پەرزەنىت تەربىيسى

بالىلار تەربىيەسىدە مېھرىبان ئانا بولغان ياخشىمۇ قاتتىق قولمۇ؟

نۇرغۇن ئائىلىلەردە ئانىلار بالىغا تەنقىدىي تەربىيە بېرىش ،دادىلار بولسا تەنقىد ئاڭلىغان بالىنى بەزلەش ھەم تەسەللى بېرىش رولىنى ئالغان بولىدۇ.
نۇرغۇن  ئانىلار  ئۆيدە ئۆزىنىڭ «ئەسكى ئادەم» بولۇپ ،يولدىشىنىڭ بالىلار ئالدىدا ياخشى دادىنىڭ ئوبرازىنى ساقلاۋاتقانلىقىنى ئىيتىشىدۇ.
كۆپچىلىك «مېھرىبان ئاتا_ئانا» ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىپ، «قاتتىق قول ئانا، مېھرىبان ئاتا» دىن ئىبارەت يېڭىچە ئائىلە تەربىيە ئەندىزىسىنى باشلىدى.

640

ئۇنداقتا زادى قايسى خىل ئەندىزە بالىلارنى تەربىيەلەشكە تېخىمۇ ماس كېلىدۇ؟

ئانىسى بەك «مېھرىبان» بولسا بالىنىڭ  قائىدە تەرتىپ تىكلىشىگە پايدىسىز
خېلى بۇرۇن، بىز «يولۋاس ئانا، مۈشۈك دادا»  بالا تەربىيە ئەندىزىسىنى سۆككەن، ھەمىشە «ئانا مۇلايىم بولۇشى كېرەك، دادا بولسا ئەرلەرنىڭ سۈرلۈك ئوبرازىنى ساقلىشى كېرەك» دەپ قارايتتۇق.
ئەمەلىيەتتە بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، بۇ خىل ئىش تەقسىماتى ئەندىزىسى ئاللىقاچان كارغا كەلمەيدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىدۇق.
بالا تۇغما دىپلومات، ئۇلار ئۆيدە كىمنىڭ «ئەڭ يۇمشاق باش ،نېمە دېسە ماقۇل دەيدىغانلىقى» نى ئېنىق پەرق ئېتەلەيدۇ، ئاندىن بۇ بىر ئادەمگە ئۇششۇقلۇق قىلىپ ئەركىلەيدۇ.
بالىنىڭ ئەسكى مىجەزىنىڭ ھەممىسى كۆندۈرۈشتىن كىلىدۇ .
ئانا ھەمىشە مېھرىبان، مۇلايىم پوزىتسىيەدە بولۇپ، مۇقىم تەربىيە مەيدانى بولمىسا،  سىزنىڭ گېپىڭىز بالىنىڭ  سول قۇلىقىدىن كىرىپ، ئوڭ قۇلىقىدىن چىقىپلا قالماي، ھەتتا  سىزنى بوزەك قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ.
كىچىك بالا ئاپىسىنىڭ ئۇنىڭ يان تېلېفون ئوينىشىغا يول قويمىغانلىقى ئۈچۈن، 100 تال چوكا مۇز يەپ ئۆزىنى «مۇزلاپ ئۆلۈۋالىمەن» دەپ، ئاپىسىنى پۇشايمان قىلدۇرماقچى بولدى.
كىم بىلسۇن، ئاپىسى ئۇنى ئازراقمۇ مەيلىگە قويۇۋەتمەي، راستىنلا 100 تال ماروژنى ئىلىپ بەردى .
بۇ  بالا تىرىشىپ ئۈچنى يېگەندىن كېيىن چىدىيالماي  يىغلاپ كەتتى.
نۇرغۇن ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ يىغلامسىراشلىرىغا  قاراپ  كۆڭلى ئاسانلا يۇمشاپ قالىدۇ.
نەتىجىدە بىر قېتىم مۇرەسسە قىلىنغاندىن كېيىن ، بالا ھەر قېتىم ئىمكانىيەت بار دەپ قاراپ، ھەددىدىن ئېشىپ كېتىدۇ.
بۇيەردە ئانىلارنى يولۋاستەك ياۋۇز قىياپەتكە ئايلىنىڭ دېمەكچى ئەمەس ، بەلكى مەسىلىگە تۇتقان پوزىتسىيەرىڭىز  قەتئىي بولسۇن دېمەكچىمىز.

بىر پىرىنسىپچان ئانا بالىنىڭ قائىدە تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بېرىدىغان ئاچقۇچ .

640-5

دادىسى بەك قاتتىق قول بولسا بالىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى  بۇزىدۇ

ھەددىدىن زىيادە قاتتىق بولغان ئاتا مېھرى بالىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى بۇزۇپ، بالىغا كۈچلۈك بېسىم تۇيغۇسىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئاسانلا بالىنى ئىچ مىجەز، قورقۇنچاق، ئۆزىنى كەمسىتىدىغان قىلىپ قويىدۇ.
قاتتىق قول دادا  ئالدىدا، بالا ئۆزىنىڭ خاراكتېرىنى نامايان قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ، ئۆزىنىڭ ئويىنى ئىپادىلەشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ، مۇشۇنداق كېتىۋەرسە، ئاتا ـ بالا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ پايدىسىز.
روشەنكى مېھرىبان ئاتىنىڭ رولى بىزنىڭ بالا تەربىيمىزگە  تېخىمۇ ماس كېلىدۇ.

بىز دائىم ئاتا ئېگىز تاغقا ئوخشايدۇ، چوڭ دەرەخكە ئوخشايدۇ دەيمىز، ئاتا ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى بولۇپلا قالماي، يەنە بالىنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ كۈچلۈك يۆلەنچۈك.
دادىلاردىكى ھەقىقىي كۈچلۈكلۈك  ئاۋازىنىڭ قانچىلىك يۇقىرى، مۇشتىنىڭ قانچىلىك قاتتىق بولۇشىدا ئەمەس، بەلكى كۆكسى – قارنىنىڭ قانچىلىك كەڭ بولۇشىدا،ئايالىغا ھۆرمەت قىلىشىدا، بالىسىغا سەۋرچان بولۇشىدا، ئاتا – ئانىسىغا ۋاپادار بولۇشدا، ھەممە يەردە مۇلايىم بولۇشىدا.

بۇنداق دادىنىڭ يېنىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن بالىلار ئۆزىگە تېخىمۇ ئىشىنىدۇ.

640-7

ئاتا ئانىلار قاتتىق قوللۇق بىلەن مېھرىبانلىقنىڭ ئورنىنى ياخشى تاپالىغاندا ئاندىن پەرزەنىت تەربىيەسىدە ئۇتۇق قازىنىدۇ

«قاتتىق قوللۇق » قوپال بولۇش بولماستىن، بەلكى تەربىيە مەيدانى ۋە پوزىتسىيەسى قەتئىي بولۇش، تۆۋەن چەكنى ئايدىڭلاشتۇرۇشنى كۆرسىتدۇ .

«مېھرىبانلىق» بالىنىڭ ھەر ئىشىغا يول قويۇش ئەمەس، بەلكى بالىغا ئەقىل – ئىدراك، سەۋىر – تاقەت ۋە مۇھەببەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
مەيلى «مېھرىبان ئانا، مېھرىبان ئاتا» بولسۇن ياكى «قاتتىق قول  ئانا، مېھرىبان ئاتا» بولسۇن، مەيلى ئاتا ـ ئانىلار قايسى خىل گۇرۇپپىنى ماسلاشتۇرسۇن، ھەممىسى ئاتا ـ ئانىلارنىڭ بالا تەربىيىلىگەندە ئوخشاش بولمىغان مەيدانىنى ئىپادىلەيدۇ.

640-6

ئاتا ـ ئانىلار بالىلارنىڭ خاراكتېرىگە ئاساسەن مۇۋاپىق تەربىيە بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشى كېرەك، تەلەپچان بولۇش بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئەڭ پايدىلىق ئۇسۇل.

پەقەت ئاتا ـ ئانىلار بىر ـ بىرىنى تولۇقلاپ، بىر ـ بىرىگە ماسلىشىپ، بالىلارنى تەربىيىلەشكە ئورتاق قاتناشسىلا، بۇ ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئائىلە تەربىيىسى ھېسابلىنىدۇ.

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى