
بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئۆي ئىچىنى نەپىس بېزەش مودا بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ھەشەمەتلىك، ئىللىق ئائىلە مۇھىتى كىشىگە ئارام بەخش ئېتىش بىلەن بىرگە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ. لېكىن، ئۆي ئىچى مۇھىتىنىڭ بۇلغىنىشى ئادەم بەدىنىگە غايەت زور زىيان يەتكۈزىدۇ. ئۆي ئىچىنى زىننەتلەش، لايىھەلەش، ماتېرىيال تاللاشنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى تۈپەيلىدىن فورمالدېھىد، بېنزول، TVOC ۋە زور مىقداردىكى كېسەل قوزغاتقۇچى مىكرو ئورگانىزملار ئۆي ئىچى مۇھىتىدا پارازىتلىنىپ، كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. بىخەتەر، ساغلام ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆي ئىچىدىكى كېسەللىك قوزغاتقۇچى مىكرو ئورگانىزملارنى ۋە زىيانلىق گازلارنى تىزگىنلەش ئۆي ئىچى مۇھىتىنىڭ بۇلغىنىشىنى ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئاساسىي يۈزلىنىشى بولۇپ قالىدۇ. ئۆي ئىچى ھاۋاسىنى ياخشىلاشنى كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ!
ئالدىنى ئېلىش باسقۇچى ۋە ئۇسۇلى
1. فىزىكىلىق ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى
(1) بۇلغىما مەنبەسىنى كونترول قىلىش: نەم ھاۋانى تۆۋەنلىتىپ ۋە يوقىتىپ، باكتېرىيە ۋە زەمبۇرۇغ قاتارلىق مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ياشىشىغا ماس كېلىدىغان مۇھىتنى ئازايتىش كېرەك.
(2) ھاۋا ئالماشتۇرۇش: ئۆي ئىچىدىكى زىيانلىق گاز، باكتېرىيە ۋە ۋىرۇس قاتارلىق كېسەللىك قوزغاتقۇچى جانلىقلارنى سىرتقا چىقىرىپ، ئۆي ئىچى ھاۋاسىنىڭ بۇلغىنىشىنى تۆۋەنلىتىش.
(3) ھاۋانى ساپلاشتۇرۇش: ھاۋا ساپلاشتۇرغۇچ قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆي ئىچىدىكى زىيانلىق گاز ۋە كېسەللىك قوزغاتقۇچى جانلىقلارنى چىقىرىۋېتىش كېرەك.
2. خىمىيەلىك ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى
(1) خىمىيەلىك دورا ئارقىلىق ئۆي ئىچى مۇھىتىدىكى زىيانلىق گاز ۋە يوشۇرۇن كېسەللىك قوزغاتقۇچى جانلىقلارنىڭ بۇلغىنىش مەنبەسىنى ئازايتىش كېرەك.
(2) باكتېرىيەگە قارشى ئورگانىك دورىلار: باكتېرىيەگە قارشى ئورگانىك دورىلاردىن ئورگانىك خىلور، ئورگانىك گۈڭگۈرت ۋە ئورگانىك ئازوت قاتارلىق بىرىكمىلەر ئىشلىتىلىدۇ.
3. بىيولوگىيەلىك ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى
ئۆي ئىچىدىكى يېشىل ئۆسۈملۈكلەر زىيانلىق گاز، چاڭ توزان قاتارلىقلارنى ئۈنۈملۈك سۈمۈرۈپ، ئۆي ئىچىدىكى بۇلغىنىشنى ئازايتىدۇ.
تەبىئىي ئۆسۈملۈكلەردىن ئېكستراكتلاپ ئېلىنغان ماددا، فېرمېنتلار، كېسەللىك قوزغاتقۇچى جانلىقلار، غەيرىي پۇراق ۋە فورمالدېھىد قاتارلىقلار بۇلغىشىنى تىزگىنلەيدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ.
تارىختىكى بۈگۈندە:
- 2020: قانداق قىلغاندا ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇق ۋە ھەرىكىتى تەڭپۇڭ بولىدۇ؟(0 باھا بار )
- 2020: دىئابېت بىمارلىرى زادى قانداق ھەرىكەت قىلىش كېرەك؟ دىئابېت كېسىلى ئىلمىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى E.P. Josl(0 باھا بار )
- 2020: بالىلار تولۇق يېتىلمىسە قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟(0 باھا بار )
- 2020: سېمىز بالىلار ۋىتامىن D تولۇقلىسا ئورۇقلىشىغا پايدىلىق(0 باھا بار )
- 2020: بوۋاقلار تۇغۇلۇپ بىر سائەت ئىچىدە ئانا سۈتى بىلەن بېقىلىش كېرەك(0 باھا بار )