
ئانار ۋە ھەسەل نۇرغۇن كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىك، ئىستېمال قىلسا سالامەتلىككە كۆپ پايدىسى بار، ئۇنداقتا ئانار بىلەن ھەسەلنىڭ قانداق رولى بار؟
1. ھۆسن تۈزەش، تېرە ئاسراش: ئانارنىڭ تەركىبىدە كۆپ خىل تەركىب بار، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇشتىكى ئۈنۈملۈك تەركىب تېرىنىڭ قېرىشىغا قارشى تۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ، ۋىتامىن C بولسا قارا پىگمېنتلارنىڭ چۆكۈشىنى ئازايتىش رولىغا ئىگە، كۆپ خىل ئورگانىك كىسلاتا قاتارلىق باشقا تەركىبلەر بىلەن ماسلاشتۇرغاندا تېرىگە سۇ تولۇقلىغىلى بولىدۇ.
2. بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ: ئانار تەركىبىدە مېۋە شېكىرى، ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل ۋە ئاسان سۈمۈرۈلىدىغان ماي قاتارلىقلار مول بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئېنېرگىيە ۋە ئىسسىقلىق مىقدارىنى تولۇقلايدۇ، يەنە كۆپ خىل ۋىتامىن، مىنېرال ماددا، ئورگانىك كىسلاتا قاتارلىق ماددىلار بار بولۇپ، مىكروب ئۆلتۈرۈش، ياللۇغ قايتۇرۇش رولىنى ئويناپ، ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەسەل تەركىبىدە 180 نەچچە خىل ماددا بار بولۇپ، بۇ تەركىبلەر ئۆز-ئارا ماسلاشسا ئوزۇقلۇق تولۇقلاش رولىنى ئويناپ، ھەرقايسى بەدەن ئىقتىدارىنى تەڭشەشكە ياردەم بېرىدۇ ھەمدە ئىچكى ئاجراتما ئىقتىدارىنى تەڭشەيدۇ، شۇنداقلا مىكروب ئۆلتۈرۈپ ياللۇغنى قايتۇرۇپ، بەدەننىڭ كېسەللىككە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، ھەسەل بىلەن ئانارنىڭ يەنە كۆزنى ئاسراش رولى بار، تۇرمۇشتا ئىككىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئانار ھەسەل چېيى قىلىپ ئىچسە بولىدۇ.
تارىختىكى بۈگۈندە:
- 2020: قانداق قىلغاندا ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇق ۋە ھەرىكىتى تەڭپۇڭ بولىدۇ؟(0 باھا بار )
- 2020: دىئابېت بىمارلىرى زادى قانداق ھەرىكەت قىلىش كېرەك؟ دىئابېت كېسىلى ئىلمىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى E.P. Josl(0 باھا بار )
- 2020: بالىلار تولۇق يېتىلمىسە قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟(0 باھا بار )
- 2020: سېمىز بالىلار ۋىتامىن D تولۇقلىسا ئورۇقلىشىغا پايدىلىق(0 باھا بار )
- 2020: بوۋاقلار تۇغۇلۇپ بىر سائەت ئىچىدە ئانا سۈتى بىلەن بېقىلىش كېرەك(0 باھا بار )