بىلىۋىلىڭ

بالا نېمىشقا دائىم سىزگە سايىدەكلا ئەگىشىپ يۈرىيدۇ؟

بالا نېمىشقا دائىم سىزگە سايىدەكلا ئەگىشىپ يۈرىيدۇ؟ سەۋەبىنى بىلگەندىن كېيىن بەك تەسىرلىنىپ كەتمەڭ ھەم ئۆزىڭىزنى بەك ئەيىبلەپ كەتمەڭ

شياۋجۈننىڭ ئېيتىشىچە، بالا بەش ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئادەت خاراكتېرلىك ئۆزىگە ئەگىشىپلا يۈرىيدىكەن، باشقىلار نەرسە ئېلىپ كەلسىمۇ ئۇنى ئازدۇرالمايدىكەن، ئۇنىڭ بېشى بەك قاتتى، مەندە بىرەر سېھرىي كۈچ بارمۇ قانداق؟، بالام ماڭا نېمانچە قىيمايدىغان بولۇپ قالدى؟.

بالىنىڭ ئۆزىگە يېپىشىۋالماسلىقى ئۈچۈن، ئىلگىرى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ، بالىسى بىلەن كۆرۈشمەسلىكنى سىناپ باققان، بالىسىنىڭ بۇنداق بېقىنىشىنىڭ ئازراق بولۇشىنى ئۈمىد قىلغان، لېكىن ئويلىمىغان يەردىن بىر ھەپتىدىن كېيىن ئۆزى ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە، بالا ئۆزىنى كۆرۈپ ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ يېنىغا بېرىپ، پۇتىنى قۇچاقلاپ، ئاپىسىنى چاقىرغان، يەنە نېمىشقا بۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت قايتىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ،ئاپىسىنى سېغىنغىلى ئۇزۇن بولغانلىقىنى ئېيتقان. شياۋجۈن بالىسىنىڭ بۇنداق گېپىنى ئاڭلاپ، بالىسى بىلەن ئايرىلىپ تۇرۇشقا كۆزى قىيمىدى، يېپىشسا يېپىشۋەرسۇن بولدى دەپ ئويلىدى. ئۇنداقتا بالا زادى نېمە ئۈچۈن سىزگە چاپلىشىپ تۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ؟

640-4

1.بالا سىزنى بىر قەدەر ياخشى كۆرىدۇ

بالا بىلەن ئاپىسىنىڭ كۆڭلى بىر – بىرىگە باغلانغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىللە تۇرغان ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن بولغاچقا، بالىدا سىزگە نىسبەتەن بىخەتەرلىك تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ، شۇڭا نېمە ئىش قىلغاندا دائىم سىز بىلەن بىللە بولۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، شۇڭا بالىنىڭ بۇنداق ئەھۋالىغا قارىتا، بالىغا مەيلى قانداق ۋاقىتتا بولسۇن، ئاپىسىنىڭ سىزگە بولغان مۇھەببىتىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى ، لېكىن ئۇنىڭ ھامان چوڭ بولىدىغىنىنى، ئانىسىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ قويۇڭ .

ئاپىڭىز سىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشىڭىزنى ئۈمىد قىلىدۇ، شۇڭا ھازىر سىز ئۆزىڭىزنى چېنىقتۇرۇشنى ئۆگىنىشىڭىز كېرەك، كېيىن ئاندىن ئاپىڭىزنىڭ پەخرى بولۇپ قالىسىز، ئاندىن تېخىمۇ ياخشى ئۆزىڭىز بولالايسىز.

640-5

2.سىزنىڭ تەھدىتىڭىزگە ئۇچراپ، قورقىدۇ

بەزى ئاتا – ئانىلار بالىلىرىغا تىل جەھەتتە تەھدىت سېلىپ ، مەقسىتىگە يېتىشنى ياخشى كۆرىدۇ ، مەسىلەن: «سەن يەنە گەپ ئاڭلىمايدىغان بولساڭ ، مەن سېنى كوچىغا تاشلىۋېتىمەن، ئىشەنمەمسەن؟»

بۇنداق بولغاندا ھەقىقەتەن بالىلارنى چۆچۈتۈش رولىنى ئوينايدۇ، لېكىن بۇنداق قىلىشنىڭ ئاقىۋىتى شۇكى، بالىلار سىزنىڭ تاشلىۋېتىشىڭىزدىن قورقۇپ، دائىم سىزدىن ئايرىلماي، سىزگە قاراپ تۇرىدۇ.

3.بالىنىڭ مۇستەقىللىقى، ئۆزىنى ماسلاشقۇزمايدۇ

بالا تۇغۇلغاندىن تارتىپ، ئۆزى بىلەن بىللە بولىدۇ، سىز ھەمىشە تىرىشىپ بالىنىڭ ھەممە ئىشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرىسىز، كۈنلەرنىڭ بىرىدە بالا مۇستەقىل بولالايدۇ دەپ قارىسىڭىز، ئۇنى تۇرمۇشقا كۆندۈرىسىز، لېكىن بالا ئەمدىلا تۇرمۇشقا كۆنگەچكە، نۇرغۇن نەرسىلەرنى چۈشەنمەيدۇ، شۇڭا سىزدىن توختىماي سورايدۇ، سىزنىڭ پىكىرىڭىزنى ئالىدۇ. بۇنداق بولغاندا سىز بالىنىڭ دائىم يېنىڭىزدا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز.

640-3

4.سىز دائىم سەۋەپسىز يوقاپ كىتىسىز

ئاتا – ئانىلار سىرتقا چىقىپ ئىشلىمەكچى بولغاندا، دائىم «سىز ئۆيدە مېنى بىردەم ساقلاپ تۇرۇڭ، مەن تېزلا قايتىپ كېلىمەن» دەيدۇ. لېكىن بۇ ئاتالمىش بىردەم ساقلاپ تۇرۇش، بالىنى ئۆيدە بىر كۈن، ئىككى كۈن، ئۈچ كۈن ساقلاتتى.

باھار بايرىمى كەلگەندە، سىز قايتىپ كەلگەندە، بالا ئاندىن ئۈزۈل ـ كېسىل ساقلاپ بولدى، سىز يەنە سىرتقا چىقماقچى

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى