ساغلاملىق بىلىملىرى

بارماق بوغۇمى ئاغرىش ۋە قېتىش قانداق ئىش؟

توۋتىياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئورۇندىن تۇرغاندا بەزى ئادەملەرنىڭ بارمىقى قېتىپ قالغاندەك قاتتىق بولۇۋېلىش، بارماق بوغۇملىرى ئاغرىشتەك ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ، بۇنداق بولغاندا بىماردا قاتتىق ئاغرى ئازابى بولۇشتىن سىرت، كۈندىلىك تۇرمۇشىغىمۇ نۇرغۇن قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇنداقتا بۇ رېماتىزمسىمان بوغۇم ياللۇغىمۇ؟ تۆۋەندە بىز بۇ توغرىلىق مۇلاھىزە ئېلىپ بارايلى!
رېماتىزمسىمان بوغۇم ياللۇغى ئۆز بەدەن ئىممۇنىتېت خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، ئۇپراش خاراكتېرلىك بوغۇم ياللۇغىنى ئاساسلىق ئالاھىدىلىك قىلىدۇ، ئېغىر بولغاندا ھەتتا بوغۇمنىڭ غەيرىيلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. رېماتىزمسىمان بوغۇم ياللۇغى قول، بېغىش، پۇت قاتارلىق كىچىك بوغۇملاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغان رېماتىزمسىمان بوغۇم ياللۇغى بوغۇملارغا زىيان يەتكۈزۈپلا قالماستىن، بەلكى پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن، چارچاش، ماغدۇرسىزلىنىش، كۆكرەك پەردە ياللۇغى، نېرۋا كېسەللىكى قاتارلىقلار. كىلىنىكىدا رېماتىزمسىمان بوغۇم ياللۇغىنى تۈپتىن داۋالاش ئۇسۇلى يوق، ئاساسلىقى دورا بىلەن داۋالاش ئارقىلىق كېسەللىك ئەھۋالىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ.

092713564628600017234601

رېماتىزمسىمان بوغۇم ياللۇغىنىڭ ئاساسلىق كېسەللىك سەۋەبى
1. ئۆز بەدەن ئىممۇنىتېتى
رېماتىزمسىمان بوغۇم ياللۇغى ئۆز بەدەن ئىممۇنىتېتلىق كېسەللىككە تەۋە بولۇپ، بىمارنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىدا مەسىلە كۆرۈلگەندە، بەدەندىكى ساغلام بوغۇملار تەھدىتكە ئۇچراپ، بىر قاتار ياللۇغلىنىش ئەھۋالىنى پەيدا قىلىپ، تەسىرگە ئۇچرىغان بوغۇملاردا ئاغرىش، قېتىش، ئىششىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ.
2. ئىرسىيەت
ئەڭ يېڭى تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، رېماتىزمسىمان بوغۇم ياللۇغى ئىرسىيەت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، رېماتىزمسىمان بوغۇم ياللۇغىدا مۇئەييەن كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى گېن بار ئىكەن، بۇ خىل كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى گېن كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئىرسىيەت قالىدىكەن. ئەمما ئاتا-ئانىسى رېماتىزمسىمان بوغۇم ياللۇغىغا گىرىپتار بولسا، پەرزەنتلەر چوقۇم بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس، كونكرېت كېسەللىك پەيدا بولۇش ئامىلى يەنە مۇھىت ئامىلى، جىنس ئامىلى قاتارلىق ئەھۋاللارغا قاراش كېرەك.
3. تاماكا چېكىش
تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، تاماكا چېكىدىغان بىمارلارنىڭ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى نورمال كىشىلەر توپىغا قارىغاندا %42 يۇقىرى بولىدىكەن، تاماكا تەركىبىدە نۇرغۇن زىيانلىق ماددىلار بار بولۇپ، ئۇزاق مۇددەت تاماكا چېكىش ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، رېماتىزمسىمان بوغۇم ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماستىن، يەنە ئۆپكە ساغلاملىقىغا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىدۇ، شۇڭا تاماكا چېكىش سالامەتلىككە زىيانلىق، تاماكا تاشلاش زۆرۈر.

092713570537200017234601

بوغۇم ئاغرىش، قېتىپ قېلىش قانداق ئىش؟ تۆۋەندىكى تۆت خىل كېسەللىكنىڭ ھەممىسىدە بۇ خىل كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلىدۇ، بىز بىرلىكتە چۈشىنىپ باقايلى.
1. رېماتىزمسىمان بوغۇم ياللۇغى
كىلىنىكىدا بوغۇم ئاغرىش، قېتىشىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ئەڭ ئاۋۋال رېماتىزمسىمان بوغۇم ياللۇغى بولۇپ قالغان-قالمىغانلىقىنى ئويلىشىش كېرەك. چۈنكى رېماتىزمسىمان بوغۇم ياللۇغى بولغان بىمار ئادەتتە ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا بوغۇم قېتىپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ، كۆپىنچە ھەرىكەتتىن كېيىن پەسىيىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا رېماتىزمسىمان بوغۇم ياللۇغىدا يەنە بوغۇم ئىششىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئالامەتلەر پەيدا قىلىدۇ.
2. يەللىك بوغۇم ئاغرىقى
يەللىك بوغۇم ئاغرىقى كۆپىنچە يېرىم كېچە ياكى سەھەردە قوزغىلىدۇ، تەسىرگە ئۇچرىغان بوغۇملاردا قىزىرىپ ئىششىش، ئاغرىش، قېتىپ قېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەللىك بوغۇم ئاغرىقىنىڭ قوزغىلىشى ئۆزىنى چەكلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇپ، ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئۆزلۈكىدىن پەسىيىدۇ. يەللىك بوغۇم ئاغرىقىغا گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ كۆپىنچىسىدە سۈيدۈك كىسلاتاسى يۇقىرىلايدۇ، بۇ ئارقىلىق باشقا كېسەللەردىن پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ.

092714040065400017234601

3. پەي غىلىپى ياللۇغى
پەي غىلىپى بىرىنچى بارماق بوغۇمىدا ئاسان پەيدا بولىدۇ، يەنى باش بارماقنىڭ ئورنىدا پەيدا بولىدۇ، پەي غىلىپى ياللۇغى ئاساسلىقى پەي بىلەن مۇسكۇل پېيى زىيادە سۈركىلىشىدىن كېلىپ چىققان پەي غىلىپىنىڭ سۇلۇق ئىششىقىدىن پەيدا بولىدۇ.
4. سۆڭەك شالاڭلىشىش
سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسەللىكى ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ، سۆڭەك شالاڭلىشىش پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك بوغۇم ئاغرىش ۋە قېتىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى