ساغلاملىق بىلىملىرى

ساغلام بەدەن ساپاسىنى قانداق ساقلاش كېرەك؟

 

092700333799400016448506

ساغلام بەدەن ھەرقانداق نەرسىدىن مۇھىم، ياش ۋاقتىمىزدا بەدەننى زىيادە چارچىتىپ، باش چۆكۈرۈپ ئىشلەش ئارقىلىق پۇلغا ئېرىشىمىز، لېكىن قېرىغاندا شۇنى بايقايسىزكى، بەزىدە ھەرقانچە كۆپ پۇل بولغان بىلەنمۇ ساغلام بەدەنگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ. ساغلاملىق كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى، ھاياتىڭىزنىڭ ئاخىرىدا ساغلام ياشاشنىڭ ئەڭ چوڭ بەخت ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. ساغلام بەدەن ئادەتتىكى تەلەپچانلىق بىلەن ياخشى ئادەتكە موھتاج، ئەگەر سىز دائىم ئۆزىڭىزنى ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىپ، سالامەتلىكىڭىزنى ئاسرىمىسىڭىز، ھامان بىر كۈنى ئۆزىڭىزنىڭ قىلمىشى ئۈچۈن بەدەل تۆلەيسىز.

092700322499500016448506

1. ساغلام يېمەك-ئىچمەكنى داۋاملاشتۇرۇش، ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش

يېمەكلىك ئاشقازان-ئۈچەيدە ھەزىم بولۇپ بەدەننى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ، يېمەك-ئىچمەك ئادىتى بىر ئادەمنىڭ ساغلام ھالىتىنى بەلگىلەيدۇ. ئەگەر سىز دائىم ھەر خىل ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى، زىيادە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلسىڭىز، بەدىنىڭىزدە ئاسانلا زەھەرلىك ماددىلار يىغىلىپ قېلىپ، ئەزالارنىڭ يۈكى ئېغىرلاپ كېتىدۇ، ھەمدە سېمىزلىك، يۇقىرى قان بېسىم، قاندا ماي يۇقىرى بولۇش، خولېستېرىن يۇقىرى بولۇش قاتارلىق ساغلاملىق مەسىلىلىرى كۆرۈلىدۇ.

092700323773300016448506

2. تۈنەش، زىيادە چارچاپ كېتىشتىن ساقلىنىش، دەم ئېلىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش.

بەدەن خۇددى بىر ماشىنىغا ئوخشايدۇ، مۇۋاپىق ئارام ئالغاندا ئاندىن تېخىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت خىزمەت قىلغىلى بولىدۇ، ئەگەر سىز دائىم كېچىسى تۈنىسىڭىز ساغلاملىقىڭىزنى ۋەيران قىلغانغا باراۋەر، بەدەن ئىقتىدارى مۇددەتتىن بۇرۇن قېرىيدۇ، ئىممۇنىتېت كۈچىمۇ تۆۋەنلەيدۇ، يەنە ئاسانلا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا قانۇنىيەتلىك بالدۇر ئۇخلاش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، خىزمەت بىلەن دەم ئېلىشنى ياخشى تەڭشەپ، ھەر كۈنى سەككىز سائەت يېتەرلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇيقۇ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، بەدەننىڭ ئۆستۈرگۈچى ھورمۇننىڭ ئاجرىتىلىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك.

092700325268900016448506

3. بەدەن چېنىقتۇرۇش ئادىتىنى ساقلاش.

بەدەن چېنىقتۇرۇش بىلەن بەدەن چېنىقتۇرماسلىقنىڭ پەرقى يەنىلا ناھايىتى چوڭ، مەيلى چىراي ھالىتى، بەدەن قىياپىتى ياكى پىسخىكا ساغلاملىقى جەھەتتە بولسۇن، بەدەن چېنىقتۇرۇش ئاكتىپ ئەھمىيەتكە ئىگە.

092700331188000016448506

4. ئۈمىدۋار روھىي ھالەتنى ساقلاپ، قايغۇدىن ساقلىنىش.

بىر ئادەمنىڭ روھىي ھالىتىمۇ بەدەن ھالىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان، تېرىككەك ئادەمنىڭ قان بېسىمى ئاسانلا ئۆرلەپ كېتىدۇ، دائىم خامۇش، ئۈمىدسىز بولۇپ قالىدۇ، ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، ئاسانلا كېسەل بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا ئۈمىدسىز، قايغۇغا تولغان روھىي ھالەتتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى