
بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
سىفلىسنى يىلتىزىدىن داۋالاش كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىر يېنىكلىك دەرىجىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، سىفلىسنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا ئۈنۈملۈك داۋالاش ئارقىلىق تەخمىنەن %90 ئەتراپىدىكى بىمارنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ، سىفلىسنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا پەقەت داۋالاش ئارقىلىق ھەر قايسى ئورگانىزملارغا بولغان بۇزغۇنچىلىق دەرىجىسىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ، ئۈزۈل-كېسىل داۋالاپ ساقايتىش بىر قەدەر تەس.
سىفلىسنى قانچە بالدۇر داۋالىسا ئۈنۈمى شۇنچە ياخشى بولىدۇ، يىلتىزىدىن داۋالاش مۇمكىنچىلىكىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. سىفلىسنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا يېتەرلىك مىقداردىكى پېنسىلىن بىلەن داۋالىغاندا %90 ئەتراپىدىكى بىمارنى يىلتىزىدىن داۋالاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قانچە بالدۇر داۋالانسا ئۈنۈمى شۇنچە ياخشى بولىدۇ. قالايمىقان داۋالاش كېسەللىكنىڭ قايتا قوزغىلىشىنى ۋە ئاخىرقى مەزگىللىك زىياننىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سىفلىسنى ئادەتتە ئانتىبىيوتىكلار بىلەن داۋالايدۇ، كىلىنىكىدا ئاساسلىقى پېنتسىللىن بىلەن داۋالايدۇ.
دەسلەپكى مەزگىلدىكى سىفلىسنى ئادەتتە 3-2 ھەپتىگىچە داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ. داۋالاش مەزگىلىدە چوقۇم شەخسىي تازىلىققا دىققەت قىلىش، جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ساقلىنىش، ھەر كۈنى جىنسىي ئەزانىڭ سىرتىنى يۇيۇپ تۇرۇش، ئىچ كىيىمنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇش، ئاجرالمىلارنىڭ يۇقۇملىنىشىنى ئازايتىش، ئالماشتۇرغان ئىچ كىيىملەرنى ئايرىم يۇيۇش ۋە دېزىنفېكسىيەلەش لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سۇيۇق ۋە يەڭگىل غىزالىنىش، يېڭى سەي-كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنى كۆپرەك يېيىش، مايلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش، ھاراق-تاماكىنى چەكلەش، سۇنى كۆپ ئىچىش كېرەك. دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرۈپ، ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى ئازايتىپ، كېسەللىكنىڭ قايتا قوزغىلىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۆرىسىمۇ داۋالىنىشى، قايتا يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
سىفلىس كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولسا ۋاقتىدا مۇنتىزىم داۋالاش ئورۇنلىرىغا بېرىپ داۋالىنىش كېرەك، خالىغانچە دورا ئىشلىتىشكە ياكى مۇنتىزىم بولمىغان داۋالاش ئورۇنلىرىغا بېرىپ داۋالىنىشقا بولمايدۇ.
تارىختىكى بۈگۈندە:
- 2020: قانداق قىلغاندا ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇق ۋە ھەرىكىتى تەڭپۇڭ بولىدۇ؟(0 باھا بار )
- 2020: دىئابېت بىمارلىرى زادى قانداق ھەرىكەت قىلىش كېرەك؟ دىئابېت كېسىلى ئىلمىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى E.P. Josl(0 باھا بار )
- 2020: بالىلار تولۇق يېتىلمىسە قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟(0 باھا بار )
- 2020: سېمىز بالىلار ۋىتامىن D تولۇقلىسا ئورۇقلىشىغا پايدىلىق(0 باھا بار )
- 2020: بوۋاقلار تۇغۇلۇپ بىر سائەت ئىچىدە ئانا سۈتى بىلەن بېقىلىش كېرەك(0 باھا بار )