ، كېسەلگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، دوختۇرلار كۆپ ساندىكى بۆرەك كېسەللىكلىرىگە دىياگنوز قويغاندا، بىمار ئاللىبۇرۇن كېسەلنىڭ ئاخىرقى باسقۇچ ياكى ئوتتۇرا ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغان بولىدۇ، بۆرەكنىڭ كېسەللىك قوزغىلىشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى يوشۇرۇن بولغاچقا، ئەگەر دىققەت قىلمىغاندا ئاسانلىقچە بايقىغىلى بولمايدۇ. گەرچە بۆرەك كېسىلىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى بىر قەدەر يوشۇرۇن بولسىمۇ، ئەمما كېسەللىك ئالامىتى يوق ئەمەس، پەقەت كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆپرەك دىققەت قىلغاندىلا، يەنىلا كېسەللىك ئالامىتىنى بايقىغىلى بولىدۇ.

092201334231500017234601

سەھەر تۇرۇپ ھاجەتكە چىققاندا، سۈيدۈكتە بۇ ئۈچ خىل ئەھۋال بولمىسا، بۆرەكنىڭ ساغلام ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

1. ئەتىگەنلىك سۈيدۈكتە كۆپۈكچە ئۇزاققىچە تارقالمىسا: سەھەر تۇرۇپ ھاجەتكە چىققاندا، سۈيدۈكتە نۇرغۇن كۈپۈكچىلەرنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى كۆرىمىز. بۇ كۆپۈكچىلەر بىردەمدىلا تارقىلىپ كەتسە بۇ نورمال ئەھۋال. ئەگەر كۆپۈكچە ئۇزاققىچە تارقالمىسا، ئۇنداقتا ئاقسىللىق سۈيدۈكنىڭ بار-يوقلۇقىغا دىققەت قىلىش كېرەك، بۇ خىل ئەھۋالنىڭ كۆرۈلۈشى بەلكىم بۆرەك فۇنكسىيەسىدە مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىگە ئىپادىسى بۇلىشى مۇمكىن.

092201342148400017234601

2. ئەتىگەنلىك سۈيدۈكتە بۇرۇننى ئېچىشتۇرىدىغان غەيرىي پۇراق بار بولسا: سەھەردە ھاجەتكە چىققاندا، سۈيدۈكنىڭ رەڭگى قېنىق سېرىق بولسا بۇ بەدەندە سۇ كەمچىل بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، بۇ خىل ئەھۋالدا، بەدەنگە ۋاقتىدا سۇ تولۇقلىغاندا ناھايىتى تېزلا ياخشىلىنىپ كېتىدۇ. ئەگەر سەھەردىكى سۈيدۈكنىڭ رەڭگى قىزىل رەڭدە بولسا، كۆپىنچە سۈيدۈكتىكى قان مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، قان سىيىش ئەھۋالى كېلىپ چىققان بۇلىشى مۇمكىن. بۇ ۋاقىتتا ئالدى بىلەن بۆرەكنى تەكشۈرتۈپ، بىرەر مەسىلە بار-يوقلۇقىغا قاراش كېرەك.

092201344440800017234601

3. سۈيدۈك راۋان بولمىسا: ئادەم بەدىنى بىر كېچە ئۇخلىغاندىن كېيىن، بەدەندىكى ھەرقايسى ئەزالار زەھەر تازىلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ، ئارتۇقچە سۇ، ئەخلەت، توكسىنلارنىڭ ھەممىسى سۈيدۈك ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىدۇ، شۇڭا ئەتىگەنلىك سۈيدۈك مىقدارى ئادەتتە بىر قەدەر كۆپ ھەم سۈيدۈك بېسىمى بىر قەدەر كۈچلۈك بولىدۇ. شۇڭا ئادەم ئەتىگەنلىك سۈيدۈكنى چىقىرىپ بولغاندىن كېيىن ئۆزىنى ناھايىتى روھلۇق ھېس قىلىدۇ. لېكىن بەزى ئەرلەر سەھەردە سىيگەندە سۈيدۈك ئانچە راۋان بولمايدۇ ھەم سۈيدۈك بېسىمى ناھايىتى كۈچسىز بولىدۇ ياكى توختاپ-توختاپ سىيىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا بۆرەك مېتابولىزمىدا مەسىلە كۆرۈلگەن-كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئويلىشىش كېرەك، مەسىلەن، سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش، مەزى بېزى قاتارلىقلار.

ئەتىگەنلىك سۈيدۈك بەدەن تەكشۈرۈشتىكى زۆرۈر تەكشۈرۈش تۈرى بولۇپ، ئەرلەر ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق سۈيدۈكىنى كۆزىتىپ، رەڭگى، ھالىتى، پۇرىقىغا ھەم سىيگەندىكى بەدەن سېزىمىغا كۆپرەك دىققەت قىلسا، بەلكىم بۆرىكىنىڭ ساغلام ياكى ساغلام ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلالىشى مۇمكىن. ئەتىگەنلىك سۈيدۈك نىسبەتەن سۈزۈك بولىدۇ، ئەگەر سۈيدۈكتە ئاجرالمىلار بولسا ياكى دۇغلاشقان بولسا، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش ۋە داۋالاش كېرەك.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى