ساغلاملىق بىلىملىرى

گۆشسىز تاماقمۇ قاندا ماي مىقدارى ئېشىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟

گۆشنى بەك كۆپ يېسە ئاسانلا قاندا ماي مىقدارى ئېشىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەمما، نوقۇل گۆشسىز تاماق يېيىشمۇ قاندا ماي مىقدارىنىڭ ئېشىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟

092823300698200016061200

گۆشسىز تاماق يېسە قاندىكى ماي مىقدارىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدە تۆۋەندىكى بىر قانچە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن:
1. يېمەك – ئىچمەك قۇرۇلمىسى بىر خىل بولغاندا، ناھايىتى ئاسانلا بەزى B تۈردىكى ۋىتامىنلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشى يېتەرسىز بولۇپ، ياغ مېتابولىزمى قالايمىقانلىشىپ، قاندا ماي مىقدارى ئېشىپ كېتىش كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ.
2. نوقۇل ھالدا گۆشسىز تاماق يېيىش ماينى قوبۇل قىلمىغانغا باراۋەر ئەمەس. ئۆسۈملۈك مېيى ۋە بىر قىسىم قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنىڭ تەركىبىدىمۇ ماي ماددىسى مول بولۇپ، مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر، خاسىڭ، گازىر قاتارلىقلارنى ئۇزۇن مۇددەت كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلغاندا، قاندىكى ماي مىقدارى ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن.

092823311364500016061200

كۈندىلىك تۇرمۇشتا گۆشنى مۇۋاپىق يېگەندە، قاندا ماي مىقدارى ئېشىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، مۇھىمى گۆشنى مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇپ يېيىش، مەسىلەن، ئاق گۆشنى كۆپ يېيىش، قىزىل گۆشنى ئاز يېيىش، ھەر كۈنى يەيدىغان گۆش «بىر مۇشت»دىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، گۆش يېگەندە كۆكتاتلارنىمۇ كۆپرەك يېيىش كېرەك.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى