
بەيدۇ تورى ماقالىسى، نۇر تورى تەرجىمىسى
چوڭ مېڭە بەدەندىكى ئەڭ يۇقىرى قوماندان بولۇپ، پۈتۈن بەدەننىڭ بارلىق ئىقتىدارىنى تەڭشەيدۇ. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، چوڭ مېڭىنىڭ ئىقتىدارى تەدرىجىي چېكىنىدۇ، دىققىتىنى يىغالماسلىق ۋە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇرمۇشتىكى ناچار ئادەتلەر چوڭ مېڭىنىڭ چېكىنىش سۈرئىتىنى تېخىمۇ تېزلىتىۋېتىدۇ. بولۇپمۇ تۆۋەندىكى بىر قانچە ناچار ئادەتنى دەرھال تۈزىتىش كېرەك.
قايسى ناچار ئادەتلەر چوڭ مېڭىنى چارچىتىۋېتىدۇ؟
1. چوڭ بېسىملارغا بەرداشلىق بېرىش
ئۇزۇن مۇددەت غايەت زور بېسىمغا ئۇچرىسا مېتابولىزم سىستېمىسى، ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ۋە يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسىغا زىيان يەتكۈزىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يىگلەش پەيدا قىلىدۇ، پېشانە ياپرىقى پوستلاق قەۋىتىنىڭ ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىپ، تونۇش توسالغۇسى ۋە خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى يۇقىرىلىتىۋېتىدۇ.
2. مۇۋاپىق بولمىغان يېمەك-ئىچمەك ئادىتى
زىيادە مايلىق، زىيادە تۇزلۇق ۋە زىيادە تاتلىق يېمەكلىكلەر مېڭە ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەش سۈرئىتىنى تېزلىتىۋېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل زەخىمگە ئۇچراش ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان بىر جەرياندۇر، مايلىق يېمەكلىكلەرنى بىر ۋاخ تويۇنۇپ يېگەن تەقدىردىمۇ، ئوخشاشلا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى يىغىشىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
3. دائىم ئەقلىي ئەمگەك قىلىش
چوڭ مېڭىنىڭ ھەجىمى كىچىك بولسىمۇ، لېكىن سەرپ قىلىدىغان ئېنېرگىيە ناھايىتى كۆپ. چوڭ مېڭە ئېھتىياجلىق بولغان ئېنېرگىيەنى ئاساسلىقى گىلۇكوزا تەمىنلەيدۇ. ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمگەك كۆپ مىقداردىكى گىلۇكوزىنى كۆيدۈرۈپ، چوڭ مېڭىنىڭ ئېنېرگىيەسىنى ئازايتىپ، ھارغىنلىق ۋە چارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4. دائىم تۈنەش
ئۇزۇن ۋاقىت تۈنەش چوڭ مېڭىنى خورىتىپ، تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى ۋە ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىپ، چوڭ مېڭىنىڭ تېخىمۇ چارچىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ياشانغانلاردىكى دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ھەتتا مېڭە سەكتىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
قانداق قىلغاندا چوڭ مېڭىنىڭ ئەڭ ياخشى ھالىتىنى ساقلىغىلى بولىدۇ؟
1. يېمەك-ئىچمەكنى تەڭشەش
چوڭ مېڭە قاتتىق پوستلۇق مېۋە ۋە يېڭى كۆكتاتلارنى ياخشى كۆرىدۇ، ھەر كۈنى بىر سىقىم قاتتىق پوستلۇق مېۋە (ياڭاق مېغىزى، يەر ياڭىقى ۋە قارىغاي ئۇرۇقى مېغىزى قاتارلىقلار) يەپ بەرگەندە، تەركىبىدىكى فوسفاتىد تەركىبى نېرۋا ھۈجەيرىلىرى بىلەن بىرىكىش ھاسىل قىلىدۇ. فوسفاتىد تەركىبىدىكى مول بولغان خولىن مېڭىنىڭ ساقلاش سىغىمىنى كېڭەيتىدۇ،
ئۇچۇر يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئەستە ساقلاشقا ياردەم بېرىپ، ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
2. مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش
ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندە 4 ~ 5 قېتىم 30 مىنۇتتىن ئارتۇق ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت قىلسا ياخشى. مەسىلەن، تېز مېڭىش، ئاستا يۈگۈرۈش، ئارغامچا سەكرەش قاتارلىقلار. بەدەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، چوڭ مېڭىنىڭ ئايلىنىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، تەشۋىشلىنىش ئالامەتلىرىنى ياخشىلايدۇ.
3. يېتەرلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش
ئۇخلاشتىن بۇرۇن بارلىق ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئېتىۋېتىپ، دېرىزە پەردىسىنى تارتىۋېتىپ، چىراغنى ئۆچۈرۈپ، ھەر كۈنى 7 ~ 8 سائەت ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
تارىختىكى بۈگۈندە:
- 2020: قانداق قىلغاندا ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇق ۋە ھەرىكىتى تەڭپۇڭ بولىدۇ؟(0 باھا بار )
- 2020: دىئابېت بىمارلىرى زادى قانداق ھەرىكەت قىلىش كېرەك؟ دىئابېت كېسىلى ئىلمىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى E.P. Josl(0 باھا بار )
- 2020: بالىلار تولۇق يېتىلمىسە قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟(0 باھا بار )
- 2020: سېمىز بالىلار ۋىتامىن D تولۇقلىسا ئورۇقلىشىغا پايدىلىق(0 باھا بار )
- 2020: بوۋاقلار تۇغۇلۇپ بىر سائەت ئىچىدە ئانا سۈتى بىلەن بېقىلىش كېرەك(0 باھا بار )