
1. نېمە ئۈچۈن يۈرەككە تىرەك سالغاندىن كېيىن، يەنە تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىدۇ؟
يۈرەككە تىرەك سېلىش ئوپېراتسىيەسى پەقەت يۈرەكنىڭ يېقىن ئارلىقتىكى ئاساسىي چوڭ تومۇرلىرىدىكى تارىيىش مەسىلىسىنى ھەل قىلالايدۇ، ئەمما يۈرەكنىڭ ئۇششاق قان تومۇرلىرىدا يەنىلا تارىيىش ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، ھەتتا قان تومۇرلار پۈتۈنلەي توسۇلۇپ، ئىقتىدارىنى يوقىتىشىمۇ مۇمكىن. بۇ چاغدا چوڭ قان تومۇرلار راۋانلاشقان تەقدىردىمۇ، يۈرەكنىڭ نورمال ئىقتىدارىغا ئېغىر تەسىر يېتىپ، بىمارلار ئاسانلا باشقا قان تومۇرلارنىڭ توسۇلۇپ قېلىشى سەۋەبلىك تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئادەم بەدىنىدىكى قان تومۇرلاردا نۇرغۇن تارماق كىچىك قان تومۇرلار بولىدۇ، سىزنىڭ A قان تومۇرىڭىز توسۇلۇپ قالغاندا، يۈرەككە تىرەك سېلىش ئارقىلىق پەقەت A قان تومۇرىڭىزنىڭ توسۇلۇپ قېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ، ئەمما A قان تومۇرنىڭ باشقا تارماق كىچىك قان تومۇرلىرىدىكى توسۇلۇپ قېلىش مەسىلىسىگە كاپالەتلىك قىلالمايدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، تىرەكنىڭ مەقسىتى توسۇلۇپ قالغان قان تومۇرلارنى راۋانلاشتۇرۇش بولۇپ، بۇ جەرياندا بۇنىڭدىن باشقا يېڭى مەسىلىلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن، مەسىلەن، ئەتراپتىكى كىچىك قان تومۇرلار بېسىلىپ قالدىغان ياكى ئەسلىدە بار بولغان داغ پارچىلىرىنىڭ ئەتراپتىكى كىچىك قان تومۇرلارغا كىرىپ كېتىپ، بۇ تومۇرلارنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭا، يۈرەككە تىرەك سېلىش ئوپېراتسىيەسى پەقەت قان تومۇرنىڭ تار يېرىگە قارىتىلغان بولۇپ، باشقا قان تومۇرلاردا مەسىلە بار يوقلىقىغا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ، شۇڭا يەنىلا بىمارلارنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى بولىدۇ.
2. يۈرەككە تىرەك سالسا ئۇزۇن ياشىيالمامدۇ؟
يۈرەككە تىرەك سېلىش ئىزچىل ئەيىبلىنىۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە «يۈرەككە تىرەك سالسا ئۇزۇنغا بارمايدۇ» دېگەن پىتنە-ئىغۋا ئىزچىل تارقىلىپ كېلىۋاتىدۇ، ئۇنداقتا ئەھۋال راستلا شۇنداقمۇ؟
بۇنى بىر پارچە ماقالىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.
2014 ـ يىلى، «قورقۇنچلۇق يۈرەك تىرىكى» ناملىق ماقالە توردا كەڭ تارقالدى، بۇ ماقالىدە يۈرەك تىرىكى ئوپېراتسىيەسىگە ئائىت نۇرغۇن ئەيىبلەشلەر يېزىلغان بولۇپ، ماقالىدە بۇ ئوپېراتسىيەنى «ئەخلاقسىز ئوپېراتسىيە» دەپ ئەيىبلىگەن.
مەزكۇر ماقالىنىڭ قارىشىچە، يۈرەككە تىرەك سېلىش ئوپېراتسىيەسى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىلا شاللىۋېتىلگەن تېخنىكا بولۇپ، باھاسى يۇقىرى، قالدىغان پايدىسى كۆپ كەسىپ دەپ كۆرسىتىلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە كىشىنىڭ دىققىتىنى ئەڭ تارتىدىغىنى شۇكى، ماقالىدە ئاپتور بىمارلارنىڭ يۈرەك تىرىكى ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرسا ئۇزۇن ياشىيالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان، ھەمدە بۇ ئوپېراتسىيە ناھايىتى خەتەرلىك بولۇپ، تېرەك ئەگەر تۇيۇقسىز ئورنىدىن قوزغىلىپ كەتسە، ئادەم ئۈچ مىنۇت ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىدۇ، بۇ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىدىنمۇ خەتەرلىك، دەپ قارىغان.
بۇ ماقالىدە، ئاپتور چەتئەلنىڭ مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللىرىدىن نۇرغۇن ئىسپاتلارنى كۆرسەتكەن. ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تور دۇنياسىدا غۇلغۇلا قوزغاپ، نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭغا شەكسىز ئىشەنگەن، لېكىن چوڭقۇرلاپ قارايدىغان بولساق، بۇ ماقالىدە نۇرغۇن يوچۇقلارنىڭ ساقلانغانلىقىنى بىلەلەيمىز.
ئالدى بىلەن، يۈرەككە تىرەك سېلىش ئوپېراتسىيەسى يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيان تەرەققىي قىلغان بىر خىل پىشقان تېخنىكا بولۇپ، ئاساسلىقى تاجسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان يۈرەك مۇسكۇلىغا قان يېتىشمەسلىك ۋە يۈرەك ئارتېرىيەسىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ، ھازىرغىچە دۇنيا مىقياسىدا كەڭ قوللىنىلماقتا.
نۆۋەتتە، يۈرەككە تىرەك سېلىش ئوپېراتسىيەسى جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنى داۋالاشتىكى ئىنتايىن ئۈنۈملۈك قۇتقۇزۇش تەدبىرى ھېسابلىنىدۇ. يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، يۈرەك سانجىقى بىمارلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ۋاقىت ھاياتلىققا باراۋەر، بىمارنىڭ ئۆلۈم خەۋپىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش ئۈچۈن، چوقۇم ئەڭ تېز سۈرئەتتە قان تومۇرنى ئېچىپ، تىرەك ئارقىلىق توسۇلۇپ قالغان قان تومۇرلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، ھالقىلىق پەيتتە بىمارنى قۇتقۇزۇشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا، يۈرەككە كۆۋرۈك سېلىش ئوپېراتسىيەسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، يۈرەككە تىرەك سېلىش ئوپېراتسىيەسى يۇقۇملىنىش خەتىرى كىچىك، جاراھەت ئېغىزى كىچىك بولۇش ۋە ئوپېراتسىيە بىر قەدەر ئاددىي بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، تىرەك ئوپېراتسىيەسى ئارقىلىق ھايات قالغانلارنىڭ سانى ئۆلۈپ كەتكەنلەردىن كۆپ بولىدىكەن.
شۇڭا، يۈرەككە تىرەك سالغاندىن كېيىن، ئۇزۇن ياشىيالمىغانلار، يۈرەككە تىرەك سالغانلىقىدىن بولماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى بەزى بىمارلار يۈرەككە تىرەك سېلىشقا ھەقىقەتەن ماس كەلمەيدۇ، يەنە بەزى بىمارلار ئوپېراتسىيەدىن كېيىن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارغا دىققەت قىلمايدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئوپېراتسىيەدىن كېيىن، ئۇزۇن ياشىيالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن.
تارىختىكى بۈگۈندە:
- 2020: قانداق قىلغاندا ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇق ۋە ھەرىكىتى تەڭپۇڭ بولىدۇ؟(0 باھا بار )
- 2020: دىئابېت بىمارلىرى زادى قانداق ھەرىكەت قىلىش كېرەك؟ دىئابېت كېسىلى ئىلمىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى E.P. Josl(0 باھا بار )
- 2020: بالىلار تولۇق يېتىلمىسە قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟(0 باھا بار )
- 2020: سېمىز بالىلار ۋىتامىن D تولۇقلىسا ئورۇقلىشىغا پايدىلىق(0 باھا بار )
- 2020: بوۋاقلار تۇغۇلۇپ بىر سائەت ئىچىدە ئانا سۈتى بىلەن بېقىلىش كېرەك(0 باھا بار )