ساغلاملىق بىلىملىرى

ھەر كۈنى يول مېڭىشنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ قانداق پايدىلىق تەرەپلىرى بار؟

 

سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

092510540786900000015581

2017-يىلىدىكى بىر تۈرلۈك ئالاقىدار تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىز كىشىلىرىنىڭ كۈندىلىك يول مېڭىشى دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىكەن.

بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، دۆلىتىمىز كىشىلىرىنىڭ يول مېڭىشقا بولغان ئاكتىپلىقى ئەڭ يۇقىرى. دۆلىتىمىز كىشىلىرىنىڭ ھەممىسى يول مېڭىشنى ئەڭ ياخشى ھەرىكەت دەپ قارايدۇ.

ئۇنداقتا يول مېڭىشنىڭ پايدىلىق تەرىپى زادى قەيەردە؟

092510550113200000015581

1. يول ماڭغاندا كۆپ خىل راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

راك كېسەللىكىگە ياردەم بېرىش مەركىزىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، ھەر كۈنى 1.6 كىلومېتىر يول مېڭىشتا چىڭ تۇرغان ھەمدە 20 مىنۇت ئىچىدە مېڭىپ بولسا سۈت بېزى راكى، مەزى بېزى راكى، ئۈچەي راكىنى قاتارلىق راك كېسىلىنى داۋالاشتا كۆرۈنەرلىك پايدىسى بار ئىكەن، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %50 ئۆلۈم خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.

092510541990500000015581

(1) سۈت بېزى راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

فىرانسىيە ئالىملىرى 4 مىليون ئايالغا قارىتا بىر تۈرلۈك تەتقىقات ئېلىپ بارغان، تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، مەيلى قايسى ياشتىكى ئاياللار بولسۇن، ھەر كۈنى بىر سائەت تېز ماڭغاندا سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى %12 تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.

092510560186000000015581

(2) ئۈچەي راكىنىڭ خەتىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

خارۋارد داشۆسىدە ئېلىپ بېرىلغان ئۇزاق مۇددەتلىك تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، ھەر كۈنى بىر سائەت يول ماڭغاندا چوڭ ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرى %50 تۆۋەنلەيدىكەن.

092510563689300000015581

(3) مەزى بېزى راكى ياخشىلىنىدۇ.

ئامېرىكا كالىفورنىيە داشۆسىدە ئېلىپ بېرىلغان ئۇزاق مۇددەتلىك ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئىسپاتلىنىشىچە، تېز سۈرئەتتە پىيادە مېڭىشنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى ئىچكى ئاجراتما ۋە ھورمۇن سەۋىيەسىنى ياخشىلايدىغانلىقىنى، ھەر ھەپتىدە ئۈچ سائەت تېز ماڭىدىغان كىشىلەرنىڭ راك كېسىلىنىڭ يامانلىشىش دەرىجىسىنىڭ ھەرىكەت قىلمايدىغان كىشىلەرنىڭكىدىن %57 تۆۋەن ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان.

092510570797000000015581

2. پىيادە مېڭىشنى داۋاملاشتۇرغاندا، بەدەندىكى بۇ ئالتە خىل مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن باشقا، يول ماڭغاندا بەدەننىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ياخشىلاپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ، نۇرغۇن پايدىلىق تەرەپلىرىمۇ بار.

(1) يول مېڭىشنى داۋاملاشتۇرغاندا ئۆمۈرنى تۆت يېرىم يىل ئۇزارتقىلى بولىدۇ.

نۇرغۇن تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر بىر ھەپتىدە 450 مىنۇتتىن ئارتۇق تېز مېڭىشنى داۋاملاشتۇرسا، ئۆمۈرنى تۆت يېرىم يىل ئۇزارتقىلى بولىدىكەن.

092510572778800000015581

(2) يول ماڭغاندا قان قەنتى، قان بېسىمىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

تېز مېڭىش ئەڭ ياخشى ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت ھېسابلىنىدۇ. كورىيە تەتقىقاتچىلىرى يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 23 كىشىنىڭ تېز مېڭىش ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىپ، 40 مىنۇت ماڭغاندىن كېيىنكى قان بېسىمى ۋە قان قەنتىنىڭ كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەشكە يۈزلەنگەنلىكىنى بايقىغان.

(3) يول ماڭغاندا قەۋزىيەتنى پەسەيتكىلى بولىدۇ.

قەۋزىيەت ئۇزۇن ئولتۇرۇپ ھەرىكەت قىلماسلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك، يول ماڭغاندا ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، قەۋزىيەتنى پەسەيتىپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ.

(4) يول ماڭغاندا يۈرەكنى قوغدىغىلى بولىدۇ.

يۈرەك كېسىلى بار كىشىلەر قاتتىق ھەرىكەت قىلىشقا ماس كەلمەيدۇ، يول مېڭىش يۈرەك كېسىلى بار كىشىلەر ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى چېنىقىش ھېسابلىنىدۇ. يول ماڭغاندا قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ مېتابولىزمىنى ياخشىلاپ، يۈرەكنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ.

(5).يول ماڭغاندا سۆڭەكنى چىڭىتقىلى بولىدۇ.

يول ماڭغاندا سۆڭەكنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، سۆڭەك ماددىسىنىڭ ئېقىپ كېتىشى ۋە سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ھەمدە پۇت مۇسكۇللىرىنى چېنىقتۇرۇپ، پۇت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، بوغۇم ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

092510575738700000015581

(6) يول مېڭىش نورمال بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاشقا ياردەم بېرىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، دائىم يول ماڭىدىغان ئادەمنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئۇزاق ئولتۇرۇپ ھەرىكەت قىلمايدىغان كىشىلەرنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىدىن كۆرۈنەرلىك تۆۋەن بولىدىكەن، بەدەن ساپاسىمۇ ياخشى بولىدىكەن. يول مېڭىش ئادىتىنى ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرغاندا، بەدەندىكى ياغنى كۆيدۈرۈپ، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

3. توغرا بولمىغان يول مېڭىش ھالىتى «ئاستا خاراكتېرلىك ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش» ھېسابلىنىدۇ.

ئەلۋەتتە، يول مېڭىشنىڭ نۇرغۇن ياخشى تەرەپلىرى بار، ئەمما توغرا بولمىغان يول مېڭىش قىياپىتى سالامەتلىككە زىيانلىق، شۇڭا يول ماڭغاندا تۆۋەندىكى توغرا بولمىغان يول مېڭىش ھالەتلىرىدىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

(1) يول ماڭغاندا پۇت ئالىقىنىنى ئاۋۋال يەرگە تېگىش.

بۇ خىل مېڭىش شەكلىنىڭ پۇتقا چۈشكەن بېسىمنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمى بىرقەدەر ناچار، ئاسانلا بوغۇم، مۇسكۇل، پۇت يايىنىڭ چارچىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

092510583661700000015581

(2) پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ مېڭىش.

پۇتنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ يول ماڭغاندا كۈچ بىر جايغا مەركەزلەشمەيدۇ، ئۇزاق مۇددەت مۇشۇنداق قىلغاندا پۇتنىڭ ئۆكچىسى ۋە تىز بوغۇمى ئاغرىپ كېتىدۇ.

(3) يول مېڭىش قەدىمى بەك چوڭ.

چوڭ قەدەم تاشلىغاندا ئېغىرلىق كۈچى تاپانغا ۋە تىز بوغۇمىغا مەركەزلىشىدۇ، ئەگەر تىز بوغۇمى ياخشى بولمىسا بوغۇم زەخىملىنىشنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

(4) يول ماڭغاندا بېشىنى تۆۋەن قىلىش

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بېشىنى تۆۋەن قىلىپ يول يۈرگەندە ئاسانلا چارچاش تۇيغۇسى پەيدا بولىدىكەن، بېشىنى تۆۋەن قىلىپ يول يۈرگەندە ئۆپكە قىسىلىدىكەن، نەپەسمۇ سىقىلىپ، يۈرەك، ئۆپكە ئىقتىدارىغا ئاسانلا تەسىر كۆرسىتىدىكەن، توغرا قىياپەتتە بېشىنى كۆتۈرۈپ مەيدىسىنى تىك تۇتۇپ يول يۈرۈش كېرەك.

092510581489600000015581

ھەر كۈنى قانچە قەدەم ماڭسا ئەڭ ساغلام بولىدۇ؟

نۇرغۇن كىشىلەر يول ماڭغاندا سالامەتلىككە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، ھەر كۈنى نۇرغۇن يول ماڭىدۇ، ھەمىشە قانچە كۆپ ماڭسا شۇنچە ساغلام بولىدۇ، دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس.

پىروفېسسور لۇ يۈەنجېن يول مېڭىش توغرىسىدا مۇنداق دېدى: «ھەر كۈنى پىيادە مېڭىش قەدىمى 230 مىڭ قەدەمدىن ئېشىپ كەتسە، ئاسانلا ئەكسىچە ئۈنۈم ھاسىل قىلىدۇ. ئەگەر ئاستا مېڭىش بولسا، ھەر كۈنى 10 مىڭ قەدەم ئەتراپىدا بولسا يېتەرلىك، تېز مېڭىش بولسا، ھەر كۈنى 6000 قەدەم بولسا يېتەرلىك بولىدۇ».

092510591016700000015581

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىمۇ يول مېڭىشنى دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ھەرىكەت دەپ كۆرسەتكەن. يول مېڭىش بەدەننى كۈچلەندۈرۈپ، بەدەننى ساغلاملاشتۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە راك كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە قارشى تۇرىدۇ. يول مېڭىشنى داۋاملاشتۇرغاندا، بەدەن ساغلاملىقى ۋە بەدەن ساپاسى بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ. ئەمما يول ماڭغاندا توغرا ھالەتنى ساقلاش، ھەمدە مۇۋاپىق يول مېڭىش كېرەك، بولمىسا ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىدۇ.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى