ساغلاملىق بىلىملىرى

بەزى ياشلار نېمە ئۈچۈن ياشانغانلاردىنمۇ ئۇنتۇغاق بولىدۇ؟

 

ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

092319443969200000015581

يېقىندىن بۇيان ياشلاردىكى ھەر خىل كېسەللىك ئالامەتلىرى كىشىلەرنىڭ بەس-مۇنازىرىسىنى قوزغىدى، مەسىلەن: چاچ چۈشۈش، تۈنەش، بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىپ، ئاسان ئورۇقلىيالماسىق، باشقىلارنىڭ ئىسمىنى ئەستە تۇتالماسلىق، ۋاقىت بەك تېز ئۆتۈۋاتقاندەك ھېس قىلىش، بايا قىلماقچى بولغان ئىشنى ناھايىتى تېزلا ئۇنتۇپ كېتىش، ھارغىنلىق ھېس قىلىش، پەلەمپەيگە چىقىپ ئىككى قەدەم مېڭىپلا دېمى سىقىلغاندەك ھېس قىلىش، ئۆزىنى ياشانغانلاردەك كۈتۈش، ئۇنتۇغاقلىق قاتارلىقلار.

092319445684400000015581

ئۇنداقتا بۇ ياشلارغا زادى نېمە بولدى؟

ئەمەلىيەتتە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ چېكىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ناھايىتى كۆپ، بەزىلىرى فىزىيولوگىيەلىك سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان، بەزىلىرى قوشۇمچە كېسەللىكلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

1. فىزىيولوگىيەلىك ئامىللار

يېقىندا ئېلان قىلىنغان تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئادەم مېڭىسىنىڭ بىلىش ئىقتىدارى 35 ياش ۋاقتىدا يۇقىرى پەللىگە يېتىدىكەن، 35 ياشتىن كېيىن تەدرىجىي ئاجىزلاشقا باشلايدىكەن، بولۇپمۇ 45 ياشتىن كېيىن چوڭ مېڭىنىڭ چېكىنىش سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك تېزلىشىدىكەن. بۇ ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى توسالغۇغا ئۇچراشنىڭ دائىم كۆرۈلىدىغان سەۋەبى بولۇپ، ئادەتتە تەرەققىياتى ئاستا بولىدىكەن. بۇ ئالامەتلەر يېشى چوڭىيىپ قالغانلاردىلا ئەمەس، بىر قىسىم تۇرمۇش ئادىتى قالايمىقان بولغان ياشلاردىمۇ كۆرۈلىدىكەن.

092319445053800000015581

2. ناچار تۇرمۇش ئۇسۇلى

(1) 65 ياشتىن بۇرۇنقى سېمىزلىك: 65 ياشتىن بۇرۇنقى سېمىزلىك ئادەمنىڭ بىلىش ئىقتىدارىنى يېنىك دەرىجىدە توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدىكەن، يۈز بېرىش خەتىرى نورمال بەدەن ئېغىرلىقىدىكى كىشىلەرگە قارىغاندا كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولىدۇ.

(2) تاماكا چېكىش: تارقىلىشچان كېسەللىكلەر تەتقىقاتىدا ئىسپاتلىنىشىچە، تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭ 2.14 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن.

(3) ھاراق ئىچىش: ئۇزاق مۇددەت كۆپ مىقداردا ھاراق ئىچكەندە، ئاستا خاراكتېرلىك ئىسپىرتتىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بىلىش ئىقتىدارىغا كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ.

(4) تۇرمۇش ۋە دەم ئېلىشنىڭ ساغلام بولماسلىقى: چوڭ مېڭە ياخشى ئۇيقۇغا تايىنىپ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك. ياشلارنىڭ ناچار تۇرمۇش ۋە دەم ئېلىشى، مەسىلەن: تۈن بويى كىرپىك قاقماسلىق، ئۇزاق مۇددەت ئۇيقۇسى كەم بولۇش، ئۇيقۇ سۈپىتى تۆۋەن بولۇش قاتارلىقلار ئاسانلا ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى چېكىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

092319451645000000015581

3. كېسەللىكلەر

ياشلاردا ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ئاسانلا چېكىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىكلەر ئاساسلىقى جىمىغۇرلۇق كېسىلى، بەدەن خاراكتېرلىك تۆۋەن قان بېسىمى ۋە باش قىسمى زەخىملىنىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئۇنىڭدىن باشقا، تۇرمۇش ئۇسۇلى سەۋەبىدىن ياشلارنىڭ قان بېسىمى، قاندىكى قەنت مىقدارى يۇقىرى بولۇپ كېتىش ئەھۋاللىرى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. بۇ كېسەللىكلەر ياشلاردا ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ئاسانلا چېكىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

092319454049200000015581

4. باشقا ئامىللار

ئۇزاق مەزگىللىك روھىي جىددىيلىك، ياش ۋاقتىدىكى تۆۋەن مائارىپ سەۋىيەسى، ئوتتۇرا ياش مەزگىلىدىكى ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىشى ياكى يوقىلىشى، ئۇخلىغاندا نەپەس ۋاقىتلىق توختاش قاتارلىقلارمۇ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.

0924093357671000000000000153

ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىشىمىز كېرەك؟

ئوقۇش، شاھمات ئويناش قاتارلىق ئەقلىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش، دىيابېت كېسىلىدىن ساقلىنىش، باش قىسمىنىڭ سىرتقى يارىلىنىشىدىن ساقلىنىش، يۇقىرى قان بېسىمدىن ساقلىنىش، تۆۋەن قان بېسىمىدىن ساقلىنىش، ياخشى بولغان پىسخىك ساغلاملىق ھالىتىنى ساقلاش، كەيپىياتنى ئازادە تۇتۇش، زىيادە جىددىيلىشىشتىن ساقلىنىش كېرەك.


 

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى