ئانا-بالا

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە نېمە يېسە ئانا تېنى ۋە ھامىلە تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ؟

 

نۇرغۇنلىغان ئانىلار ھامىلىدار بولغاندا، يېمەك-ئىچمەكنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، پۈتكۈل ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ھامىلىدار ئاياللارنىڭ بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ھەر خىل ئوزۇقلۇقلارنى يېمەك-ئىچمەك ئارقىلىق قوبۇل قىلىشى كېرەك. ئۇنداقتا ھامىلىدار ئاياللار ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە نېمە يېسە ياخشى بولىدۇ؟ تۆۋەندە بىرلىكتە ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئاياللارنىڭ قايسى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىشى كېرەكلىكىنى بىلىپ باقايلى.

092700061929100016448506

1. يېڭى يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتات

بولۇپمۇ قېنىق يېشىل رەڭلىك كۆكتاتلار، مەسىلەن، چېچەكسەي، قىچا، پالەك قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە فولىك كىسلاتاسى بىر قەدەر مول بولۇپ، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ بەلگىلىك مىقداردا تەبىئىي فولىك كىسلاتاسى تولۇقلىشىغا ياردەم بېرىپ، بوۋاقنىڭ نېرۋا غەيرىيلىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئىككىنچىدىن، كۆكتات تەركىبىدە يېمەكلىك تالاسى مول بولۇپ، ھامىلىدار ئاياللار بۇلارنى كۆپ ئىستېمال قىلسا، قەۋزىيەتنى ياخشىلاپ، ئاشقازان، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى تېزلىتىدۇ، ھامىلىدار ئاياللار پەسىلگە دىققەت قىلىپ، كۆكتات، مېۋىلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.

092700063085900016448506

2. سۈت مەھسۇلاتلىرى تۈرىدىكىلەر

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە سۈت مەھسۇلاتلىرىنى كۆپ ئىستېمال قىلىش ياكى كۈندىلىك تۇرمۇشتا بىر ئىستاكان سۈت ئىچىش ئۇلارنىڭ سالامەتلىكى ۋە ھامىلىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا ئىنتايىن پايدىلىق. ئۇنىڭ تەركىبىدە ھەر خىل مىنېرال ماددىلار، ئامىنو كىسلاتاسى قاتارلىقلار بولۇپ، بەدەننىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبلىرىنى قوبۇل قىلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.

092700064361700016448506

3. قارا ئاشلىق ۋە قاتتىق پوستلۇق مېۋە

پىششىقلاپ ئىشلەنگەن گۈرۈچ ياكى ئۇننى ئاز ئىستېمال قىلىش، مۇۋاپىق مىقداردا قارا ئاشلىق يېيىش كېرەك. چۈنكى كۆممىقوناق، تېرىق قاتارلىق قارا ئاشلىقنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن B ۋە ئاقسىل گۈرۈچنىڭكىدىن كۆپ بولىدۇ. كۆپ ئىستېمال قىلىنىدىغان قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر تەركىبىدە ئەلا سۈپەتلىك تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بولغاچقا، يەنە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش، مېڭىنى ساغلاملاشتۇرۇش رولىغا ئىگە، قارا ئاشلىقتا تەركىبىدە مول يېمەكلىك تالاسى بار بولۇپ، بەدەندىكى قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق.

092700065928300016448506

4. تەركىبىدە ۋىتامىن بولغان مېۋە

مېۋە-چېۋە تەركىبىدىكى ۋىتامىن Cنىڭ مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى، مەسىلەن، نەشپۈت، ئاپېلسىن، ئالما، بانان، بۆلجۈرگەن، ئۈزۈم، ئاپېلسىن، ئاق تۇرۇچ، گىلاس قاتارلىقلار. لېكىن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ھامىلىدار ئاياللار ئەڭ ياخشىسى قەنت مىقدارى تۆۋەن مېۋىلەرنى تاللىشى كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە مېۋە يېيىشتىن بۇرۇن تازىلىققا دىققەت قىلىش، مېۋىنى خام يېيىشتىن بۇرۇن پوستىنى پاكىز يۇيۇپ، پارازىت قۇرتلاردىن ساقلىنىش كېرەك.

ھامىلىدار بولۇش ئەسلىدە بىر بەختلىك ئىش، ئانا ئۈچۈن بىر مەيدان سىناق، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ھامىلە بىلەن ئانا تېنى زىچ باغلىنىشلىق بولىدۇ، شۇڭا ئانا بولغۇچى يېمەك-ئىچمەكتە ئۆزىنىڭ قىزىقىشىنى ئويلىشىپلا قالماستىن، يەنە قورسىقىدىكى بالىلارنىمۇ نەزەرگە ئېلىشى كېرەك.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى