پەرزەنىت تەربىيسى

سىز بىر ياخشى ئانا، لېكىن ياخشى ئايال ئەمەس

كۆپىنچە ئەرلەر ئايالى تۇغقاندىن كېيىن ئاغرىنىپ: _بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن مىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپلاۋەتتىڭىز ،سىز ناھايىتى ياخشى ئانا، لېكىن ياخشى ئايال ئەمەس .دېيىشى مۇمكىن

چۈنكى بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئايال كىشىنىڭ تۇرمۇش تەرتىپىدە ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولىدۇ:

بالا بىرىنچى ئورۇندا، ئۆزى ئىككىنچى ئورۇندا، يولدىشى ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

640-8

بۇ خىل ئەھۋال ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن ئائىلىلەردە كۆپ ئۇچرايدۇ: بالىسىنىڭ تۇغۇلۇشى بىلەن  ئەرنىڭ ئايالىنىڭ كۆڭلىدىكى  ئورنىنى بالا ئالىدۇ، ئەرلەر  ئەڭ ئاخىرىغا تىزىلىپ، بالا بىر ئائىلىدىكى C ئورۇننى(ئەڭ مەركەزلىك ) ئىگەللەيدۇ .

شۇڭا  بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ئالدىنقى ئۈچ يىل ئاجرىشىش ئەڭ كۆپ  مەزگىل.

ئاياللار بالىلارغا ھەددىدىن زىيادە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئەر ـ خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتكە سەل قارىغاچقا، ئۇرۇشۇش بارغانسېرى كۆپىيىپ، زىددىيەت  ئۆكسىمەيدۇ.

بىرىنچى ئورۇنغا قويۇلغان بالىلارنىڭ بەخت تۇيغۇسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ناتايىن، ھەتتا نۇرغۇن تراگېدىيەلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ.

ئائىلە مۇناسىۋىتىدە، ئانا – بالىلىق مۇناسىۋەتنى ئەمەس، بەلكى ئەر – خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش كېرەك.

ئاتا – ئانىنىڭ مۇناسىۋىتى دەل بالىنىڭ ئىپتىدائىي ئائىلىسى (تۇغۇلۇپ  ئۆسۈپ يىتىلپ چوڭ بولىدىغان مۇھىتى )ھېساپلىنىدۇ

چۈنكى بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەر قانچە ياخشى ماددىي مۇھىت  بىر – بىرىگە كۆيۈنىدىغان، بىر – بىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان بىر جۈپ ئاتا – ئانىغا يەتمەيدۇ.

640-9

خۇددى پىسخىكا مەسلىھەتچىسى ۋۇ جىخۇڭ ئېيتقاندەك:

_ئاتا – ئانا بالىنىڭ تاللىغىلى بولمايدىغان  ئەڭ چوڭ تەقدىرى، ئەگەر ئاتا – ئانا بىر – بىرىنى ياخشى كۆرسە ،ھۆرمەتلىسە  بالا بەخت تۇيغۇسىغا چۆمىدۇ.

ئاتا – ئانىلار بىر – بىرىنى ياخشى كۆرىدىغان ۋە بىر – بىرىنى ياخشى كۆرمەيدىغان ئائىلىدە چوڭ بولغان بالىلارنىڭ قانداق پەرقى بار؟

ئاتا ـ ئانىسى بىر _بىرىنى ياخشى كۆرىدىغان ئائىلىدە چوڭ بولغان بالا كۆرگەن دۇنيا ئىللىق قۇياش نۇرىغا تولغان، بۇنداق بالىلار تەبىئىي ھالدا ئۈمىدۋار، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئاسانلا دوست تۇتالايدۇ.

چۈنكى بۇنداق ئائىلىدە بالىلار ئاتا – ئانا ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتنى ھېس قىلالايدۇ، بۇ خىل مۇھەببەت خۇددى ئۆيدە بىر ئىللىق ئۇۋا ياسىغانغا ئوخشايدۇ.

بالا بۇ ئىللىق  ئۇۋىدا چوڭ بولسا، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۈچلۈك بولىدۇ، شۇڭا تېخىمۇ باتۇر بولۇپ، قىيىنچىلىق ۋە ۋەھىمىنى مۇستەقىل يېڭەلەيدۇ.

ئۇ مەيلى نېمە ئىش يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆزىنىڭ كەينىدە ئۇنى يۆلەپ تۇرىدىغان بىر بەختلىك ئائىلىنىڭ بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ قەلبىنىڭ خاتىرجەم ھەم ئۆزىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.

لېكىن سوغۇق ئەر – خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت بالىنىڭ بالىلىق دەۋرىنى ۋەيران قىلدۇ

پىسخىكا تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بالىلار ئاتا ـ ئانىلار ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشقا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۆزىنىڭ ئائىلىسىنىڭ بىخەتەر ياكى ئەمەسلىكىگە ئۇلارنىڭ ھېسياتىنى ئاساس قىلىدىكەن.

ئاتا ـ ئانىلار ئارىسىدا ھېسسىيات ئالماشتۇرۇش بولمىسا، بالىلار بىرەر ئىشنى خاتا قىلىپ قويغاندەك ھېس قىلىپ، كۈن بويى ساراسىمىگە چۈشۈپ، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كەمچىل بولىدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە، سوغۇق ئەر – خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتنىڭ كۆپىنچىسىگە ئۇرۇشۇش ،تىللىشىش، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى، ھاقارەتلەش، ھەتتا زوراۋانلىق ھەمراھ بولىدۇ.

بۇنداق ئائىلىدىن چىققان بالىلار نۇرغۇن سەلبىي كەيپىياتنى بېسىقا مەجبۇر بولۇپ، بىر ئۆمۈر قىيىن ئەھۋالدا ياشايدۇ

 

خۇددى ئامېرىكا پىسخىكىلىق داۋالاش مۇتەخەسسىسى باۋ ئېن خۇلاسىلەپ ئۆتكەندەك:

_ئىپتىدائىي ئائىلىدىكى ئاتا – ئانا مۇناسىۋىتى ئەندىزىسى ۋە ئاتا – بالا مۇناسىۋىتى ئەندىزىسى بالىلارنىڭ كەلگۈسىدىكى كىشىلىك مۇناسىۋىتىگە ئىزچىل تەسىر كۆرسىتىدۇ، بولۇپمۇ يېقىن مۇناسىۋەتتە، ئادەم دەسلەپكى ئىپتىدائىي ئائىلىدىكى مۇناسىۋەت ئەندىزىسىنى تەقلىد قىلىشقا مايىل بولىدۇ.

مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، بالىلار ئاڭسىز ھالدا ئىپتىدائىي ئائىلىدىكى ئاتا – ئانىلارنىڭ مۇناسىۋەت ئەندىزىسىنى  ئۆزى قۇرغان ئائىلىگە كۆچۈرۈپ ئەكىلىدۇ.

640-8

بەزى بالىلار ئاتا ـ ئانىسىنىڭ بىر ـ بىرىنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەمدىن بىر ـ بىرىگە دۈشمەنلىك قىلىدىغان دۈشمەنگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، يېقىن مۇناسىۋەتكە قارشىلىق كۆرسىتىدۇ، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئامالسىز قالىدۇ.

ھەمىشە تويدا ساپ مۇھەببەت ۋە ئىشەنچ يوقتەك ھېس قىلىمەن، شۇڭا توي قىلىش نىيىتىم يوق، ھەتتا تويدىن قورقىمەن، ئەگەر توي قىلساممۇ  بالىلىق بولمايمەن، بالا بىر  يۈكتەك ھېس قىلىمەن.

بالىلار ھەر ۋاقىت ئاتا – ئانىسىنىڭ ھالىتىنى كۆزىتىپ، ھېس قىلىپ، بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قارىشىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

ئاتا ـ ئانىلار ئوتتۇرىسىدىكى بىر ـ بىرىنى ھاقارەتلەش، يامان گەپ قىلىش بالىلارغا خاتا بولغان يېقىن مۇناسىۋەت ئەندىزىسىنى تۇرغۇزۇپ بەرگەنلىك بولۇپ، مۇھەببەتنى ھېس قىلالمايدىغان ئائىلە، تەبىئىي ھالدا ئادەمنى ۋەھىمىگە سالىدۇ.

ئاتا ـ ئانىلارنىڭ خاتا بىللە ئۆتۈش ئەندىزىسى بالىلارنىڭ كەلگۈسىدىكى ھاياتىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ ، ھەتتا كېيىنكى ئەۋلادلارغىچە داۋاملىشىدۇ، بۇ بەلكىم بارلىق ئاتا ـ ئانىلار ئويلاپ باقمىغان ھەم كۆرۈشنى خالىمايدىغان بىر كۆرۈنۈش بولۇشى مۇمكىن.

ئەقىللىق ئاتا – ئانا چوقۇم ئەر – خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ

لېكىن نۇرغۇن ئانىلار بالىلىق بولغاندىن كېيىن، ناھايىتى ئاسانلا دىققىتىنى بالىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەمراھىغا سەل قارايدۇ.

ئەمىليەتتە ئەر – خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتتە مەسىلە كۆرۈلسە، ئەڭ دەردىنى تارتىدىغىنى بالا بولىدۇ،

ئىللىق، ئالغا ئىنتىلىدىغان بالا تەربىيلەش ئۈچۈن، چوقۇم ئاتا ـ ئانىلار ئالدى بىلەن بىر ـ بىرىگە كۆيۈنۈشنى ئۆگىنىۋېلىشى، ئاندىن بىرلىكتە بالىغا مۇھەببەت بېرىشى كېرەك.

خۇددى سۇخوسكى ئېيتقاندەك، ئاتا – ئانا بالىنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك ئادىمى، ئاتا – ئانا بىر – بىرىنى ھۆرمەتلەپ، بىر – بىرىگە كۆيۈنسىلا، ئۇ دۇنيادا مۇھەببەت ،ھەقىقەت، كىشىلەر ئارىسىدا گۈزەل ئەخلاق بارلىقىنى ھېس قىلىدۇ.

«كېيىنكى بېكەتتىكى بەخت» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا، ئايال باش پېرسوناژ خې فەنشىڭنىڭ ئاتا ـ ئانىسى ئەزەلدىن ئۇرۇشمايدۇ، زىددىيەت ۋە ئىختىلاپ بولسىمۇ، مەسىلىنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە ئولتۇرۇپ پىكىر ئالماشتۇرىدۇ، تالاش ـ تارتىش ئارقىلىق ئاچچىقىنى چىقىرىپ، بىر ـ بىرىگە ئازار بەرمەيدۇ.

بۇ خىل مۇھىتتا چوڭ بولغان خې فەنشىڭنىڭ كۆزىدە نۇر چاقناپ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ.

كۆپ يىللىق لايىقى تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلىپ، خىزمىتىدىن ئايرىلىپ، بارلىق نەس باسقۇر ئىشلار ئۇنىڭ بېشىغا كەلسىمۇ  ئۇ ئازاپلىنىپ ئۆزىنى تاشلىۋەتمەيدۇ .

چۈنكى ئۆيگە قايتسىلا، ھەر قانچە ئۆتمىتۆشۈك بولۇپ كەتكەن يۈرىكىمۇ ئاتا – ئانىسىدىكى ئىللىقلىقتىن ساقىيىپ كېتىدۇ.

بىزنىڭ ھەمراھىمىزغا بولغان پوزىتسىيىمىز بالىنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەپ قويىدۇ.

640-11

بىز بالىلارنى ئائىلىدىكى ئەڭ مۇھىم شەخىس دەپ قاراپ، بىر ـ بىرىمىزگە  سەل قارىساق، بۇ ئوتتۇرىدا قاپسىلىپ قالغان بالا ئەمەلىيەتتە پەقەت ساختا مۇھەببەتكە ئېرىشىدۇ.

چۈنكى ئاتا – ئانىسى زورلاپ چىقىرىپ قويغان C ئورۇن ھەرگىزمۇ بالىلارنىڭ ئارزۇسى ئەمەس .

بالا مەڭگۈ ئائىلىنىڭ ھىمايىسىدە ياشىشى مۇمكىن ئەمەس، ئۇ ھامان  چوڭ بولۇپ ئاتا – ئانىسىدىن ئايرىلىپ ئۆزىنىڭ ھاياتىغا ئىگە بولىدۇ.

ئاتا ـ ئانىلارمۇ ئوخشاشلا بالىلارغا بېقىنىپ ياشىمايدۇ، بىز بالىلارنى شەرتسىز سۆيۈشىمىز كېرەك، لېكىن بۇ مۇھەببەت بىزنىڭ بىردىنبىر مۇھەببىتىمىز ئەمەس.

بۇ سۆزنى ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن:

ئائىلىدە بولۇشقا تېگىشلىك ھالەت شۇكى، پۈتۈن دۇنيادا قار يېغىۋاتقان بولسىمۇ، ئائىلىدە باھار كېلىپ گۈللەر ئېچىلىۋاتىدۇ.

640-10

بىزنىڭ بالىلارغا بېرىدىغان ئەڭ قىممەتلىك سوۋغىمىز ئۇلارنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇش ئەمەس، بەلكى ئىللىق، ئىناق چوڭ بولۇش مۇھىتى يارىتىش.

بالا ئەسلىدە مۇھەببەت سەۋەبىدىن تۇغۇلغان، ئۇنداقتا بىز نېمىشقا بالا سەۋەبىدىن  مۇھەببەتلىشىشنى ئۇنتۇپ قالىمىز؟

شۇڭا، بالىنى ھەرقانچە ياخشى كۆرسىڭىزمۇ، بالىنىڭ ئائىلىدىكى ئورنىنى ئەر ـ خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت ئورنىدىن يۇقىرى ئورۇنغا قويماڭ، بالا سەۋەپلىك ئۆمۈرلۈك  يولدىشىڭىز ئۆگەي بالىڭىزغا ئايلىنىپ قالمىسۇن، بولمىسا  قانات قېقىپ پەرۋاز قىلىدىغان، ئۈمىدۋار، ئالغا ئىنتىلىدىغان بالىنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ.

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى