پىسخېكا بىلىملىرى

روھىي بېسىمنى يېنىكلىتىشتىكى 10 خىل ئەپچىل چارە

 

092623473760900016448506

1. قوڭغۇراقلىق سائەتنى تەبىئىي ئاۋازغا تەڭشەپ قويۇڭ

قەدىمكى زاماندا كىشىلەرنىڭ قوڭغۇراقلىق سائىتى يوق ئىدى، لېكىن ئۇلار توخۇ ۋە قۇشلارنىڭ سايرىغان ئاۋازىنى ئاڭلىسىلا ئورنىدىن تۇرۇشنى بىلەتتى. ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر ئورنىدىن تۇرالماسلىقتىن قورقىدۇ، شۇڭا قوڭغۇراقلىق سائەتنى ئەڭ غىدىقلايدىغان مۇزىكىغا تەڭشەپ قويۇشقا ئادەتلەنگەن. تۇيۇقسىز ۋاراڭ-چۇرۇڭ قوڭغۇراقتىن ئويغانغاندىكى تۇيغۇ، دائىم تىت-تىت بولۇش تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىدۇ. ياخشى مۇزىكا ئادەمنىڭ كەيپىياتىنى پەسەيتىدۇ، مەسىلەن، ئېقىن سۇنىڭ ئاۋازى، قۇشلارنىڭ يېقىملىق سايرىشى ئادەمنىڭ روھىي كەيپىياتىنى ياخشىلاپ، جىددىي كەيپىياتنى پەسەيتىدۇ. شۇڭا سىز ئاۋۋال قوڭغۇراقلىق سائەتنى تەبىئىي ئاۋازغا تەڭشەپ قويۇڭ، بۇنداق قىلغاندا ئازادە ھالەتتە ئويغىنىسىز.

092623480986100016448506

2. ئويغانغاندىن كېيىن يۈزنى ئۇۋۇلاش

ئەتىگەندە ئويغانغاندىن كېيىن ئالدىراپ دەرھال ئورنىڭىزدىن تۇرماڭ. كارىۋاتتا ئازراق ھەرىكەت قىلىپ، يۈزنى ئۇۋۇلاپ بەرسە بولىدۇ، بۇنداق قىلغاندا يۈزىمىزدىكى قان ئايلىنىشنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.

092623485913900016448506

3. چوڭ تەرەت قىلىش بىيولوگىيەلىك سائىتىنى ئېچىش

ئۈچەي يولى ئادەم بەدىنىدىكى «ئەۋرەز يولى» بولۇپ، بىز يېگەن يېمەكلىك قالدۇقلىرى مۇشۇ يەردىن چىقىدۇ. ئەگەر ئۈچەي يولى توسۇلۇپ، چوڭ تەرەتنىڭ تۇرۇش ۋاقتى ئۇزۇن بولسا، ھەر خىل زەھەرلەر ئۈچەي يولى تەرىپىدىن تەكرار سۈمۈرۈلۈپ، سالامەتلىككە تەسىر يېتىدۇ. شۇڭا چوقۇم ھەر كۈنى قەرەللىك تەرەت قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەك.

4. پەرداز ئەينىكىنىڭ ئالدىدا ئۆزىگە ئىشىنىش

ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئوخشىمىغان رەڭدە كىيىم كىيىپ سىناپ بېقىش، ئاندىن ئەينەك ئالدىدا ئۆزىگە ئىشەنگەن قىياپەتتە يېڭى بىر كۈننى كۈتۈۋېلىش. مەلۇم بىر پىسخولوگنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينەككە قاراش ئادەمگە ئىشەنچ ئاتا قىلىدىكەن، كەيپىياتىمۇ ناھايىتى ياخشى بولىدىكەن.

092623483260500016448506

5. ئورنىدىن تۇرغاندا بىر ئىستاكان سۇ ئىچىش

ئەتىگەندە بىر ئىستاكان سۇ ئىچسە، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئاشقازان ۋە چوڭ مېڭىنى تەڭشەپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئىگە.

6. ئىسسىق ناشتا قىلىش

تۇخۇم (تەركىبىدە ئاقسىل مول بولغان يېمەكلىكلەر)، سۈت (كالتسىي تولۇقلاش)، كۆكتات ۋە مېۋە-چېۋە قاتارلىق يېمەكلىكلەر ھەر كۈنى ئەتىگەنلىك تاماق قىلىنسا، ئوزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭلۇقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

092623510023100016448506

7. مۇزىكا ئاڭلاش ياكى تېلېۋىزور كۆرۈش

ئەتىگەنلىك تاماق بىلەن سۇ ئىچىشنىڭ ئارىلىقىدا، خەۋەر كۆرۈش ياكى تېلېۋىزور كۆرۈش كېرەك. بۇ ئادەمنى ياخشى كەيپىياتقا ئىگە قىلىدۇ. ئەگەر ئۇزاق ۋاقىت مېترو قاتارلىق ئاممىۋى قاتناش قوراللىرىغا ئولتۇرۇشقا توغرا كەلسە، مۇۋاپىق مۇزىكا ئاڭلىسا كەيپىياتى تېخىمۇ كۆتۈرۈلىدۇ.

8. سەھەر تۇرۇپ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش

ئەتىگەن سائەت 7:00دە ئورنىدىن تۇرۇپ بەدەن چېنىقتۇرىدىغان، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىدىغان ياكى خىزمەت قىلىدىغان كىشىلەر ئادەتتە كېيىن ئورنىدىن تۇرغانلارغا قارىغاندا خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش، بېسىمى تېخىمۇ چوڭ بولۇش، سەمرىپ كېتىش نىسبىتى تېخىمۇ تۆۋەن بولىدۇ.

092623492531400016448506

9. ئىشقا بېرىش يولىدا گۈل-گىياھلاردىن ھۇزۇرلىنىش

يولدا يانفونغا قاراپ ماڭسا، ھەمىشە ئەتراپىدىكى ئەڭ گۈزەل مەنزىرىلەرنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ، ئىشىكتىن چىققاندىن كېيىن، چوقۇم ئەتراپىدىكى گۈل-گىياھ، دەل-دەرەخلەرگە سەل قارىماسلىق كېرەك. تەبىئەتتىكى «ئەلچى»لەر سىزگە پۈتۈن بىر كۈن ياخشى كەيپىيات ئېلىپ كېلىدۇ.

10. ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن خىزمەتداشلار بىلەن پاراڭلىشىش

ياخشى بولغان سۆھبەت خىزمەتتىكى جىددىي كەيپىياتنى پەسەيتىشكە پايدىلىق.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ...
تاقاش
ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى