
ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىشنىڭ سەۋەبى
1. روھىي جىددىيلىك
ئەگەر ئۇزۇن مەزگىل ئىچى تىتىلداش، تەشۋىشلىنىش كەيپىياتىدا بولسا نېرۋىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، نېرۋا بولسا ئىچكى ئاجراتما ۋە ئىممۇنىتېت سىستېمىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، دائىم جىددىي كەيپىيات ئاستىدا تۇرغاندا، ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
2. بەدەن چارچاش
ئەگەر دائىم ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ تۈنىسە، ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق ياكى زىيادە چارچاپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، نېرۋىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىپ، ئىچكى ئاجراتما ۋە ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. يېمەك-ئىچمەك تەڭپۇڭسىزلىقى
ئەگەر ئادەتتە يېمەك-ئىچمەك، تۇرمۇش قانۇنىيەتسىز بولسا، تاماق يېيىش ۋاقتى مۇقىم بولمىسا ياكى تاماق تاللاش، يېمەك-ئىچمەك قالايمىقان بولسا، ئىممۇنىتېت سىستېمىسى تەسىرگە ئۇچراپ، كېرەكلىك ئوزۇقلۇقنى قوبۇل قىلالماي، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.
4. زىيادە پاكىز بولۇش
بەدىنىمىزدە بىر خىل فىزىيولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇق مەۋجۇت، ئەگەر زىيادە پاكىز بولسا، ئىممۇنىتېت سىستېمىسى زىيادە پاكىز مۇھىتقا ماسلاشسا، ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ، بەدەن ساغلاملىقىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۈچ خىل ياخشى ئادەت ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ.
1. يېتەرلىك ئۇيقۇنى ساقلاش
2. ساغلام، مۇۋاپىق يېمەك-ئىچمەكنى ساقلاش
3. ھەرىكەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش
تارىختىكى بۈگۈندە:
- 2020: قانداق قىلغاندا ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇق ۋە ھەرىكىتى تەڭپۇڭ بولىدۇ؟(0 باھا بار )
- 2020: دىئابېت بىمارلىرى زادى قانداق ھەرىكەت قىلىش كېرەك؟ دىئابېت كېسىلى ئىلمىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى E.P. Josl(0 باھا بار )
- 2020: بالىلار تولۇق يېتىلمىسە قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟(0 باھا بار )
- 2020: سېمىز بالىلار ۋىتامىن D تولۇقلىسا ئورۇقلىشىغا پايدىلىق(0 باھا بار )
- 2020: بوۋاقلار تۇغۇلۇپ بىر سائەت ئىچىدە ئانا سۈتى بىلەن بېقىلىش كېرەك(0 باھا بار )