ساغلاملىق بىلىملىرى

ئۆت نەيچىسى راكى دېگەن نېمە؟ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟

راك كېسىلى تىلغا ئېلىنسا، نۇرغۇن كىشىلەر ئاشقازان ئاستى بېزى راكى ۋە ئۆت خالتىسى راكىنى ئەسلەيدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۆت نەيچىسى راكىمۇ يامان سۈپەتلىك دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى راك كېسىلى ھېسابلىنىدۇ.
گەرچە ئۆت نەيچىسى راكى بىر قەدەر ئاز ئۇچرايدىغان راك كېسىلى بولسىمۇ، لېكىن ئۆت نەيچىسى راكى ئاسانلا يۆتكىلىدۇ ھەمدە دەسلەپكى مەزگىلدە روشەن كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمەيدۇ، نۇرغۇن بىمارلارنىڭ كېسىلى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ۋاقىتتا، تەرەققىي قىلىپ ئوتتۇرا، ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغان بولۇپ، ئۆلۈش نىسبىتى يەنىلا بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ.

092723494933100016061200

ئۆت نەيچىسى راكى دېگەن نېمە؟
ئۆت نەيچىسى ئۆت سۇيۇقلۇقىنى ئاققۇزۇشقا مەسئۇل بولۇپ، جىگەردە ھاسىل بولغان ئۆت سۇيۇقلۇقىنى ئۆت خالتىسى ۋە ئون ئىككى بارماق ئۈچەيگە يەتكۈزۈپ، يېمەكلىك ۋە ياغنىڭ ھەزىم قىلىنىشىغا ياردەم بېرىدۇ. ئۆت نەيچىسى راكى بولسا ئۆت نەيچىسى دىۋارى تەكرار غىدىقلىنىشقا ئۇچراپ، ئۆت نەيچىسى ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىسىدە يامان سۈپەتلىك ئۆسمە پەيدا قىلىدۇ، بۇ ئۆت نەيچىسى راكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
ئەرلەرنىڭ كېسەل بولۇش نىسبىتى ئاياللارنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە 50-70 ياشقىچە بولغان كىشىلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ، بۇمۇ ئۆت نەيچىسى راكىنى داۋالاشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى بولۇشىدىكى ئوبيېكتىپ سەۋەبلەرنىڭ بىرى، چۈنكى كۆپ ساندىكى ياشانغانلارنىڭ خىمىيەلىك داۋالاش ئۈنۈمى ياخشى بولمايدۇ، ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاشنىڭمۇ بەلگىلىك خەتىرى بولىدۇ.
نۆۋەتتە ئۆت نەيچىسى راكىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى تېخى تەتقىق قىلىنىۋاتىدۇ. كىلىنىكىلىق تەتقىقاتلاردىن قارىغاندا، ئۆت نەيچىسىگە تاش چۈشۈش، پارازىت قۇرتتىن يۇقۇملىنىش، بىرلەمچى قاتتىقلىشىش خاراكتېرلىك ئۆت نەيچىسى ياللۇغى، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى، C تىپلىق جىگەر ياللۇغى، ئۆت غول نەيچىسى كېڭىيىش كېسىلى قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.

092723550690700016061200

ئۆت نەيچىسى راكىنىڭ قانداق ئالامەتلىرى بار؟
دەسلەپكى باسقۇچتا ئۆت نەيچىسى راكى بىمارلىرىدا ئادەتتە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ. ئۆسمىنىڭ تەدرىجىي چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۆت نەيچىسىنى توسۇۋالغاندىن كېيىن، بىماردا سېرىقلىق چۈشۈش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، ئۆت نەيچىسىنىڭ توسۇلۇشى قانچە ئېغىر بولسا، سېرىقلىق چۈشۈش ئالامەتلىرى شۇنچە روشەن بولۇپ، تېرە، كۆز ئېقى سارغىيىپ كېتىش، كىچىك تەرەتنىڭ رەڭگى قېنىقلىشىش، چوڭ تەرەت ئاقىرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، بىمارنىڭ ئۆت خالتىسى ئىششىپ، جىگەر ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچراپ، قورساقنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستۈنكى قىسمى ئاغرىش، قىزىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. لېكىن، باشقا جىگەر كېسەللىكلىرىدىمۇ سېرىقلىق چۈشۈش ۋە باشقا بىئاراملىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، شۇڭا بۇ خىل ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە، ئۆت نەيچىسى راكى بولۇشى ناتايىن. بىمار ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتكەندىلا ئاندىن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جەزملەشتۈرگىلى بولىدۇ.

092723582134500016061200

ئۆت نەيچىسى راكى يۈز بېرىشىنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟
ھەر كۈنى قانۇنىيەتلىك غىزالىنىش، ۋاقتىدا ناشتا قىلىش، بىر ۋاق ئاچ، بىر ۋاق توق بولۇشتەك ناچار ئادەتنى ئۆزگەرتىش كېرەك، بۇ ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ چىقىرىلىشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، ئۆت نەيچىسىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا تاش پەيدا قىلىپ، راكقا ئۆزگىرىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
ئاندىن يېمەك-ئىچمەك قۇرۇلمىسىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، يېڭى كۆكتات، مېۋىلەرنى كۆپ يېيىش، يېمەكلىكلەرنىڭ كۆپ خىللىقىنى ساقلاش، مايلىق، غىدىقلىغۇچى قاتارلىق ساغلام بولمىغان يېمەكلىكلەرنى ئىمكانقەدەر ئاز يېيىش، ماي ۋە خولېستېرىننىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى كونترول قىلىش، شۇنداقلا ھاراق-تاماكىدىن يىراق تۇرۇش، جىگەر ۋە ئۆتكە بولغان بېسىم ۋە غىدىقلىنىشتىن بولغان زەخىمنى ئازايتىش كېرەك.
ئەڭ ئاخىرىدا قەرەللىك سالامەتلىك تەكشۈرتۈش، بولۇپمۇ 40 ياشتىن ئاشقانلار ياكى جىگەر كېسىلى، تاش چۈشۈش قاتارلىق جىگەر، ئۆت كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغانلار ھەر يىلى بىر قېتىم سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى، قان ئېلىش ئارقىلىق ئۆسمە، جىگەر ئىقتىدارى قاتارلىق كۆپ خىل تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىشى كېرەك.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى