ساغلاملىق بىلىملىرى

ئۈچلۈك نېرۋا ئاغرىشنى زادى نېمە كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟

ئۈچلۈك نېرۋا ئاغرىش (三叉神经痛) دۇنيادىكى ئاغرىقلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ قاتتىق ئاغرىيدىغان كېسەللىكنىڭ بىرسى. ئۈچلۈك نېرۋا باشقۇرۇش رايونىدىكى قىسمەن ئورۇنلاردا قىسقا قاتتىق ئاغرىش ئەھۋالى قايتا-قايتا تەكرارلىنىدىغان بولۇپ، ئاغرىغاندىكى ئاغرىق ئادەم چىدىغۇسىز دەرىجىدە بولىدۇ. ئەتىياز پەسلىدە ئەتىگەن بىلەن كەچنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ ۋە ھاۋا رايى ئۆزگىرىشى كۆپ بولۇپ، مۇسكۇل ۋە قان تومۇرلارنىڭ قىسقىرىشىنى غىدىقلاپ، ئۈچلۈك نېرۋىنىڭ بىنورمال زەرەت قويۇپ بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۈچلۈك نېرۋىنىڭ قاتتىق ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىراق، ئەتىياز پەسلى ئۈچلۈك نېرۋا ئاغرىشنى داۋالاشنىڭ ياخشى پەيتى بولۇپ، بالدۇر داۋالانسىلا، قوزغىلىش قېتىم سانىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

092801044230300017234601-1

ئۈچلۈك نېرۋا ئاغرىشنى زادى نېمە كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟
1. قان يېتىشمەسلىك.
ئۈچلۈك نېرۋا ئاغرىش مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئۈچلۈك نېرۋا سىستېمىسىغا قان يېتىشمەسلىك قىسمەن جايلاردا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، نېرۋىلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقا ئامىللار قوشۇلۇپ ئۈچلۈك نېرۋا ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2. چىش-ئېڭەك سىستېمىسى قالايمىقانلىشىش.
چىش-ئېڭەك سىستېمىسى قالايمىقانلاشسا، مەسىلەن، ئۇچلۇق چىش ياكى رەتسىز چىشقا ئوخشاش چىشلار سەۋەبىدىن، بوغۇم ئەتراپىدىكى مۇسكۇللار توپىنىڭ سپازمىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىقتىداردا توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ-دە، نورمالسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەم ئۈزلۈكسىز تۈردە مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىغا يەتكۈزۈپ، مەركىزىي نېرۋا ھەرىكەت ھالىتىدىكى تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىپ، فۇنكسىيەلىك قالايمىقانلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

092801051273400017234601-1

3. نېرۋىلار بېسىلىپ قېلىش.
بەزى ئامىللار ئۈچلۈك نېرۋا سىستېمىسىنى بېسىۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاسانلا ئۈچلۈك نېرۋا ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن، كىچىك مېڭە ئۈستى ئارتېرىيەسى ۋە باش تېگى ئارتېرىيەسى ئۈچلۈك نېرۋىلارنى بېسىۋالىدۇ، ئۇنىڭدىن سىرت ناغرا پەردە ياللۇغى ئۆسۈپ قېلىش ياكى سۆڭەك ئۆسۈپ قېلىش كەلتۈرۈپ چىقارغان سۆڭەك تۆشۈكى تارىيىش قاتارلىقلارمۇ ئۈچلۈك نېرۋىلارنى بېسىۋالىدۇ-دە، ئاغرىق پەيدا قىلىدۇ.
4. غىدىقلىنىشقا ئۇچراش.
ئۈچلۈك نېرۋىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى قىسمەن توقۇلما ئەزالاردا ياللۇغلىنىش يۈز بەرگەندە، مەسىلەن، قوشۇمچە بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغى، چىش مىلىكى ياللۇغى قاتارلىقلاردا، ئاستا خاراكتېرلىك غىدىقلىنىشقا داۋاملىق ئۇچرىغانلىقتىن، نېرۋا ياللۇغلىنىش ياكى نېرۋا تالالىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۈچلۈك نېرۋا يىلتىزىغا تارقالغان قان تومۇرلاردا فۇنكسىيەلىك توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ ھەمدە سپازمىلىنىشنى پەيدا قىلىپ، ئاغرىقنى پەيدا قىلىدۇ.

092801053271800017234601-1

5. مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكلىرى.
مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى مەركىزىدىكى چوڭ مېڭە فۇنكسىيەسى ۋە دۆڭچە مېڭىدە توسالغۇ پەيدا بولسا ياكى ئەزا خاراكتېرلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشى يۈز بەرسە ئاسانلا ئۈچلۈك نېرۋا ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
سەمىمىي ئەسكەرتىش
ئۈچلۈك نېرۋا ئاغرىيدىغان بىمارلار يېمەك-ئىچمەكنىڭ مايسىز بولۇشىغا دىققەت قىلىشى، سۇيۇق-سەلەڭ يېمەكلىكلەرنى تاللاپ يېيىشى، چايناش قىيىن بولغان ياكى مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىكى، غىدىقلاش خۇسۇسىيىتى بەك تاتلىق، بەك چۈچۈمەل ۋە ئىسسىق يېمەكلىكلەرنى رەت قىلىشى، چايناش سەۋەبىدىن ئاغرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. سۇنى كۆپ ئىچىش، ئىسسىقنى ياندۇرۇپ زەھەرنى قايتۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە يېمەكلىكلەرنى ۋە يېڭى كۆكتات، مېۋىلەرنى ھەمدە پۇرچاق ياسالمىلىرىنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك. دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا ئىشلىتىش، دورا مىقدارىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. كەيپىياتنى ئازادە تۇتۇش، كېسەللىك ئۈستىدىن غالىب كېلىش ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇش، رېتسېپنى ياكى مەخپىي رېتسېپنى قالايمىقان ئىشلەتمەسلىك كېرەك.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى