دېئابىت كېسلىساغلاملىق بىلىملىرى

دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى يېيىشكە ماس كېلىدىغان ئالتە خىل يېمەكلىك

سىنا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

092918054169700004418093

دىيابېت ئىرسىيەت ۋە مۇھىتنىڭ ئورتاق تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىك بولغاچقا، كۆپ ھاللاردا يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە نۇرغۇن دىيابېت بىمارلىرى قان شېكىرىنىڭ ئۆرلەپ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، كۆپ قىسىم يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن ئۆزىنى تارتىدۇ. لېكىن بۇ خىل زىيادە چەكلەش ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشسا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا دىيابېت بىمارلىرىنىڭ ئۆزى ئىستېمال قىلىشقا بولىدىغان بىر قىسىم يېمەكلىكلەرنى بىلىۋېلىشى ئۇلارنىڭ ئوزۇقلىنىشىغا پايدىلىق. يەنە كېلىپ بەزى يېمەكلىكلەر دىيابېت بىمارلىرىنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ماس كېلىپلا قالماي، يەنە قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىشكە ياردەم بېرىدۇ.

092918060525400004418093

دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارغا ماس كېلىدىغان يېمەكلىكلەر قايسىلار؟

1. دانلىق زىرائەتلەر ۋە دانلىق زىرائەت مەھسۇلاتلىرى

كۆپ ئۇچرايدىغان دانلىق زىرائەتلەردىن كۆممىقوناق، سۇلۇ، گۈرۈچ ۋە ئارپا قاتارلىقلار بار؛ دانلىق زىرائەت مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي ئۇنى، قارا بۇغداي ئۇنى، قوناق ئۇنى، سۇلۇ يارمىسى ۋە ئاق سۇلۇ قاتارلىقلار بار. بۇ خىلدىكى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا قان شېكىرىنىڭ ئۆرلىشىنى ئاستىلىتىپ، قان شېكىرىنى كونترول قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ.

092918162625000004418093

2. تاتلىق ياڭيۇ

تاتلىق ياڭيۇ تەركىبىدە يېمەكلىك تالاسى ۋە كاربون سۇ بىرىكمىلىرى بار، ۋىتامىننىڭ مىقدارى بىرقەدەر يۇقىرى. شۇڭا تاتلىق ياڭيۇنى بىر قىسىم ئاق ئاشلىقنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، تاماقتىن كېيىنكى قان شېكىرىنى تۇراقلاشتۇرغىلى بولىدۇ. ئەمما، تاتلىق ياڭيۇ يەپ بولغاندىن كېيىن، بىر كۈن ئىچىدىكى قوبۇل قىلىدىغان ئومۇمىي ئىسسىقلىق مىقدارىنى ئازايتىش كېرەك.

092918065698800004418093

3. مېۋە-چېۋىلەر

دىيابېت بىمارلىرى قان شېكىرىنى تۇراقلاشتۇرغان ئەھۋال ئاستىدا، ھەر كۈنلۈك مىقدارى 150-200 گىرامدىن ئېشىپ كەتمىگەن ھالەتتە، تۆۋەن قەنتلىك مېۋىلەرنى، مەسىلەن، ئاپېلسىن، ماندارىن، قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلسا قان شېكىرىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا ياردىمى بولىدۇ. مايمۇن شاپتۇلى، بۆلجۈرگەن، ئەينۇلا ۋە قارىقات قاتارلىقلارمۇ بىرقەدەر ياخشى تاللاش بولۇپ، بۇلارنىڭ تەركىبىدىكى سۇدا ئېرىيدىغان يېمەكلىك تالاسى ۋە ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددىلار ئوخشاشلا قان شېكىرىنىڭ ئۆرلىشىنى ئاستىلىتىدۇ.

092918155223500004418093

4. كالا سۈتى

كالا سۈتى ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى، مەسىلەن، قېتىق، سۈت پاراشوكى ۋە پىشلاق قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە مول كالتسىي بولۇپ، ئاسان ھەزىم بولىدۇ ۋە سۈمۈرۈلىدۇ. دىيابېت بىمارلىرى ھەر كۈنى 300 مىللىلېتىر سۈت ياكى 150 گىرام ئەسلى تەمدىكى قېتىق ئىچسە بولىدۇ؛ بەدەن شارائىتى ۋە ئېھتىياجىغا ئاساسەن دىيابېت بىمارلىرى ئوخشىمىغان سۈت مەھسۇلاتلىرىنى تاللىسا بولىدۇ.

092918125259800004418093

5. پەمىدۇر

پەمىدۇر كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆپ ئىستېمال قىلىنىدىغان كۆكتات. ئۇنىڭ تەركىبىدىكى پەمىدۇر تالاسى قان شېكىرىنى تۇراقلاشتۇرۇپ، دىيابېت كېسىلى پەيدا قىلغان يۇقىرى قان بېسىم ۋە كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى پەسەيتىدۇ.

092918133259400004418093

6. پۇرچاق تۈرىدىكىلەر

سويا پۇرچاق (دادۇر)، جاڭدۇ، يېسسى پۇرچاق ۋە قىزىل كىچىك پۇرچاق قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە يېمەكلىك تالاسى، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى ۋە ئەلا سۈپەتلىك ئۆسۈملۈك ئاقسىلى بار. بۆرەك ئىقتىدارى نورمال ۋە قاندا سۈيدۈك كىسلاتاسى كۆپىيىش كېسىلى، يەللىك بوغۇم ئاغرىقى بولمىغان دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى يېمەك-ئىچمەككە ھەر خىل پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.

092918092353700004418093

يۇقىرىقى بىر نەچچە خىل يېمەكلىكتىن باشقا، دىيابېت بىمارلىرى يەنە بىر قىسىم قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنى، مەسىلەن، كاۋا ئۇرۇقى، بادام، خاسىڭ، ياڭاق مېغىزى ۋە گازىر قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ تەركىبىدە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بولۇپ، بەدەننى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىرگە، قان شېكىرىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلايدۇ؛ ئۇنىڭدىن باشقا، بېلىق گۆشىمۇ دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل ۋە كۆپ تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى، قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىشتىن سىرت، يەنە يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسىنى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ.


نۇر تورىدىن ئېلىندى!

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى