ساغلاملىق بىلىملىرى

يەللىك بوغۇم ئاغرىقى تېشى دېگەن نېمە؟ ئۇ قانداق پەيدا بولىدۇ؟

 

سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

خۇ ئەپەندى پۇشايمان ياشلىرىنى سۈرتۈپ تۇرۇپ: «مەن بالدۇرراق دوختۇرخانىغا كېلىشىم كېرەك ئىدى، ھازىر بەك پۇشايمان قىلىۋاتىمەن، بەكلا ئەقىلسىزلىك قىلىپتىمەن» دېدى.

092520590075000000015581

خۇ ئەپەندى بۇ يىل 48 ياش، نەچچە يىل ئىلگىرى ئۇنىڭغا سۈيدۈك كىسلاتاسى يۇقىرى بولۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان دەپ دىياگنوز قويۇلغان، بىراق ئەينى چاغدا خۇ ئەپەندى بۇ كېسەلنى سەل چاغلاپ، داۋالانمىغان، كېيىن شۇ جايدىكى داڭلىق تېۋىپ يېزىپ بەرگەن سۈيدۈك كىسلاتاسىنى تۆۋەنلىتىدىغان دورىنى ئىستېمال قىلغان.

بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن خۇ ئەپەندىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلىنىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە بوغۇم ئاغرىقى كۆرۈلۈپ، كېسىلى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتكەن، تىز بوغۇمىنى تۈزلىيەلمەيدىغان بولۇپ قالغان.

دوختۇرنىڭ ئېنىقلىشىچە، خۇ ئەپەندىنىڭ يەللىك بوغۇم ئاغرىقى ئېغىر دەرىجىدە بولۇپ، دورا يېيىش، ئوكۇل ئۇرۇش قاتارلىق داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ ئۈنۈمى بولمايدىكەن، پەقەت ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاشقىلا بولىدىكەن. ئاخىرىدا دوختۇر ئۇنىڭ بوغۇمىدىن بىر جىڭغا يېقىن يەللىك بوغۇم ئاغرىقى تېشىنى ئېلىۋەتكەن.

092521020143700000015581

1. يەللىك بوغۇم ئاغرىقى تېشى زادى نېمە؟

يەللىك بوغۇم ئاغرىقى تېشى ئادەم تېرىسىنىڭ سىرتقى يۈزىدە ئىپادىلىنىدۇ، مەسىلەن: كۈنجۈت ياكى تۇخۇم چوڭلۇقىدىكى سېرىق ئاق تۈگۈنچەك بولۇپ، قاتتىق بولىدۇ. يېرىلغاندىن كېيىن ئاق رەڭلىك يېلىمسىمان ماددا (سۈيدۈك كىسلاتا تۇزى كىرىستالى) چىقىرىلىدۇ. بۇ خىل ئاق رەڭلىك يېلىمسىمان ماددىنىڭ سانى ئوخشاش بولمايدۇ، ئادەتتە بىر بوغۇمدا بىردىن ئونغىچە بار بولۇپ، سانى ئوخشاش بولمايدۇ.

بارلىق يەللىك بوغۇم ئاغرىقى تېشىنى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدۇ، بەدەندىكى يەللىك بوغۇم ئاغرىقى تېشىنى مىكروسكوپتا كۆزەتكىلى بولىدۇ. مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىدىن باشقا، ئادەم بەدىنىدىكى بارلىق توقۇلمىلارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك يەللىك بوغۇم ئاغرىقى تېشى شەكىللىنىدۇ.

092520595087900000015581

يەللىك بوغۇم ئاغرىقى تېشى بوغۇمغا يىغىلىپ، ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنى يۇتۇۋېلىپ، ياللۇغ فاكتورلىرىنى قويۇپ بېرىپ، يەللىك بوغۇم ئاغرىقى خاراكتېرلىك بوغۇم ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بوغۇم كۆمۈرچىكى ۋە سۆڭەك ماددىسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، سوزۇلما خاراكتېرلىك بوغۇم ئىششىپ ئاغرىش، قېتىپ قېلىش ۋە غەيرىي شەكىللىك بولۇپ قېلىش، ھەتتا سۆڭەك سۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنە بەزى يەللىك بوغۇم ئاغرىقى تېشى بۆرەككە يىغىلىپ، بۆرەكتە تاش پەيدا قىلىدۇ.

يەللىك بوغۇم ئاغرىقى تېشى شۇنچە قورقۇنچلۇق تۇرسا، بىمار قانداق كونترول قىلىشى ۋە قانداق ئالدىنى ئېلىشى كېرەك؟

092520595969300000015581

(1) يېمەك-ئىچمەكنى كونترول قىلىش

سۈيدۈك كىسلاتاسىنى تۆۋەنلىتىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلى يېمەك-ئىچمەكنى كونترول قىلىش بولۇپ، بىمارلارغا تۆۋەن پۇرىن (低嘌呤食物، پۇرىن يادرو ئاقسىلىنىڭ تۈزگۈچى تەركىبلىرىنىڭ بىرى، سۈيدۈك كىسلاتاسىنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى)لىق يېمەك- ئىچمەكنى ئاساس قىلىش، كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش، ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىشىدىن ساقلىنىش، ئادەتتە سۇنى كۆپ ئىچىش، سۈيدۈك مىقدارىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، سۈيدۈك كىسلاتاسىنىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

(2) سۈيدۈكنى ئىشقارلاشتۇرۇپ داۋالاش

ئىشقارلىق يېمەكلىكلەر ۋە ئىشقارلىق دورىلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىش كېرەك. مەسىلەن: ناترىي بىكاربونات، لىمون كىسلاتا تۇزى ياسالمىلىرى قاتارلىقلار. بۇ سۈيدۈك كىسلاتا تۇزلىرىنىڭ ئېرىشى ۋە بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشىغا پايدىلىق.

(3) ئۈنۈملۈك دورا بىلەن داۋالاش

دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە سۈيدۈك كىسلاتاسىنى تۆۋەنلىتىدىغان دورىلارنى تاللاش كېرەك.

092521001820800000015581

2. كېسەلنى يىلتىزىدىن داۋالاش ئىنتايىن مۇھىم، يەللىك بوغۇم ئاغرىقىنى قانداق داۋالاش كېرەك؟

نۇرغۇن يەللىك بوغۇم ئاغرىقى بىمارلىرى نېمە ئۈچۈن بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.

جۇڭشەن تېببىي داشۆسى قارمىقىدىكى 6-دوختۇرخانىنىڭ مۇدىرى خۇاڭ جيەنلىن مۇنداق دېدى: «سۈيدۈك كىسلاتاسى يۇقىرى بولۇش يەللىك بوغۇم ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان باش جىنايەتچى، پۇرىن تەركىبى يۇقىرى يېمەك-ئىچمەك بىۋاسىتە سۈيدۈك كىسلاتاسىنىڭ مىقدارىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ. يەللىك بوغۇم ئاغرىقى ئەڭ دەسلەپتە ئالامەتسىز سۈيدۈك كىسلاتاسى يۇقىرى بولۇش كېسىلى بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا بىمار دائىم ئۆزىنىڭ سۈيدۈك كىسلاتاسى يۇقىرى بولۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلمەيدۇ، كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، سۈيدۈك كىسلاتاسى تۇز كىرىستالىنى ئاجرىتىپ چىقىرىپ، بوغۇم ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىغا يىغىلىپ، تەدرىجىي توپلىنىپ يەللىك بوغۇم ئاغرىقى تېشىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئارىلاپ قوزغىلىدىغان يەللىك بوغۇم ئاغرىقى قوزغالغاندا، بىمارنىڭ بوغۇملىرى قىزىرىپ ئىششىپ ئاغرىيدۇ، ئادەتتە پۇت بارماقلىرىنىڭ بوغۇملىرىدا قاتتىق ئاغرىش كۆرۈلۈپ، يول مېڭىشقا تەسىر يېتىدۇ».

092521024182000000015581

خۇاڭ جيەنلىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۈيدۈك كىسلاتاسى يۇقىرى بولۇش كېسىلى يەللىك بوغۇم ئاغرىقىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولۇپ، قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇش كېرەك ئىكەن.

يەللىك بوغۇم ئاغرىقى بىمارلىرى چوقۇم سۈيدۈك كىسلاتاسىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۆلچەملىك دەرىجىگە چۈشۈرۈش كېرەك. ئادەتتە بىمارلار سۈيدۈك كىسلاتاسىنى ئۇزاق مۇددەت 360umol/Lدىن تۆۋەن ھالەتتە كونترول قىلىشى، يەللىك بوغۇم ئاغرىقى تېشى بار بىمارلار 300umol/Lدىن تۆۋەن ھالەتتە كونترول قىلىشى ھەمدە ئۇزۇن مەزگىل ساقلاپ، يەللىك بوغۇم ئاغرىقىنىڭ قايتا قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

092521024729000000015581

ئەگەر سۈيدۈك كىسلاتاسىنىڭ ئۆلچەملىك قىممەتتىن ئېشىپ كەتكەن مىقدارى كۆپ بولمىسا، ئالدى بىلەن كىشىلىك تۇرمۇش ئادەتلىرىدىن باشلاپ دىققەت قىلىش كېرەك، مەسىلەن: قەنت مىقدارى، پۇرىن مىقدارى يۇقىرى يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلماسلىق، ھاراق تاشلاش، ئورۇقلاش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، دورىنى توختاتقاندىن كېيىنكى نورمال سۈيدۈك كىسلاتاسىنى ساقلاپ قېلىش كېرەك.

سۇ: سۇدىن زەھەرلىنىشكە دىققەت قىلغان ئاساستا سۇنى كۆپ ئىچىش، نورمال كىشىلەردىن %30، ھەتتا %50 كۆپ ئىچىش، كۈندىلىك سۈيدۈك مىقدارىنى 2.5Lدىن يۇقىرى قىلىش.

ھەرىكەت: مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلغاندا، سۈيدۈك كىسلاتاسى تەر ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىپ، سۈيدۈك كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى تۆۋەنلەيدۇ.

092521002960000000015581

3. قانداق كىشىلەر يەللىك بوغۇم ئاغرىقىدىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك؟

ئىرسىيەت ئامىلى بىلەن مۇھىت ئامىلى بىرلىكتە يەللىك بوغۇم ئاغرىقىنى پەيدا قىلىدىغان بولۇپ، %95 يەللىك بوغۇم ئاغرىقى ئەرلەردە پەيدا بولىدۇ، ئادەتتە 40 ياشتىن كېيىن كۆرۈلىدۇ ھەمدە ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تەدرىجىي ئېغىرلىشىدۇ.

4. يەللىك بوغۇم ئاغرىقى بار، ئەمما بوغۇم ئاغرىمىسا كۆڭۈل بۆلمىسەكمۇ بولامدۇ؟

يەللىك بوغۇم ئاغرىقىنى يىلتىزىدىن ساقايتقىلى بولمايدۇ، ئۇ قوزغىلىش مەزگىلى ۋە قوزغالماسلىق مەزگىلىگە بۆلۈنىدۇ، قوزغالمىسا ساقىيىش بولمايدۇ. ئەگەر ئادەتتە كونترول قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىلمىسە، بۆرەك زەئىپلىشىش، سۆڭەك بوغۇملىرى زەخىملىنىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، شۇڭا بىمارنى چوقۇم داۋالىنىشى كېرەك.

092521005645600000015581

5. سۈيدۈك كىسلاتاسى يۇقىرى بولسا يەللىك بوغۇم ئاغرىقى بولامدۇ؟

سۈيدۈك كىسلاتاسى يۇقىرى بولۇش كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى، لېكىن پەقەت %10 ئەتراپىدىكى بىمارلارلا يەللىك بوغۇم ئاغرىقى بولۇپ قالىدۇ. يەللىك بوغۇم ئاغرىقىنى داۋالاش قىسقا مۇددەتلىك داۋالاش ئەمەس، ئۇزۇن ۋاقىت يېمەك-ئىچمەكنى تەڭشەش، تۇرمۇش، دەم ئېلىش ۋە دورا بىلەن ماسلاشتۇرۇشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ، بىمار دائىم بوغۇملارنى كۆپرەك ھەرىكەتلەندۈرۈپ بەرسە، يەللىك بوغۇم ئاغرىقى تېشىنىڭ بوغۇمغا يىغىلىپ قېلىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى