
سىنا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا قارىماققا ساغلام كۆرۈنىدىغان 21 ياشلىق مەلۇم بىر ئوغۇل ئوقۇغۇچىنىڭ بىلەك سۆڭىكى سۆڭەك شالاڭلىشىش سەۋەبىدىن سۇنۇپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ئىش تورغا تارقالغاندىن كېيىن تورداشلار بەس-مۇنازىرە قوزغىغان. ئىشنىڭ تەپسىلاتى مۇنداق: بۇ ئوقۇغۇچى ياتاقتا دوستلىرى بىلەن قول قايرىشىپ ئوينىغان. ئەمما، ئويلىمىغان يەردىن قارشى تەرەپ بىر كۈچىشىگىلا سۇنغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئۇ قاتتىق بىر ئاغرىقنى سەزگەن ۋە قولىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ كەتكىنىنى بايقىغان. ئۇ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ، مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن دوختۇر ئۇنىڭغا سول يۇقىرىقى بىلەك سۆڭىكىنىڭ ئوتتۇرا تۆۋەن بۆلىكى ئۇۋۇلۇش خاراكتېرلىك سۇنغان دەپ دىياگنوز قويغان.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلى يۈز بېرىش نىسبىتى بارغانسېرى ئۆرلىمەكتە. يەنە كېلىپ، «قېرىلىق كېسىلى» دەپ قارىلىۋاتقان بۇ كېسەل يۇقىرىقى مىسالغا ئوخشاش بارغانسېرى ياشلارنىڭمۇ باش ئاغرىقىغا ئايلانماقتا. بۇ سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ يالغۇز ياش بىلەنلا ئەمەس، يەنە تۇرمۇش ئادىتى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. سۆڭەكنىڭ ساغلام ھالىتىنى قوغداش سۆڭەك شالاڭلىشىشقا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئالدىنقى شەرت. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ سۆڭەك ساغلاملىق ئەھۋالىنى ئىگەللەشكە توغرا كېلىدۇ. ئۇنداقتا قانداق ئۇسۇللار ئارقىلىق سۆڭەك ساغلاملىق ئەھۋالىنى باھالاشقا بولىدۇ؟
سۆڭەك شالاڭلىشىش خەۋپىنى قانداق ئۆلچەش كېرەك؟
بەدەن ئېغىرلىقى (KG)دىن ياش سانىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن، ئېرىشكەن قىممەتنى 0.2گە كۆپەيتىمىز. مەسىلەن، بەدەن ئېغىرلىقى 50 كىلوگىرام، 70 ياشلىق بىر ئادەمنى مىسالغا ئالساق 4-=0.2*(70-50). نەتىجە 1-دىن چوڭ بولسا، سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنىڭ بىر قەدەر تۆۋەن ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ؛ 4-ۋە 1- ئارىلىقىدا بولسا، سۆڭەك شالاڭلىشىش خەۋپىنىڭ ئوتتۇرھال ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ؛ 4-دىن كىچىك بولسا، سۆڭەك شالاڭلىشىش خەۋپىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ بويىچە ئەگەر سۆڭەك شالاڭلىشىش خەۋپى يۇقىرى بولسا، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە مۇۋاپىق ئىشلىتىش كېرەك.
دوختۇرغا كۆرۈنۈشتىن باشقا كۈندىلىك تۇرمۇشتا قانداق قىلغاندا سۆڭەكنى چىڭىتقىلى بولىدۇ؟
1. ئوزۇقلۇق ماددىلارنى مۇۋاپىق تولۇقلاش
ئادەتتە تەركىبىدە كالتسىي بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش. مەسىلەن، پۇرچاق ياسالمىلىرى، يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، قارا كۈنجۈت ۋە كۈنجۈت قىيامى، لامنارىيە قاتارلىقلار. ئاپتاپقا قاقلىنىش ئارقىلىق بەدەنگە سىرتتىن سۈمۈرۈلىدىغان ئېلېمېنتلارنى تولۇقلاش ۋە تەركىبىدە ۋىتامىن D، ۋىتامىن k بولغان يېمەكلىكلەر، يەنى تۇخۇم سېرىقى، بېلىق جىگىرى مېيى، موگۇ ياكى دېڭىز بېلىقى قاتارلىقلارنى كۆپرەك يېيىش ئارقىلىق كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش.
2. كۆپ ھەرىكەت قىلىش
ھەرىكەت ئارقىلىق كالتسىينىڭ سۆڭەككە چۆكۈشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. بۇ سۆڭەكنىڭ چىدامچانلىقىغا پايدىلىق. بولۇپمۇ ئۆسمۈرلەر بەدەن يېتىلىشنىڭ ئالتۇن مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بولغاچقا، كۆپرەك ۋاسكېتبول ياكى پەي توپ ئويناش ئارقىلىق سۆڭەكنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرسە بولىدۇ؛ ئوتتۇرا ياشلار ئوكسىگېنلىق گىمناستىكا، ئاستا يۈگۈرۈش ياكى ۋېلىسىپىت مىنىش قاتارلىقلارنى تاللىسا بولىدۇ؛ ياشانغانلار پۇت-قولنى مۇۋاپىق مەشىق ئارقىلىق ھەرىكەتلەندۈرسە بولىدۇ، بولۇپمۇ تەيجى گۇمپىسى ۋە تامغا تايىنىپ زوڭزىيىپ ئولتۇرۇشنى مەشىق قىلغاندا يانپاش بوغۇمى ۋە پۇتنىڭ كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
3. كەيپىياتنى ئازادە تۇتۇش
ئەگەر ئۇزاق مەزگىل ئاستا خاراكتېرلىك بېسىم ھالىتىدە تۇرغاندا ھورمۇن مېتابولىزمى قالايمىقانلىشىپ، سۆڭەك ماددىسىنىڭ يوقىلىش سۈرئىتى تېزلىشىدۇ، ھەتتا سۆڭەك شالاڭلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ئاكتىپ، ئۈمىدۋار كەيپىياتنى ساقلاش كېرەك، بۇ مېتابولىزمنى تېزلىتىپ، سۆڭەكنىڭ ئەسلى مىقدارىنى ساقلاشقا پايدىلىق.
مەيلى قايسى ياشتىكى كىشىلەر بولسۇن، سۆڭەكنى ياخشى ئاسرىشى، يۇقىرىقى بىر قانچە نۇقتىنى ئىشقا ئاشۇرغاندىن سىرت، يەنە يېتەرلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىپ، تۈنىمەسلىكى، ھەر ۋاقىت توغرا ئولتۇرۇش ۋە ئۆرە تۇرۇش ھالىتىنى ساقلىشى، ئۇخلىغاندا بەل، دۈمبە قىسمىنىڭ تۈز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
تارىختىكى بۈگۈندە:
- 2020: قانداق قىلغاندا ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇق ۋە ھەرىكىتى تەڭپۇڭ بولىدۇ؟(0 باھا بار )
- 2020: دىئابېت بىمارلىرى زادى قانداق ھەرىكەت قىلىش كېرەك؟ دىئابېت كېسىلى ئىلمىنىڭ ئاساس سالغۇچىسى E.P. Josl(0 باھا بار )
- 2020: بالىلار تولۇق يېتىلمىسە قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟(0 باھا بار )
- 2020: سېمىز بالىلار ۋىتامىن D تولۇقلىسا ئورۇقلىشىغا پايدىلىق(0 باھا بار )
- 2020: بوۋاقلار تۇغۇلۇپ بىر سائەت ئىچىدە ئانا سۈتى بىلەن بېقىلىش كېرەك(0 باھا بار )