بالىلار ساغلاملىقى

بالىلارنىڭ كۆپ تەرلىشى كالتىسى كەملىكتىمۇ ياكى بەدەن ئاجىزلىقتىنمۇ؟

ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بىز ئاۋۋال بالىلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئاسان تەرلەيدىغانلىقىنى چۈشۈنۈپ ئۆتەيلى:

بالىلارنىڭ مېتابولىزمى كۈچلۈك، ھەرىكەت مىقدارى كۆپ بولىدۇ، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى ۋە بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش مەركىزىنىڭ يېتىلىشى پىشىپ يېتىلمىگەنلىكتىن، تەرنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى يېتەرلىك بولمايدۇ، شۇڭا ئاسانلا تەرلەيدۇ. ئەگەر ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە، بالىلار قېلىن كىيىنىۋالسا ياكى قېلىن يېپىنىۋالسا، بولۇپمۇ ئەمدىلا ئۇخلىغاندا تەر بېزىنى ئىدارە قىلىدىغان سىمپاتىك نېرۋا قوزغىلىش ھالىتىدە تۇرغاچقا، بالىلارنىڭ بەدەن سۇيۇقلۇقى مىقدارى قۇرامىغا يەتكەنلەرگە قارىغاندا يۇقىرى بولغاچقا ئاسانلا تەرلەيدۇ. شۇڭا، كۆپ ساندىكى بوۋاقلاردا فىزىيولوگىيەلىك كۆپ تەرلەش جەريانى بولىدۇ، بۇ نورمال فىزىيولوگىيەلىك ھادىسە بولۇپ، پەقەت بالىلارنىڭ بەدەن، روھى ھالىتى ياخشى بولسىلا، كۆپ تەرلىسىمۇ بۇ كالتسىي كەملىك ياكى بەدەن ئاجىزلىقتىن بولمايدۇ.

092500400031700000029482

ئەگەر بەدەن ئاجىزلىقتىن ياكى كالتسىي كەملىكتىن كېلىپ چىققان تەرلەش بولسا، بۇنىڭغا يەنە باشقا كېسەللىك ئالامەتلىرى قوشۇلۇپ كېلىدۇ. ئۇنداقتا بالىنىڭ كالتسىي كەملىكىگە قانداق ھۆكۈم قىلىش كېرەك؟

092500400517600000029482

يېنىك دەرىجىدە كالتسىي يېتىشمەسلىك: كالتسىي كەم بوۋاقلار ئۇخلىغاندا، باش قىسمىدىن ئاسانلا تەر چىقىپ، بېشى قىچىشىپ، بېشىنى ياستۇققا سۈركەيدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، گەجگە قىسمى تاقىر بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە روھىي جەھەتتىن بىئارام بولۇپ، كېچىسى تۇيۇقسىز چۆچۈپ ئويغىنىپ يىغلاپ كېتىدۇ. چېچى شالاڭلاپ، تىرنىقى ئاقىرىپ كېتىدۇ. بوۋاقلاردا يۇقىرىقى يېنىك دەرىجىدىكى كالتسىي كەملىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە، ۋاقتىدا كالتسىي تولۇقلاش كېرەك.

092500401278100000029482

ئېغىر دەرىجىدە كالتسىي يېتىشمەسلىك: ئەگەر بوۋاقلاردا ئېغىر دەرىجىدە كالتسىي كەملىك بولسا، بىر ياشتىن كېيىنمۇ چىش چىقمايدۇ، ھەتتا بەزى بوۋاقلاردا بىر يېرىم ياشقا كىرگەندىمۇ چىش چىقمايدۇ. بوۋاقلارنىڭ باش قىسمىدىكى ئالدى قاپقاق كېچىكىپ يېپىلىدۇ، ھەتتا بەزى بوۋاقلارنىڭ بىر يېرىم ياشتىن كېيىنمۇ يېپىلمايدۇ. كالتسىي كەملىك ئېغىر بولغاندا، سۆڭەك يۇمشاپ، ئۆرە تۇرغاندا بەدەن ئېغىرلىقى سەۋەبلىك، پۇتى ئىگىلىپ، ئاسانلا سۆڭەكنىڭ سۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەزى بوۋاقلارنىڭ پۇتى ئۇزۇن مەزگىل ئىگىلىپ، X شەكىللىك پۇت، O شەكىللىك پۇت بولۇپ قالىدۇ. بەزى بوۋاقلارنىڭ كۆكرەك قىسمى «توخۇ كۆكسى»دەك بولۇپ قالىدۇ. ئېغىر بولغاندا ھەتتا تارتىشىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر يۇقىرىقى ئېغىر دەرىجىدىكى كالتسىي كەملىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

092500401848100000029482

بالىلارنىڭ تامىقى ياخشى، ئۇيقۇسى، كۈندىلىك ھەرىكىتى نورمال بولسا، روھىي ھالىتى ياخشى بولسا، ئارتۇقچە ئەنسىرەپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇنىڭدىن باشقا، ئادەتتە بالىلارنىڭ مېتابولىزمى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ، شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىلارغا بەك قېلىن كىيىم كىيدۈرمەسلىكى، ئۇخلىغاندا بەك قېلىن يېپىپ قويماسلىقى كېرەك.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى