ساغلاملىق بىلىملىرى

دىققەت! بۇ كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر ئايتوقاچنى ئاز يېيىش كېرەك

ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى خەۋىرى:

092321411877800000015581

جۇڭچيۇ بايرىمىدا دوستلىرىڭىز، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭىز سوۋغا قىلغان ئايتوقاچلارنى تاپشۇرۇۋالدىڭىزمۇ؟ ياقتۇردىڭىزمۇ؟

گەرچە ئايتوقاچ تەملىك، چوڭ-كىچىك ھەممەيلەن ياقتۇرىدىغان يېمەكلىك بولسىمۇ، ئايتوقاچ يېگەندە ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك. بېيجىڭ شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىش مەركىزى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، گەرچە ئايتوقاچ تەملىك بولسىمۇ، لېكىن ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ياخشى ئەمەس، دىيابېت كېسىلى، سېمىزلىك، قاندىكى ماي مىقدارى يۇقىرى، ئارتېرىيە قېتىشىش، يۇقىرى قان بېسىمى ۋە تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بار ياشانغانلار ئامال بار ئايتوقاچنى ئاز يېيىشى ياكى مۇۋاپىق مىقداردا يېيىشى كېرەك.

092321412211900000015581

ئۇنىڭدىن باشقا، بازاردا سېتىلىۋاتقان بىر قىسىم قەنتسىز ئايتوقاچلارغا شېكەر قوشۇلمايدۇ، ئەمما باشقا تاتلىق تەم كىرگۈزگۈچىلەر، مەسىلەن: كىسىلىتول، ئارپا ئۈندۈرمىسى ئالكوھولى، سوربىتول قاتارلىقلارنى ئىشلىتىدۇ. شۇڭا بۇ قەنتسىز ئايتوقاچلار پۈتۈنلەي قەنتسىز ھېسابلانمايدۇ. دىيابېت بىمارلىرى يەنىلا مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىشى كېرەك.

092321413159300000015581

ياشانغانلار ئايتوقاچ يېگەندە قايسى مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟

بېيجىڭ شەھەرلىك كېسەل مۇداپىئە-كونترول مەركىزى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئايتوقاچ يېيىشتىن بۇرۇن ئورالمىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتى، سۈپەت كاپالەت مۇددىتىنى ئېنىق كۆرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ساقلىنىش شارائىتىغا دىققەت قىلىش كېرەك، بولۇپمۇ بەزى ئالاھىدە ئايتوقاچلار (مەسىلەن: گۈل، مېۋە-چېۋە، كۆكتات، ماروژنىلىق ئاي توقاچ قاتارلىقلار). ئۇنىڭدىن باشقا، يېڭى ياسالغان ئايتوقاچنىڭ سىرتقى شەكلى تولغان، گۈل نۇسخىلىرى ئېنىق، رەڭگى ئوچۇق، پارقىراق، تەمى يۇمشاق بولىدۇ. كونا، سۈپەتسىز ئايتوقاچلارنىڭ رەڭگى بىنورمال، تۇتۇق، قۇرۇتۇلغان بولىدۇ، پۇرىغاندا غەلىتە پۇراق چىقىپ تۇرىدۇ، بۇ خىلدىكى ئايتوقاچلارنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ، ئايتوقاچنى ناشتىلىق ياكى تاماق ئورنىدا يېمەسلىك كېرەك. ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئايتوقاچنىڭ ئوزۇقلۇق ئالاھىدىلىكى يۇقىرى ئېنېرگىيە، يۇقىرى ماي، يۇقىرى قەنتتىن ئىبارەت. نۇرغۇن كىشىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرى جەم بولغاندا يېيىشكە ماس كېلىدىغان يېمەكلىك دەپ قاراپ يەيدۇ. ئايتوقاچنى ئاز مىقداردا يېيىشكە بولىدۇ، ھەرگىزمۇ چەكتىن ئاشۇرۇپ يېيىشكە بولمايدۇ».

092321414087100000015581

بېيجىڭ شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىش مەركىزى يەنە مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: «ئوزۇقلۇق قىممىتى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئايتوقاچنىڭ ئېنېرگىيەسى يۇقىرى، ماي مىقدارى يۇقىرى، قەنت مىقدارى يۇقىرى. بايرامدا ئۈستەل ئۈستىدە تاماق، قورۇما، بېلىق، تۇخۇم، گۆش قاتارلىقلار ئىنتايىن مول بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك، ماي مىقدارى يۇقىرى، يۇقىرى قەنتلىك ئايتوقاچلارمۇ كۆپچىلىكنىڭ ئۈستىلىدىن ئورۇن ئالىدۇ. شۇڭا ھەر كۈنى ئۈچ ۋاق تاماقتا يېمەكلىكنى تەڭشەشكە دىققەت قىلىپ، يېمەكلىكنىڭ كۆپ خىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاساسلىق تاماقنىڭ مىقدارىنى مۇۋاپىق ئازايتىپ، يېڭى كۆكتات، مېۋە ـ چېۋىلەرنى، ئاز ماي، تۇزنى ئاز يەپ، شېكەرنى كونترول قىلىپ، ھاراقنى چەكلەش كېرەك، ئايتوقاچنى بىراقلا كۆپ يېمەسلىك كېرەك».

092321414736200000015581

1. ئايتوقاچ ھەقىقەتەن يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك يېمەكلىك.

ئەگەر بىر دانە ئايتوقاچنىڭ ئېغىرلىقى 100 گىرام بولسا، بىر كۈندە تۆت پارچە ئايتوقاچ يېسە، قوبۇل قىلغان ئېنېرگىيە بىر كۈن ئىچىدىكى ئادەم ئېھتىياجلىق ئېنېرگىيەدىن ئېشىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بايرام مەزگىلىدە تاماقمۇ ئىنتايىن مول بولۇپ، ئاسانلا ئېنېرگىيە ئوشۇقچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

100 گىرام ئاي توقاچنىڭ ئېنېرگىيەسى خورىتىش ئۈچۈن 10 سائەت ئوتتۇرھال سۈرئەتتە مېڭىش، بەش سائەت ئاستا يۈگۈرۈش، 3.5 سائەت تېز يۈگۈرۈش ياكى سۇ ئۈزۈش كېرەك.

092321424162600000015581

2. ئايتوقاچ ھەقىقەتەن مايلىق.

100 گىرام ئاي توقاچنىڭ ماي تەركىبى تەخمىنەن 37.8 گىرام بولىدۇ. 100 گىرام ئاي توقاچ يېيىش بىر جىڭ ئەتراپىدا (478 گىرام) گۆش ئىستېمال قىلغاندا ئېرىشكەن ياغقا باراۋەر.

3. ئايتوقاچتا راستتىنلا شېكەر يوق، ئەمما پۈتۈنلەي قەنتسىز ھېسابلانمايدۇ.

ئايتوقاچ ئاساسلىقى ئۇن ياكى گۈرۈچ ئۇنىدىن ياسىلىدۇ، ئۇنىڭغا شېكەر قوشۇلمىغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ ئاساسلىق تەركىبى كىراخمال قاتارلىق كاربون سۇ بىرىكمىلىرى بولىدۇ، شۇڭا ئايتوقاچ پۈتۈنلەي قەنتسىز ھېسابلانمايدۇ.

092321425541400000015581

4. تۆۋەن ناترىيلىق ئايتوقاچ ئەڭ ياخشى تاللاش.

ناترىينىڭ زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىنىشى ياشانغانلارنىڭ قان بېسىمىنى كونترول قىلىشىغا پايدىسىز بولۇپ، سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدۇ. ئايتوقاچلار ئارىسىدىكى پەرق ناھايىتى چوڭ بولۇپ، چوڭلارنىڭ كۈندىلىك تۇز قوبۇل قىلىش مىقدارى بەش گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئايتوقاچ سېتىۋالغاندا ئوزۇقلۇق بەلگىسىگە تەپسىلىي قاراپ، تۆۋەن ناترىيلىق ئايتوقاچنى تاللاش كېرەك.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى