ساغلاملىق بىلىملىرى

چوڭ كېسەلگە گىرىپتار بولۇشتىن بۇرۇن، بەدەندە پەيدا بولىدىغان توققۇز خىل بېشارەت!

ئەمەلىيەتتە ئادەم چوڭ كېسەلگە گىرىپتار بولۇشتىن بۇرۇن، بەدەندە توققۇز خىل كېسەللىك ئالامىتى پەيدا بولىدىغان بولۇپ، بۇ دەل بەدەننىڭ سىزگە بەرگەن بېشارىتىدۇر. ئۇنداقتا بىز تۆۋەندە بۇ كېسەللىك ئالامەتلىرى بىلە تونۇشۇپ چىقايلى!

092500341230000017234601

1. تۇيۇقسىز ئورۇقلاش
قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەم بەدەن چېنىقتۇرمىغان شارائىت ئاستىدا، بەدەن ئېغىرلىقى تۇيۇقسىز تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلىسە ھەمدە بىر ئاي ئىچىدە بەدەن ئېغىرلىقى تېز سۈرئەتتە 10 كىلوگىرامدىن ئارتۇق يېنىكلىسە، ئادەم ئۆزىنىڭ بەدىنىدە ئۆسمە بار-يوقلىقىدىن گۇمان قىلسا بولىدۇ.
دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ قېنىدىكى گىلۇكوزىدىن پايدىلىنىش يېتەرلىك بولمىغاچقا، بەدەن ئېھتىياجلىق بولغان ئېنېرگىيە ماي ۋە ئاقسىلدىن كېلىدۇ، شۇڭا دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ.
2. چىش مىلىكى قاناش
چىش مىلىكى قاناشنىڭ سەۋەبى بولسا ئاساسلىقى قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقتۇر. مەسىلەن، ئاق قان كېسىلى، قان پىلاستىنكىسى ئازلاش خاراكتېرلىك سۆسۈن داغ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

092500345233400017234601

3. تېرىنىڭ رەڭگىدە ئۆزگىرىش پەيدا بولۇش
ئاشقازان راكى، ئۆپكە راكى، مەزى بېزى راكى قاتارلىق راك كېسەللىكى بىمارلىرىنىڭ تېرىسىدە قىزىرىش، تېرە كېپەكلىشىش، بەدەن ئىششىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
ئاياللار كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاياللارنىڭ يۈز تېرىسىدە ئاسانلا داغ پەيدا بولىدۇ. مەسىلەن: بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى، تۇخۇمدان خالتىلىق ئىششىقى، ھەيز قالايمىقانلىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەر.
4. قىزىش ۋاقتى ئۇزىراش
قايتا-قايتا قىزىغان دىيابېت بىمارلىرى جىگىرىدە خالتىلىق ئىششىق پەيدا بولغان-بولمىغانلىقىدىن گۇمان قىلىش كېرەك. بۇ كېسەللىكنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىرى: بەدەن قىزىش، تىترەش قاتارلىقلار. ئەگەر بىمار ئۈچ ھەپتە ياكى ئۈچ ھەپتىدىن ئارتۇق قىزىسا ھەمدە تەكشۈرسىمۇ ھېچقانداق كېسەللىك سەۋەبىنى بايقىمىسا، ئۇنداقتا ئۆزىنىڭ تۇبېر كۇليۇز كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ياكى بولمىغانلىقىنى تەكشۈرتسە بولىدۇ.

092500355845600017234601

5. چىش سەۋەبسىز ئاغرىش
ئۈچلۈك نېرۋا ئاغرىش كېسىلى (三叉神经痛) بار بىمارلاردا كېسەللىك قوزغالغاندا، ئاغرىق ھەر قېتىمدا پەقەت بىر نەچچە سېكۇنت ياكى بىرنەچچە مىنۇت داۋاملىشىپ، تۇيۇقسىز توختايدۇ. لېكىن تاماق يېگەندە ياكى چىشىنى چوتكىلىغاندا ئاغرىق يەنە پەيدا بولىدۇ.
تاجسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلاردا يۈرەك سانجىقى يۈز بەرگەندە، دائىم دېمى سىقىلىش، كۆكرەك ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈشى ناتايىن، ئاز ساندىكى كىشىلەردە يەنە چىش ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
6. تېرە قىچىشىش.
جىگەر كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلاردا، جىگەر ئىقتىدارى نورمالسىزلىشىش، جىگەر بىئارام بولۇش ۋە سېرىقلىق چۈشۈش، تېرە قىچىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
ئوتتۇرا ياش، ياشانغان دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىدا، قان شېكىرى يۇقىرى بۇلۇش سەۋەبىدىن، بەدىنىدە دائىم قىچىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

092500364885600017234601

7. بەدەندە تۇيۇقسىز مونەك پەيدا بولۇش
خودكىن لىمغا ئۆسمىسى (霍奇金氏淋巴瘤) بىمارلىرىنىڭ چات يېرىقى ئاستىدا ئاغرىقسىز ئىششىق پەيدا بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە كېچىدە كۆپ تەرلەش، تېرە قىچىشىپ ئەسۋا چىقىش، قىزىش ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ.
مەسىلەن، بىمار ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇپ قالغان بولسا، قورساق قىسمىدا مونەك پەيدا بولۇپ قالىدۇ. سۈت بېزى راكى بىمارلىرىنىڭمۇ ئەمچەك توپچىسى ئەتراپىدا مونەك پەيدا بولىدۇ.
8. پۇت ماغدۇرسىزلىنىش
بەزى بىمارلاردا پۇت ماغدۇرسىزلىنىش، بەل-پۇت ئاغرىش ئەھۋاللىرى كۆرىلىدۇ، بۇ چاغدا بەل ئومۇرتقىسىدا مەسىلە بار-يوقلۇقىنى ئويلىشىش كېرەك، چۈنكى بەل ئومۇرتقا ئارىلىقى تارىيىپ كەتكەندە، يۇلۇننى بېسىۋېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بەل-پۇت ماغدۇرسىزلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
ئەگەر بىر پۇت ماغدۇرسىزلىنىپ، لېكىن ئاغرىمىسا، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان-بولمىغانلىقىنى گۇمان قىلمىسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر ئىككىلا پۇتتا ماغدۇر بولمىسا، مېڭە تىقىلمىسى خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

092500372435600017234601

9. دائىم كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىش
مېڭە ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولغان قىسمەن بىمارلاردا دائىم كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىش ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ.
سەكتە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارنىڭ دائىم كۆز ئالدى تۇيۇقسىز قاراڭغۇلىشىدۇ ھەمدە بەدەننىڭ قىسمەن جايلىرى پالەچلىنىش، نەرسىلەر قوش كۆرۈنۈش ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ، ئەمما بۇ ئەھۋال ناھايىتى تېزلا پەسىيىدۇ ھەمدە 24 سائەت ئىچىدە كېسەللىك ئالامىتى يوقايدۇ.
ئەگەر يۇقىرىقى ئالامەتلەر كۆرۈلسە، چوقۇم ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك، ئەگەر چوڭ كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولسا، بالدۇرراق دوختۇرخانىغا كۆرۈنۈپ داۋالىتىش كېرەك.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى