پەرزەنىت تەربىيسى

بالىدىكى بۇ ئىللەتلەر ئىللەت ئەمەس بەلكى ئارتۇقچىلىق

بالىدىكى بۇ ئىللەتلەر ئىللەت ئەمەس بەلكى ئارتۇقچىلىق

بالىدىكى نۇقسان، يامان ئىللەتلەرگە تىكىلىپ قاراپ تۇرۋالسىڭىز، سىز مەڭگۈ بىر مۇنەۋۋەر بالىنى يېتىشتۈرۈپ چىقالمايسىز.

چۈنكى، بىز «يامان ئىللەت» دەپ قارىغان نۇرغۇن «يامان ئىللەت» لەرگە ھەمىشە بالىلارنىڭ ئۆزىگە خاس يوشۇرۇن ئىقتىدارى يوشۇرۇنغان بولىدۇ.

640-2

چوڭلارنىڭ نەزەرىدە بالىدا ھەمىشە بەزى باش ئاغرىتىدىغان «يامان ئىللەتلەر» بار بولىدۇ، بۇ مەسىلىلەرنى يوقىتىش ئۈچۈن، بىز دائىم ئۆزىمىزنى تۇتالماي بالىمىزغا ھەر خىل ماركىلارنى چاپلاپ، ئۇنى تەنقىدلەيمىز، ئۇنىڭغا زەربە بېرىمىز.

ئەمەلىيەتتە، بەزى ئىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىشى بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا چوقۇم بېسىپ ئۆتىدىغان باسقۇچ.

بىز بۇ مەسىلىلەرگە باشقا بىر نۇقتىدىن قاراپ باقساقلا، بۇ «يامان ئىللەت» لەرگە بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش پۇرسىتى يوشۇرۇنغانلىقىنى بايقالايمىز.

تاكاللىشىش

 

640

جۇڭگولۇق ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ  تاكاللىشىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ.بالىلاردىكى بۇ خىل ئاشكارا قارشىلىق دائىم ئاتا – ئانىلارنىڭ چىشىغا تېگىپ قويىدۇ، چوڭلار بۇ خىل كونتروللۇقىنى يوقاتقان تۇيغۇنى ياخشى كۆرمەيدۇ.

مەسىلەن، ھاۋا سوغۇق بولسا، سىز بالىغا بىر چاپان  كىيىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلسىڭىز، ئۇ قېرىشىپ ئۇنىمىدى، سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە :

بالا ماسلاشمايدۇ، گەپ ئاڭلىمايدۇ، ياخشىلىقنى بىلمەيدۇ.

ھالبۇكى، ئەگەر بالا نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئەمەلىيەتتە ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ ھەقىقىي تەسىراتىنى ئىپادىلەۋاتىدۇ:

مەن ھازىر توڭلىمىدىم، ماڭا چاپان لازىم ئەمەس.

بۇ خىل قارشىلىق كۆرسىتىشنى پۈتۈنلەي يامان ئىش دەپ كەتكىلى بولمايدۇ، ئەكسىچە بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلگەنلىكىنىڭ بەلگىسى، چۈنكى ئۇ ئاتا – ئانىسى بىلەن ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىنى تالىشىۋاتىدۇ.

يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، بالىلاردا كۈچلۈك ئۆزلۈك ئېڭى پەيدا بولىدۇ، ئۇلار تايىنىۋېلىشتىن قۇتۇلۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

تاكاللىشىشنىڭ ماھىيىتى، بالا سىزنى قەستەن خاپا قىلىپ، سىز بىلەن قارشىلىشىۋاتقانلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ، بەلكى بالا ئۇلارنىڭ لوگىكىسى بىلەن سىزنى قايىل قىلىپ، ئۆزىنىڭ تاللاش ھوقۇقىنى قوغدىماقچى بولىدۇ، بۇ باتۇرلۇق بىلەن ئىپادىلەش ۋە مۇستەقىللىقنى ئارزۇ قىلىشنىڭ ئىپادىسى.

ۋىرگىنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە:

كىچىكىدىنلا ئاتا – ئانىسى بىلەن تالاش – تارتىش قىلىدىغان بالىلارنىڭ چوڭ بولغاندىن كېيىن ئىجتىمائىي ئالاقىدە كۆرۈلگەن پىكىر ئىختىلاپىنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىمۇ تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.

بەلكىم بالىڭىزنى :

بۇ بالىنىزە، قانات قۇيرۇقۇڭ يىتىلىپ  چوڭ بولغان  ئوخشىمامسەن، بىر ئېغىز گەپكە ئون ئېغىز گىپىڭ تەييار سىنىڭ !  دەپ ئەيىپلەۋاتقان بولۇشىڭىز مۇمكىن

لېكىن ئويلاپ بىقىڭ ، بىزنىڭ بالا بېقىشتىكى ئاخىرقى مەقسىتىمىز، ئۇنىڭ قانات قۇيرىقىنى يىتلىدۈرۈپ، تېخىمۇ كەڭ ئاسماندا پەرۋاز قىلدۇرۇش ئەمەسمۇ؟

تاكاللىشىشنىڭ پەيدا بولۇشى بالىلارنىڭ مۇستەقىللىق ئېڭىنىڭ ئاستا – ئاستا ئويغىنىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

خۇددى گېرمانىيە پىسخولوگى ئانگلىكا فاس دوكتور ئىسپاتلىغىنىدەك:

بالىلار بىلەن چوڭلار ئوتتۇرىسىدىكى تالاش – تارتىش كېيىنكى ئەۋلادلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، چوڭلار يولىغا مېڭىشتىكى مۇھىم بىر قەدەم.

شۇڭا، بالىلىرىڭىز سىزگە دائىم «گەپ ياندۇرسا»، ئالدىراپ خاپا بولماڭ، سىزنىڭ قىلىدىغىنىڭىز ئۇلارغا قانداق قىلىپ توغرا «گەپ ياندۇرۇش».

بالا تەلپىنى بىلدۈرمەكچى بولغاندا، «مەن شۇنداق قىلىمەن» دەپ بىشەملىك قىلماستىن، بەلكى مۇۋاپىق سەۋەب كۆرسىتىدۇ.

بۇ ھال چوڭلاردىن بالىلاردىن «نېمە ئۈچۈن» دېگەننى كۆپ سوراپ، بالىلاردا لوگىكىلىق ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى يېتىشتۈرۈشنى تەلەپ قىلسا تامامەن بولىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە بەزى ھۇجۇم قىلىش خاراكتېرىدىكى گەپلەردىن ساقلىنىش كېرەك.

بالىلارغا ئۇلارنىڭ تەسىراتى ۋە ئويىغا ئاتا – ئانىلار ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، لېكىن ئۇسۇل ۋە پوزىتسىيەگە مەڭگۈ دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىش كېرەك.

مۇۋاپىق ھەم ئەدەپلىك ھالدا تالاش – تارتىش قىلىش بالىلارغا ئىنتايىن پايدىلىق.

ئويۇن قىپى

 

640-3

يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى يېڭى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كىرگەن مەزگىلدە دائىم مۇنداق مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىدۇ:

يەسلىدە زادى نېمە دەرس ئۆتىدۇ؟

يەسلى ئوقۇتقۇچىسى ھەر كۈنى بالىلارنى ئوينىتامدۇ؟

بالىلارنىڭ يەسلىدە ئويۇننى ئاساسلىق پائالىيەت قىلىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، بەزى چوڭلار جىددىيلىشىپ كېتىدۇ:

باشقىلارنىڭ بالىلىرى نەچچە يۈز خەتنى تونۇيدىكەن، لېكىن بىزنىڭ بالا پەقەت ئويناشنىلا بىلىدۇ!

چوڭلارنىڭ ئويۇنغا بولغان بىر تەرەپلىمە قارىشى بار، ئۇ بولسىمۇ، ئويۇن  بالىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە ئەڭ دەخلى قىلىدۇ.

ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، بالىلىقتىكى ئويناش بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.

قارىماققا قارىغۇلارچە ئويناشتەك قىلغان بىلەن ،بۇ جەريانىدا، بالىلار بىر ئۆمۈر بەھرە ئالىدىغان نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالىدۇ.

پىسخولوگ مارك روسېنزىۋىگ ئۈچ گۇرۇپپا چاشقان ئۈستىدە بىر مەيدان تەجرىبە ئىشلىگەن:

بىرىنچى گۇرۇپپا ئۆلچەملىك قەپەسكە سېلىنىپ، ئادەتتىكى ئۇسۇلدا بېقىلىدۇ؛

ئىككىنچى گۇرۇپپىنى ئايرىم ئايرىپ، تۇتۇق، قاراڭغۇ قەپەسكە سېلىپ بېقىلىدۇ؛

ئۈچىنچى گۇرۇپپا ئويۇنچۇقلار تولۇق، يورۇقلۇق يېتەرلىك بولغان چوڭ قەپەسكە سېلىپ بېقىلىدۇ.

نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، تۇرمۇش مۇھىتى ئوخشاش بولمىغان چاشقانلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىدە روشەن پەرق بولىدىكەن.

قانچىكى ئازادە، يورۇق، ئويۇنچۇقلار كۆپ «مول مۇھىت» دا چاشقاننىڭ چوڭ مېڭىسى شۈنچە ياخشى يېتىلىپ، تۈرلۈك ئىقتىدارلىرى شۇنچە گەۋدىلىك بولىدۇ.

مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، بالىلار ئاددىي ئويناش جەريانىدا ھەر خىل ياشاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ.

 

640-1

بىر ئانا ئىلگىرى بالىسىنىڭ مەھەللىدە بالىلار پادىشاھى ئىكەنلىكىدىن ئاغرىنغان، بالىلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنى ئىزدەپ بىللە ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئاپىسى بۇنداق كېتىۋەرسە، بالىنىڭ ئۈگىنىشى تاشلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.

ئەمەلىيەتتە، بىر بالا ھەمراھلىرى ئارىسىدا قارشى ئېلىنسا، بۇ دەل ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈك، رەھبەرلىك ئىقتىدارىنىڭ تولۇق بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى.

ئۇنىڭ سەمىمىيىتى، دوستانىلىقى ئارقىلىق ھەمراھلىرىنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتى، بۇ يامان ئىش ئەمەس.

ئويناشنى بىلىدىغان بالىلارنىڭ بەدىنىدە غايەت زور يوشۇرۇن كۈچ بار.

بالىلار ئويناش جەريانىدا ئۇرغۇپ تۇرغان زېھنىي كۈچىنى مەشىقلەندۈرىدۇ؛

ئىجتىمائىي ئالاقىنىڭ تۈرلۈك قائىدىلىرىنى ئۆگىنىۋالالايدۇ؛

ئاتا – ئانىسى بىلەن ئوينىغاندا، يەنە ئاتا – بالا ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇر مۇھەببەتنى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈكنى  سالغىلى بولىدۇ.

بالىلارنىڭ ئوينىشىنى ھەددىدىن زىيادە چەكلەپ قويۇش، ئەكسىچە بالىلارنىڭ قىزىقىشى ۋە ئىزدىنىش ئىستىكىنى يوقىتىپ قويىدۇ.

ئويۇنغا ئامراق بولۇش ھەر بىر بالىنىڭ تەبىئىتى، ئاتا ـ ئانىلار بالىلارنىڭ ئوينىشىنى قوللاپلا قالماي، يەنە ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ ئويناپ، بالىلارنى كەلگۈسىدە قىزىقىشى مول ئىقتىدارى كۈچلۈك  ئادەم بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.

ئىچ مىجەز، گەپ قىلىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ

 

640-4

_سەل شوخ بالا بولغان بولساڭ بەك ياخشى بولاتتى!

سەن نېمىشقا گەپ قىلىشقىمۇ پېتىنالمايسەن؟

سەل شوخراق بول دەيمەن ، بەك ئىچ مىجەز بولساڭ كېيىن يارامسىز ئادەم بولۇپ قالىسەن.

بۇ ئىچ مىجەز بالىلار ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا دائىم ئاڭلايدىغان گەپ.

چوڭلار دائىم ئىچ مىجەز بولۇشنى بالىلارنىڭ كەمچىلىكى دەپ قاراپ،  ئەندىشە قىلىدۇ ۋە تەشۋىشلىنىدۇ، ھەتتا بالىلارنىڭ خاراكتېرىنى مەجبۇرىي ئۆزگەرتمەكچى بولىدۇ.

بىر بوۋاي نەۋرىسىنى ئىچ مىجەز، گەپ قىلىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ دەپ قاراپ، نەۋرىسىنى چېنىقتۇرۇش ئۈچۈن، ھەر كۈنى بالىنى ئېلىپ باغچىغا بېرىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا بىر كۇپلېت شېئىر يادلاتقۇزىدۇ ياكى ناخشا ئېيتىقۇزىدۇ، بالا شۇ بويىچە قىلمىسا، ئۆيگە قايتمايدۇ.

كېيىن بالا باغچىغا بارىدىغانلىقىنى ئاڭلاپلا يىغلاپ كېتىدۇ.

ياشانغانلارنىڭ مەجبۇرلىشى بالىلارنىڭ پىسخىكىسىدا چوڭ داغ قالدۇرۇپ، باشقىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشتىن بارغانسېرى قورقىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، ئىچ مىجەز بولۇش يامان ئىللەت ئەمەس.

پىسخولوگ يۇنگ ئىچكى مىجەز بىلەن تاشقى مىجەزلىكنى مۇنداق تەسۋىرلىگەنىدى:

ئوچۇق مىجەزلىك كىشىلەر قۇياش ئېنېرگىيەلىك ئېلېكتىر تاختىسىغا ئوخشايدۇ، ئۇلار سىرتتىكى قۇياش نۇرى ئارقىلىق توك قاچىلاشقا موھتاج، شۇڭا ئۇلار كۆپ مىقداردا ئىجتىمائىي ئالاقە ئېلىپ بېرىپ، يۇقىرى سىجىللىقتىكى غىدىقلاشلار بىلەن ئۇچرىشىپ، بەدەننىڭ ئېنېرگىيەسىنى ئويغىتىدۇ؛

ئىچ مىجەز كىشىلەر بولسا توك چاينەككە ئوخشايدۇ، ئۆي ئىچىدىكى توكقا چىتىشقا توغرا كىلىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئېنېرگىيەگە ئېرىشىش ئۇسۇلى تىنچ مۇھىتتا، ياخشى ئارام ئېلىش.

بىر دوستۇم بەكمۇ ئىچ مىجەز ، ئۇ ئادەتتە كىتاب كۆرۈشنى، يالغۇز يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، بىز بىلەن بىللە بولغاندا، گەپ قىلىشنى ئانچە خالىمايدۇ.

ئۇ بۇرۇن چاقچاق قىلىپ:

_ئاپام دائىم مىنى دۆت ،گەپ قىلىشنى بىلمەيدۇ دەيدۇ، مەن سىلەرنىڭ گېپىڭلارنى ئاڭلىساملا بولدى » دېگەن.

ئەمەلىيەتتە، بۇ دوستىمىزنى كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ياخشى كۆرىدۇ، يېنىدا كىم خۇشال بولمىسا ياكى بىئارام بولسا، ئۇ ھەمىشە بىرىنچى بولۇپ بايقايدۇ.

ئۇ گەرچە گەپ قىلىشنى ياخشى كۆرمىسىمۇ، لېكىن ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىدۇ، نۇرغۇن چوڭ ئىشلاردا ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە نۇرغۇن سەمىمىي تەكلىپلەرنى بېرىدۇ.

ئىچ مىجەز بالىلار كۆپ ھاللاردا ئىچكى دۇنياسىغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ، سوغۇققانلىق بىلەن كۆزىتىشكە ماھىر، باشقىلار دىققەت قىلالمايدىغان تەپسىلاتلارغا دىققەت قىلىدۇ، ئاڭلاشنى بىلىدۇ، يالغۇزلۇققا چىدايدىغان ئىقتىدارىغا ئىگە.

مانا بۇ ئىچ مىجەز بالىنىڭ ئىچكى كۈچى.

بىز بالىلارغا چاپلاپ قويغان قورقۇنچاق، يارامسىز دېگەن ماركىلار ئەكسىچە بالىلارنىڭ بۇ خىل كۈچىنى بۇزىۋىتىدۇ.

بۇ بالىلارنى ئىچ مىجەز قىلىشنى تەرغىپ قىلغانلىق ئەمەس، شۇنداقلا ئاشۇ ئوچۇق – يورۇق بالىلارنى ئىنكار قىلغانلىق ئەمەس.

640

پەقەت ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىدىكى بۇ خىل ئالاھىدىلىككە توغرا قارىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، نېمىلا دېگەن بىلەن ھەر بىر ئادەمنىڭ خاراكتېرى تۇغۇلغان كۈندىن باشلاپ ئوخشاش بولمايدۇ.

ئەگەر ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكىگە ماسلىشىپ، كۆپرەك ھۆرمەت قىلىپ، كۆپرەك سەۋرچانلىق بىلەن يېتەكلىسە، ھەر قانچە ئىچ مىجەز بالىلارمۇ غايەت زور يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرالايدۇ.

ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ ئەڭ ئىشىنىدىغان ئادىمى، شۇنداقلا بالىلارنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىشىغا ئەڭ ياردەم بېرەلەيدىغان ئادەم.

پەقەت مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنسىلا، بۇ يامان ئىللەتلەرمۇ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئەۋزەللىكىگە ئايلىنىدۇ.

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى