بالىلار كېسەللىكلىرى

بالىلارنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلغاندا…

بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېمەكلىك يىغىلىپ قېلىش (积食) كۆپ ساندىكى بالىلاردا يۈز بېرىدىغان ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكى بولۇپ، بالىلارنىڭ ئاشقازان-ئۈچىيىنىڭ يېتىلىشى مۇكەممەل بولمىغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىلارنىڭ ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى ناچار بولغاچقا، ئۇزاق مۇددەت ھەزىم قىلماق تەس بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلسا، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىپ، يېمەكلىكلەرنىڭ ئاشقازاندا يىغىلىپ قېلىش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەم ئاشقازان-ئۈچەي باكتېرىيەسىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

بالىلاردا يېنىك دەرىجىدە يىغىلىپ قالغان يېمەكلىك سالامەتلىككە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، ئەمما يىغىلىپ قالغان يېمەكلىكنى ۋاقتىدا چىقىرۋەتمىسە، بالىنىڭ تال ۋە ئاشقازىنى زەخىملەندۈرۈپ، سالامەتلىكىگە تەسىر يىتىدۇ دە، بالىلارنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ. ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا بالىلاردىكى يېمەكلىك يىغىلىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟ قانداق يېمەكلىكلەر يىغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟

092301090628200017234601

1. خام ۋە سوغۇق يېمەكلىكلەر
چوڭلارنىڭ ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارى مۇكەممەل بولۇپ، يېمەكلىكنى كۆپرەك ئىستېمال قىلغان تەقدىردىمۇ، بىئارام بولمايدۇ. ئەمما، بالىلارنىڭ ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارى ياخشى بولمىغاچقا، ئۇزاق مەزگىل سوغۇق يېمەكلىكلەرنى بالىلارغا كۆپ بەرگەندە، بالىلارنىڭ ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدەش ۋە ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىپ، يېمەكلىكلەرنىڭ يىغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

092301094466900017234601

2. تاتلىق يېمەكلىكلەر
تاتلىق يېمەكلىكنى نۇرغۇن بالىلار ياخشى كۆرىدۇ. تاتلىق يېمەكلىك يېيىش ئادەمنى خۇمار قىلىدىغان بولۇپ، تاتلىق يېمەكلىكنى يېيىش ئارقىلىق، جىددىيلىشىش، تەشۋىشلىنىشتەك كەيپىياتلارنى پەسەيتكىلى بولىدۇ. لېكىن بالىلارغا دائىم تاتلىق يېمەكلىكلەرنى بەرگەندە، تاتلىق يېمەكلىك بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن كۆپ مىقداردا گىلۇكوزا ۋە ياغلارغا پارچىلىنىدۇ، بوۋاقلارنىڭ يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ناچارراق بولۇپ، ياغلار ئۇزۇن مۇددەت يىغىلىپ قالسا، بەدەننىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، يەنە بەدەندىكى ھۆللۈك ۋە سوغۇقنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

092301100937300017234601

3. دېڭىز مەھسۇلاتلىرى
ھەر خىل دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ئىنتايىن تەملىك بولۇپلا قالماستىن يەنى ئوزۇقلۇق قىممىتىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى، لېكىن دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەركىبىدىكى پۇرىن (嘌呤) يۇقىرى بولۇپ، ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلىنسا بەدەندىكى ئۇرىك كىسلاتانىڭ (尿酸) ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يەللىك بوغۇم ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر بالىغا دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى بەك كۆپ يېگۈزسە، بالىنىڭ سوغۇقى ئېشىپ كېتىپ، ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىش يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

092301104143700017234601

ئۇنداقتا يېمەكلىك يىغىلىپ قالغاندا بالىلاردا قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟
1. ئۇخلىغاندا يىغلاش
يېمەكلىك يىغىلىپ قالغان بالىلاردا، ئاشقازان-ئۈچەي بىئارام بولغانلىقتىن، كەچتە ئۇخلىغاندا دائىم يىغلايدۇ، ئۇنىڭدىن سىرت ئۇخلىغاندا ئۇياق-بۇياققا ئۆرۈلۈپ ئۇخلىيالمايدۇ، ئاتا-ئانىلار بالىلاردا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋال كۆرۈلگەن ھامان، بالىدا بەزى كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ پەيدا بولغان-بولمىغانلىقىغا دىققەت قىلىشى كېرەك.
2. ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش
بالىدا تۇيۇقسىز ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ قېلىپ، تاماق يېيىشنى خالىمىسا، بەلكىم بالىدا يېمەكلىك يىغىلىپ قالغان بۇلىشى مۇمكىن. بۇنداق ۋاقىتتا ئاتا-ئانىلار بالىغا تاماق زورلاپ، يېمىسە بالىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرمەسلىك لازىم. بۇ ۋاقىتتا ئاتا-ئانىلار يەنىلا بالىنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ، تەكشۈرتۈپ ئېلىپ بېرىش كېرەك.
3. روھسىزلىنىش
بالىلارنىڭ ئەسلى ماھىيىتى ناھايىتى شوخ، تېتىك بولىدۇ، ئەگەر بالىنىڭ كەيپىياتىدا ئۆزگىرىش بولۇپ ياۋاشلىشىپ، ئويۇنغا قىزىقماي يېتىۋالسا، بۇ بالىنىڭ مىجەزىنىڭ تۇراقلاشقىنى ئەمەس، بەلكىم بالىدا يېمەكلىك يىغىلىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن بۇلىشى مۇمكىن.

092301111468200017234601

قانداق قىلغاندا بالىلاردىكى يېمەكلىك يىغىلىپ قېلىشنى پەسەيتكىلى بولىدۇ؟
1. قەرەللىك ئۇۋۇلاش
ئەگەر بالىلاردا يېمەكلىك يىغىلىپ قالغان ئەھۋاللار بولسا، بالىنىڭ قورساق قىسمىنى قەرەللىك ئۇۋۇلاپ بېرىشى ۋە ئەڭ ساغلام بولغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشى كېرەك.
2. دولانا سۈيى (山楂水)
دولانا دائىم ئۇچرايدىغان ھەم ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغا مېۋە. دولانا تەركىبىدە كۆپ خىل ۋىتامىن ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلار بار، دولانا ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرۇپ، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاش رولىغا ئىگە. ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ يېمەكلىك يىغىلىپ قېلىش ئەھۋالىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، دولانانى پاكىز يۇيۇپ كىچىك توغراپ، قازانغا سېلىپ سۇس ئوتتا قاينىتىپ، مۇۋاپىق مىقداردا ناۋات قوشۇپ، دولانە سۈيىنى قاينىتىپ شىرنىگە ئايلاندۇرغاندىن كېيىن، بالىغا دائىم ئىچكۈزۈپ بەرسە، بالىلارنىڭ يېمەكلىك يىغىلىپ قېلىشىنى يېنىكلىتىپ، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ يۈكىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى