ئەرلەر كېسەللىكى

«كىچىك ئۇكاش»مۇ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولامدۇ؟ كېسپ ئېلىۋېتىش كېرەكمۇ؟

ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

راك كېسەللىكى كۆپ يۈز بېرىدىغان دەۋردە، ئۆپكە راكى، ئاشقازان راكى، سۈت بېزى راكى، مەزى بېزى راكى قاتارلىق كېسەللىكلەر كۆپ ئۇچرايدۇ، ئەمما جىنسى ئەزا راكىنى سىز ئاڭلاپ باققانمۇ؟ جىنسى ئەزا راكى زادى قانداق راك كېسىلى؟

جىنسى ئەزا راكى «كىچىك ئۇكاش»دا پەيدا بولىدىغان بىر خىل يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنى كۆرسىتىدۇ. جىنسى ئەزا راكى، جىنسى ئەزا قاسراقسىمان ھۈجەيرە راكى، سۆگەلسىمان راك ۋە بەز راكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە %90ى تەڭگىسىمان ھۈجەيرە راكى بولۇپ، بارلىق ئەرلەردىكى يامان سۈپەتلىك ئۆسمىلەر ئىچىدە %0.5نى ئىگىلەيدۇ.

092415475653200016448506

جىنسى ئەزا راكى ئاساسلىقى 50-70 ياشقىچە بولغان ياشانغان ئەرلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ، ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغىنى جىنسى ئەزا بېزى ئېپىتېلىيەسى، خەتنىلىك ۋە تاجىسىمان ئېرىقلاردىن كېلىدۇ، راك ئالدىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى جىنسى ئەزا ئېپىتېلىيەسى ئىچىدىكى ئۆسمىسىمان كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ يامان سۈپەتلىك ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.

نۆۋەتتە، كىلىنىكىدا جىنسى ئەزا راكىنى پەيدا قىلغۇچى ئامىل بولسا ئىرسىيەت ئامىلى، خەتنىلىك زىيادە ئۇزۇن بولۇش، خەتنىلىك كىرى زىيادە كۆپ بولۇش، شۇنداقلا شەخسىي تازىلىق ئادىتى ياخشى بولماسلىق، ئۇزاق مۇددەتلىك ياللۇغلىنىش، HPV ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالماقتا.

خەتنىلىكنى قىسىۋېلىش ياكى خەتنىلىك زىيادە ئۇزۇن بولۇپ كېتىش ئەھۋالى بولسا، ئاسانلا كىر ۋە مىكروبلار يىغىلىپ قېلىپ، خەتنىلىك كىرى پەيدا قىلىپ، ياللۇغ پەيدا قىلىدۇ، ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغنىڭ غىدىقلىشى بىلەن راكقا ئۆزگىرىدۇ. شۇڭا خەتنىلىكنى قىسىۋېلىش ياكى خەتنىلىك زىيادە ئۇزۇن بولۇپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەندە، خەتنىلىكنى قانچە بالدۇر كەسسە، سالامەتلىككە شۇنچە پايدىلىق بولۇپ، جىنسى ئەزا راكىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

092415482268500016448506

جىنسى ئەزانىڭ پاكىزلىقى ۋە تازىلىقىغا دىققەت قىلمىغاندا، خەتنىلىك بىلەن «كىچىك ئۇكاش»نىڭ باش قىسمى دائىم ياللۇغلىنىپ، ئۇزاق مۇددەت ياللۇغلىنىشنىڭ غىدىقلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، «كىچىك ئۇكاش»نىڭ قىسمەن توقۇلمىلىرىنىڭ ھۈجەيرە ئۆزگىرىشىنى يامانلاشتۇرۇپ، راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ئەرلەر ئادەتتە پات-پات يۇيۇنۇپ، ئىچ كىيىمىنى پات-پات ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشى، تار ئىشتانلارنى ئاز كىيىشى، يەرلىك ئورۇننىڭ پاكىز، قۇرغاق بولۇشىغا دىققەت قىلىشى كېرەك. جىنسى ئەزا راكىنىڭ ئالدىدا ئەمچەك توپچىسىسىمان ئۆسمىسى، ئۇچلۇق ھۆل سۆگەل، زەكەر ئاق دېغى، كۆپىيىش خاراكتېرلىك زەكەر قىزىل داغ كېسىلى قاتارلىق راكنىڭ ئالدىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرى كۆرىلىدۇ، ئەگەر ۋاقتىدا داۋالىمىغاندا ئاسانلا جىنسى ئەزا راكىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ.

تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، تەخمىنەن 1/3-1/4گىچە بولغان جىنسى ئەزا راكى HPV بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. شۇڭا HPV ۋاكسىنىسىنى ئوكۇل قىلغاندا، جىنسى ئەزا راكىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

u35856469592059180962fm253fmtautoapp138fJPEG

جىنسى ئەزا راكىنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرىگە دىققەت قىلىش كېرەك.

ئۆسمە خەتنىلىك ئىچىدە ئۆسكەچكە، بالدۇر بايقىغىلى بولمايدۇ. كۆپ ھاللاردا جىنسى ئەزادا روشەن مونەك پەيدا بولىدۇ، شەكلى ئوخشاش بولمايدۇ، ئەمچەك توپچىسىسىمان، چېچەكسەي شەكىللىك مونەك كۆپ بولىدۇ. خەتنىلىكنى ئۆرۈپ، جىنسى ئەزانىڭ باش قىسمىدا، دۆڭچە ئەسۋە، سۆگەلسىمان قىزىل داغ قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدىكى تېرە يىرىڭدىشىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، %50تىن ئارتۇق جىنسى ئەزا راكى بىمارلىرىدا لىمفا تۈگۈنى يوغىناش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، خەتنىلىكنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ، يىرىڭلىق ياكى قانلىق ئاجرالمىلار پەيدا بولىدۇ ھەمدە يېنىك دەرىجىدە سېسىق پۇرايدۇ. ئەگەر يۇقىرىقى بىر نەچچە خىل كېسەللىك ئالامەتلىرى بىرلا ۋاقىتتا كۆرۈلسە، ھوشيار بولۇش كېرەك.

092415531319000016448506

جىنسى ئەزا راكىغا گىرىپتار بولغاندا، چوقۇم ئوپېراتسىيە قىلىپ ئېلىۋېتىش كېرەكمۇ؟

نۆۋەتتە، كىلىنىكىدا جىنسى ئەزا راكىنى داۋالاشنىڭ ئاساسلىق ئۇسۇلى ئوپېراتسىيە ئارقىلىق كېسىپ ئېلىۋېتىشتىن ئىبارەت. دوختۇر بىمارنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىش ئورنى، چوڭ-كىچىكلىكى ۋە مۇددەتكە بۆلۈشىگە ئاساسەن، خەتنىلىك ھالقىسىمان كېسىش ئوپېراتسىيەسى، جىنسى ئەزانىڭ بىر قىسمىنى كېسىپ ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيەسى ياكى جىنسى ئەزانى پۈتۈنلەي كېسىپ ئېلىۋېتىلىپ، سۈيدۈك يولىنىڭ ئەۋرەت قىسمىغا ئېغىز ئېچىش ئوپېراتسىيەسى قىلىشنى قارار قىلىدۇ.

بەزى ئەرلەر: جىنسى ئەزا راكىنى ئوپېراتسىيە قىلغاندىن كېيىن يەنە نورمال سىيىش ۋە جىنسىي تۇرمۇش ئېلىپ بارغىلى بولامدۇ؟

كېسىپ ئېلىۋەتكەندىن كېيىن سۈيدۈك يولى ئېغىزىنىڭ شەكلىنى تۈزەيدۇ، نورمال سىيىشتە مەسىلە يوق، لېكىن شۇنىڭدىن باشلاپ جىنسىي تۇرمۇشتىن خوشلىشىشقا توغرا كېلىدۇ.

راك پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۈندىلىك تۇرمۇشتا شەخسىي تازىلىققا ئالاھىدە دىققەت قىلىش، بىنورمال ئەھۋال كۆرۈلگەن ھامان دوختۇرخانىغا بېرىش لازىم.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى