ساغلاملىق بىلىملىرى

ياغسىزلاندۇرۇلمىغان سۈت بىلەن ياغسىزلاندۇرۇلغان سۈتنىڭ قانداق پەرقى بار؟

سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

092114281150600000015581

كالا سۈتى ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق ئاقسىل، ۋىتامىن، مىنېرال ماددىلارنىڭ مۇھىم مەنبەلىرىنىڭ بىرى. سۈتنىڭ تەركىبىدىكى سۈت قەنتى، ئاقسىل، ياغ، ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلار ئادەم بەدىنىنىڭ ھاياتلىق پائالىيىتىدە مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ھەر كۈنى سۈت ئىچىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ، لېكىن بەزى كىشىلەردە سۈت ئىچىشكە نىسبەتەن بەزى خاتا قاراشلار بار.

092114284673000000015581

1. ياغسىزلاندۇرۇلمىغان سۈت بىلەن ياغسىزلاندۇرۇلغان سۈتنىڭ قانداق پەرقى بار؟

ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ياغسىزلاندۇرۇلمىغان سۈت بىلەن ياغسىزلاندۇرۇلغان سۈتنىڭ پەرقى سۈتتىكى ياغ مىقدارىدا!

ياغسىزلاندۇرۇلغان سۈتنىڭ تەركىبىدە ناھايىتى ئاز مىقداردا ماي بولىدۇ. ئادەتتە ماي مىقدارى %0.5 بولىدۇ. ياغسىزلاندۇرۇلمىغان سۈتنىڭ ماي تەركىبى ئادەتتە %3.6 ئەتراپىدا بولىدۇ.

ئوزۇقلۇق قىممىتى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ياغسىزلاندۇرۇلغان كالا سۈتىدىكى ۋىتامىن A، ۋىتامىن E قاتارلىق ياغدا ئېرىشچان ۋىتامىنلارنىڭ مىقدارى ياغسىزلاندۇرۇلمىغان كالا سۈتىدىكىگە قارىغاندا خېلىلا ئاز بولىدۇ.

تەمى جەھەتتىن ئېيتقاندا، ياغسىزلاندۇرۇلغان سۈتتە ياغسىزلاندۇرۇلمىغان سۈتكە ئوخشاش قويۇق تەم سېزىمى بولمايدۇ، سۈتنىڭ پۇرىقى بىر قەدەر ئاجىز بولىدۇ.

092114285295100000015581

2. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن نۇرغۇن كىشىلەر ياغسىزلاندۇرۇلغان سۈتنى تاللايدۇ؟

چۈنكى ياغسىزلاندۇرۇلغان سۈت تەركىبىدىكى ياغ تېخىمۇ ئاز، شۇڭا ياغسىزلاندۇرۇلغان سۈتنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى تەبىئىي ھالدا ياغسىزلاندۇرۇلمىغان سۈتكە قارىغاندا تېخىمۇ تۆۋەن بولىدۇ، بۇ خىل سۈت ئورۇقلاۋاتقان كىشىلەر توپى، قاندىكى ماي مىقدارى يۇقىرى كىشىلەر، يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا تېخىمۇ ماس كېلىدۇ. ئەگەر سىز يۇقىرىدىكى بىر قانچە خىل ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا تەۋە بولمىسىڭىز، ياغسىزلاندۇرۇلمىغان سۈتنى تاللىسىڭىز بىر قەدەر ياخشى بولىدۇ.

092114295177700000015581

3. ساپ سۈت، يۇقىرى كالتسىيلىق سۈت، قەنتسىز سۈت، ئورگانىك سۈت ۋە سۈت تەركىبلىك ئىچىملىكلەرنى قانداق تاللاش كېرەك؟

(1) ساپ سۈت: ئادەتتىكى كىشىلەر توپىنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى ھېسابلىنىدۇ.

ساپ سۈت دېگىنىمىز سۈت كالىسىدىن سىقىپ چىقىرىلغان خام سۈت (پىششىقلاپ ئىشلەنمىگەن نۆل باكتىرىيەلىك سۈت)نى بىۋاسىتە 135-150 گىرادۇسقىچە يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا 4-15 سېكۇنتقىچە قىزدۇرۇپ، مىكروبسىزلاندۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىپ ئېرىشكەن سۈتنى كۆرسىتىدۇ، باشقا خۇرۇچلارمۇ قوشۇلمىغاچقا، قەنتسىز، يۇقىرى ئاقسىللىق بولىدۇ، ئاقسىل مىقدارى ئادەتتە %3 ئەتراپىدا بولىدۇ.

(2) يۇقىرى كالتسىيلىق سۈت: كالتسىي مىقدارى يۇقىرى، لېكىن پايدىلىق تەرىپى روشەن ئەمەس.

يۇقىرى كالتسىيلىق سۈت كالتسىي مىقدارى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان سۈتتىن ئىبارەت. خەلقئارادىكى ئۆلچەمدە يۇقىرى كالتسىيلىق سۈتتىكى كالتسىي مىقدارى 120mg/100ml بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

ئەمەلىيەتتە يۇقىرى كالتسىيلىق سۈت بىلەن ساپ سۈت تەركىبىدىكى كالتسىي مىقدارى (تەركىبىدىكى كالتسىي مىقدارى 100mg/100ml ~ 120mg/100mlغا يېتىدۇ)نىڭ پەرقى چوڭ ئەمەس. يۇقىرى كالتسىيلىق سۈتنىڭ كالتسىي مىقدارى ساپ سۈتكە قارىغاندا ھەقىقەتەن يۇقىرى بولىدۇ، لېكىن ئانچە چوڭ پەرق يوق.

قەنتسىز سۈت: لاكتوزا قوبۇل قىلالمايدىغان كىشىلەر توپىغا تېخىمۇ ماس كېلىدۇ.

قەنىتسىز سۈت بىر خىل بىر قەدەر ئالاھىدە سۈت بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدە لاكتوزا (لاكتوزا پارچىلىنىپ ئورگانىزم تېخىمۇ ئاسان سۈمۈرەلەيدىغان گلۇكوزا ۋە گالاكتوزىغا ئايلىنىدۇ) بولمايدۇ. شۇڭا، بۇ خىل سۈت لاكتوزا قوبۇل قىلالمايدىغان كىشىلەر توپىغا ماس كېلىدۇ، مەسىلەن: سۈت ئىچسىلا ئىچى سۈرىدىغانلار قەنتسىز سۈتنى تاللىسا بولىدۇ.

تەمى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ ئادەتتىكى سۈتكە قارىغاندا تېخىمۇ تاتلىق (گلۇكوزىنىڭ تاتلىقلىقى لاكتوزىدىن يۇقىرى) بولۇپ، تەركىبى ۋە تەمىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئاساسەن باشقا پەرق بولمايدۇ.

092114301066100000015581

ئورگانىك سۈت: ئادەتتىكى سۈت بىلەن پەرقى يوق، ئەمما ئورنى يۇقىرى كۆتۈرۈۋېتىلگەن سۈت.

ئورگانىك سۈتنىڭ قىممىتى ئورگانىك دېگەن سۆزدە بولۇپ، ئادەتتىكى سۈتكە سېلىشتۇرغاندا، ئۇنىڭ بىخەتەرلىك سۈپىتىگە قويۇلىدىغان تەلەپ ھەقىقەتەن يۇقىرى، ئالاقىدار تەكشۈرۈش تېخىمۇ قاتتىق. ئەمما ئوزۇقلۇق قىممىتى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، نۆۋەتتە ئورگانىك سۈتنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ ئادەتتىكى سۈتكە قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان تولۇق ئىسپات يوق.

سۈتلۈك ئىچىملىك: بىر خىل ساختا سۈت.

سۈتلۈك ئىچىملىكلەرنى نۇرغۇن كىشىلەر سۈت ياكى قېتىق دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ پەقەت بىر خىل ساختا سۈت ھېسابلىنىدۇ.

سۈتلۈك ئىچىملىك يېڭى سۈت ياكى سۈت ياسالمىلىرىنى خام ئەشيا قىلىپ ئېچىتىش ئارقىلىق پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ئىچىملىكتۇر. بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى سۇ، ئۇنىڭدىن قالسا شېكەر، چۈچۈمەل تەم خۇرۇچى، مۇئەتتەر قاتارلىق يېمەكلىك خۇرۇچلىرى. شۇڭا، ئۇنىڭ ماھىيىتى ئىچىملىك بولۇپ، كالا سۈتى بىلەن ئانچە مۇناسىۋىتى يوق.

ئوزۇقلۇق قىممىتى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، سۈت ئىچىملىكلىرى تەركىبىدىكى ئاقسىل، مىنېرال ماددا، كالتسىي قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ مىقدارى ساپ سۈتكە يەتمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن قەنت تۈرىدىكى ماددىلار قوشۇلغان بولۇپ، دائىم ئىچكەندە ئاسانلا چىش چىرىش، سېمىزلىك، دىيابېت قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

شۇڭا، مەيلى بالىلارغا بولسۇن ياكى قۇرامىغا يەتكەنلەرگە بولسۇن، سۈت تەركىبلىك ئىچىملىكلەرنى تاللاپ سېتىۋېلىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ. سېتىۋالغاندا ماركىنى ئېنىق كۆرۈپ ئاندىن سېتىۋېلىش، سۈت ئىچىملىكىنى سۈت ئورنىدا ئىشلەتمەسلىك كېرەك.

092114302232100000015581

4. سۈت سېتىۋالغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

بازاردىكى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان سۈت ئىچىملىكلىرى نۇرغۇن كىشىلەرنى كەڭ بولغان تاللاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، چوڭلارغا سۈت سېتىۋالغاندا سوغۇق ساقلاش سۈتى، ئادەتتىكى تېمپېراتۇرىلىق سۈت قاتارلىق ئادەتتىكى ساپ سۈتنى تاللاشقا بولىدۇ. ئەسلى تەمدىكى ساپ قېتىقنى تاللاشقىمۇ بولىدۇ. مۇۋاپىق ھالدا ئوخشاش بولمىغان بەدەن ئەھۋالىغا ئاساسەن قەنتسىز سۈت، ياغسىزلاندۇرۇلغان سۈت قاتارلىقلارنى تاللاشقىمۇ بولىدۇ.

تۆتىنچى سوئال: نېمە ئۈچۈن بەزى كىشىلەر سۈت ئىچسە ئىچى سۈرىدۇ؟

سۈت ئىچكەندىن كېيىن ئىچى سۈرىدىغان بۇ خىل كىشىلەر لاكتوزا قوبۇل قىلالمايدىغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ تۈردىكى كىشىلەردە سۈت قەنتى ئېنزىمى كەمچىل بولۇپ، سۈت قەنتى ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، سۈت قەنتى ئېنزىمىنىڭ تەسىرىدە پارچىلانغاندىلا، ئاندىن ئادەم بەدىنى تەرىپىدىن سۈمۈرۈلىدۇ، ئەگەر سۈت قەنتى ئېنزىمى بولمىسا، سۈت ئىچكەندىن كېيىن، ئىچ سۈرۈش كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. شۇڭا بۇنداق كىشىلەر ئادەتتىكى سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئىچسە بولمايدۇ، قەنتسىز سۈت ياكى قېتىقنى تاللىسا بولىدۇ، بۇلارنى تاللىغاندا ئىچى سۈرۈشتىن ساقلىنالايدۇ، ھەم ئۈنۈملۈك كالتسىي تولۇقلىيالايدۇ.

092114302861700000015581

5. سۈت ئىچىش توغرىسىدىكى قانداق پىتنە-پاساتلار بار؟

(1) سۈتنى مېۋە شەربىتى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىشكە بولمايدۇ.

خاتا! مېۋە شەربىتىدىكى كىسلاتالىق ماددىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئورگانىك كىسلاتا بولۇپ، كالتسىي بىلەن تەستە ئېرىيدىغان بىرىكمىلەرنى شەكىللەندۈرمەيدۇ، شۇڭا كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.

(2) سۈت قانچە قويۇق بولسا شۇنچە ياخشى؟

خاتا! ھەددىدىن زىيادە قويۇق سۈت دېگىنىمىز، سۈتكە ئاز سۇ قۇيۇپ، كۆپ سۈت قوشۇپ، سۈتنىڭ قويۇقلۇقىنى نورمال نىسبەتتىن ئاشۇرۇۋېتىشنى كۆرسىتىدۇ. بوۋاقلارغا نىسبەتەن، دائىم قويۇق سۈت ئىچىپ بەرگەندە ئاسانلا قەۋزىيەت، ئىچ سۈرۈش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا سۈت قانچە قويۇق بولسا شۇنچە ياخشى بولمايدۇ.

092114303642600000015581

(3) ئۇخلاشتىن بۇرۇن سۈت ئىچسە سۈمۈرۈشكە تېخىمۇ پايدىلىق؟

خاتا! نۇرغۇن كىشىلەر ئۇخلاشتىن بۇرۇن سۈت ئىچىشنى تاللايدۇ، بۇ خىل ئادەت ياخشى ئەمەس، بۇنىڭ ئاساسلىق ئىككى سەۋەبى بار.

ئاشقازان-ئۈچەي يولىنىڭ يۈكى ئاشىدۇ. كۆپچىلىككە مەلۇم، ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر نەرسە يېسە ياخشى بولمايدۇ، سۈت تەركىبىدە ئاقسىل مول بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئاقسىلنى ھەزىم قىلىشى ۋە سۈمۈرۈشى بىر قەدەر ئاستا بولىدۇ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن سۈت ئىچسە ئاشقازان-ئۈچەي يولىنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

ئۇيقۇغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. سۈت سۇيۇقلۇققا تەۋە بولۇپ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن سۈت ئىچسە بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ ھەمدە كېچىدە ھاجەتخانىغا چىقىش قېتىم سانىنى ئاشۇرۇپ، ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا، ئۇخلاشتىن بىر سائەت بۇرۇن سۈت ئىچىپ، ئاشقازاننى يېتەرلىك ئارام ئالدۇرۇش كېرەك.

092114304990500000015581

6. ئۇنداقتا زادى قايسى خىل سۈت قانداق كىشىلەرگە تېخىمۇ ماس كېلىدۇ؟

قەنتسىز سۈتى: لاكتوزا قوبۇل قىلالمايدىغان كىشىلەر توپىغا تېخىمۇ ماس كېلىدۇ.

يۇقىرى كالتسىيلىق سۈت: ئوتتۇرا، ئېغىر دەرىجىدىكى سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارغا تېخىمۇ ماس كېلىدۇ.

ساپ سۈت: ئادەتتىكى كىشىلەر توپىغا ماس كېلىدۇ.

ياغسىزلاندۇرۇلغان سۈت: قاندىكى ماي مىقدارى يۇقىرى، ئورۇقلاۋاتقان كىشىلەرگە ماس كېلىدۇ.

سۈت تەركىبلىك ئىچىملىكلەر: ھەر قانداق توپنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئىچىشىنى تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى