ساغلاملىق بىلىملىرى

ئاق كېسەل نېمە سەۋەبتىن پەيدا بولىدۇ؟

ئاق كېسەل بىر خىل كۆپ كۆرۈلىدىغان تېرە كېسەللىكى بولۇپ، ئۇنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىمۇ بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ، ئەمما ھەر قانداق كېسەللىكنىڭ يۈز بېرىشىدە سەۋەب بولىدۇ، شۇڭا كۆپچىلىك ئاق كېسەلگە گىرىپتار بولۇشنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنگەندىلا، ئاندىن كېسەللىك سەۋەبىنى قاراتمىلىق ھالدا داۋالىغىلى بولىدۇ، ئۇنداقتا ئاق كېسەل نېمە سەۋەبتىن كېلىپ چىقىدۇ؟

092416524189900017234601

2. مىكرو ئېلېمېنتلار كەمچىل بولۇش.
مىكرو ئېلېمېنتلارنىڭ كەمچىل بولۇشىمۇ ئاق كېسەلنى پەيدا قىلىدىغان ئامىل، چۈنكى مىكرو ئېلېمېنتلار، مەسىلەن: مىس (铜)، سىنك (锌)، سېلېن (硒)، يود (碘) قاتارلىقلار بىمارنىڭ بەدىنىدە ماددا ئالمىشىشنى پەيدا قىلىپ، قارا پىگمېنت ھۈجەيرىلىرىنىڭ بىرىكىشگە بىۋاسىتە قاتنىشىدۇ، ھەمدە يۇقارقى ئېلېمېنتلار قارا پىگمېنت ھۈجەيرىلىرىنى قوغداپ، ئېغىر مېتال زەھىرىنىڭ (重金属毒物) زەخىملەندۈرۈشىدىن ساقلىنىش رولىنى ئويناپ ئاق كېسەلنى پەيدا قىلىدۇ.
3. روھىي ئامىل.
تۇرمۇش رىتىمىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت جەھەتتىكى بېسىمىمۇ ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بارماقتا، شۇنىڭغا ئەگىشىپ روھىي جەھەتتىكى بېسىمىمۇ ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، ئاق كېسەل بولۇش نىسبىتى كۈنسېرى ئاشتى. شۇڭا، ئاق كېسەل پەيدا بولىشىدا، بىمارنىڭ ئۆزىدىكى روھىي ئامىلىمۇ ئاق كېسەلنى پەيدا قىلىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

092416532975800017234601

4. تاشقى زەخىمە ئامىلى.
ئەمەلىيەتتە بەدەن مېخانىكىلىق تاشقى زەخىمگە ئۇچرىغاندا، مەسىلەن، كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئۈششۈك، كۆيۈك، ئوپېراتسىيە ئورنى قاتارلىق يەرلىك ئورۇندىكى تېرە ئاقىرىپلا قالماستىن يەنە باشقا جايلاردىكى تېرىنىڭمۇ ئاقىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ئاساسلىقى قارا پىگمېنت ھۈجەيرىلىرى زەخىملەنگەنلىكتىن، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاق كېسەلنى پەيدا قىلىدۇ. ئاق كېسەلنىڭ پەيدا بولۇشى يەنە مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئۇنىڭدىن سىرت يەنە يېمەكلىكتىكى دېھقانچىلىق دورىسى قالدۇقىنىڭمۇ ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. شۇڭا كۆپچىلىك ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلىشى كېرەك.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

بىر باھا

  1. قارا پېگمىنت ھۈجەيرىلىرىنى قوغداپ، ئېغىرمېتال زەھىرىنىڭ زەخمىلەندۇرۇشىدىن ساقلىنىش رولىنى ئويناپ ئاق كىسەل پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالامدۇ ياكى ئاق كىسەل پەيدا قىلامدۇ؟

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى