پەرزەنىت تەربىيسى

بالا زىيان تارتسا ،چوڭلار ئارلىشىشى كېرەكمۇ يوق؟

«كىچىك زىيان» تارتىشتىن قاچمىغان بالا، كەلگۈسىدە «چوڭ نەتىجە» يارىتالايدۇ!

640-17

 ئەگەر بالا  200  يۈەنلىك ئويۇنچۇقنى باشقا بالىلارنىڭ 20  يۈەنلىك ئويۇنچۇقىغا  ئالماشتۇرسا  ئاتا ئانىلار ئارىلىشىشى كېرەكمۇ_ يوق   ؟

نۇرغۇن كىشىلەر چوقۇم ئارىلىشىش كېرەك,200 يۈەننى 20 يۈەنگە ئالماشتۇرۇش زىيان تارتقانلىق ئەمەسمۇ؟ دەپ قارايدۇ

بۇنداق ئويدىكى ئاتا ـ ئانىلار ئەمەلىيەتتە بۇ 200 يۈەنگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، ئۇلار بالام زىيان تارتسا قاراپ تۇرسام بولمايدۇ دەپ ئويلايدۇ

بالىغا زادى  «زىيان تارتماسلىق» نى ئۆگىتىش كېرەكمۇ_ياقمۇ ؟

بالىلار تەڭ ياشتىكىلەر بىلەن ئالاقە قىلىشقا باشلىغان ۋاقىتتىن باشلاپ،  يەسلىدە، باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغىچە، بىرمۇ ئاتا ـ ئانا بۇ مەسىلە ئۈچۈن غەم قىلىپ باقمايدۇ.

شۇڭا مەن بۈگۈن كۆپچىلىك بىلەن «زىيان تارتىش» نىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى مۇزاكىرە قىلىپ باقاي دەيمەن

سىز بەلكىم دەرھال بالىڭىزنىڭ زىيان تارتىشىغا مۇناسىۋەتلىك بىر مۇنچە مىساللارنى كەلتۈرۈشىڭىز مۇمكىن، مەسىلەن:

بالىڭىز ئويناۋاتقان ئويۇنچۇقنى باشقا بالىلار بۇلاپ كەتتى؛

بالىڭىز باشقا بالىلار بىلەن ئويناش جەريانىدا بوزەك قىلىندى دېگەندەك.

ئەمىسە مەن سىزدىن ئىككىنچى سوئالنى سوراپ باقاي:

سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى زىيان تارتىش، بالىلار ئۈچۈن راستىنلا زىيان تارتىشمۇ؟

سىز زادى ئۆزىڭىزنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ، بالىنى زىيان تارتتى دەپ قارامسىز ياكى بالىنىڭ نۇقتىسىدىن تۇرۇپ، بالىنىڭ زىيان تارتقانلىقىغا ھۆكۈم قىلالامسىز؟

بالىلار 200 يۈەنلىك ئويۇنچۇقنى 20 يۈەنلىك ئويۇنچۇققا ئالماشتۇرسا چوڭلارنىڭ نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئەلۋەتتە زىيان تارتقان بولىدۇ.

لېكىن بىزنىڭ نەزىرىمىزدىكى تاۋار قىممىتى بالىلارنىڭ پىسخىكىسىدىكى ھېسسىيات قىممىتىگە باراۋەر ئەمەس.

بالىلار تەربىيەچىسى سۈن رۈيشۆ مۇنداق دەيدۇ: -كىشىلىك مۇناسىۋەت  ئويۇنچۇق ۋە يېمەكلىك ئالماشتۇرۇشتىن باشلىنىدۇ.

ئەگەر ئويۇنچۇق ئالماشتۇرغان بۇ بالا تۆت ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ سەزگۈر مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بولسا، ئۇلار  ماددىي ئالماشتۇرۇش شەكلى ئارقىلىق، باشقىلار بىلەن باغلىنىش ھاسىل قىلىپ، دوستلۇقنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ.

شۇڭا، مەيلى قانچىلىك قىممەتلىك ئويۇنچۇق ئالماشتۇرغان بولسۇن، بۇ بالىلارنىڭ دوست تۇتۇش ئۇسۇلى ھېساپلىنىدۇ.

بالىنى ئويۇنچۇقنى قايتۇرۇپ كېلىشكە مەجبۇرلىغان ئاتا -ئانا پەقەت ئويۇنچۇقنى ئۇتىدۇ، بالا تەربىيسىدە ئۇتتۇرۇپ قويىدۇ.

ئەمەلىيەتتە بۇ خىل «زىيان تارتىش» بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

بالىلار ئاداشلىرى بىلەن  ئالاقە قىلىش جەريانىدا، دائىم كۆڭۈلسىز  دۇچ كېلىدۇ، مەسىلەن، ئاداشلىرى  ئۇنىڭ بىلەن ئوينىمايدۇ،  ئادىل بولمىغان مۇئامىلىگە ئۇچرايدۇ، بەزى ئۇششاق ـ چۈششەك ئىشلار يۈز بېرىدۇ، بۇنىڭدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، ھەر بىر بالىنىڭ زىيان تارتىدىغان ۋە پايدا ئالىدىغان ۋاقتى بولىدۇ، بالىلار بەزىدە زىددىيەتلىشىپ قالىدۇ، ئۇرۇشۇپ قالىدۇ، يارىشىپ قالىدۇ ……

بۇنداق  مەسىلىلەردە، مۇھىتقا  ماسلىشىش،  دوست تۇتۇش، باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ جەرياندا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى يېتىلدۈرىدۇ.

بۇ خىل كۆز ئالدىدىكى زىيان بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا،  ئۇزاق مۇددەتلىك پايدا ھېساپلىنىدۇ.

640-18

 بىر چەتتە قاراپ تۇرغان چوڭلار  ئۆزىنىڭ بالىسى زىيان تارتتى دەپ قاراپ، ئىچى قايناپ، قايتا – قايتا بالىلارنىڭ ئىشىغا ئارلىشىدۇ.

بالا ئاداشلىرى بىلەن سوقۇشۇپ بىردەمدە يارىشىپ قالسا، چوڭلارنىڭ ئاچچىقى كىلىدۇ.

ئەگەر بىۋاسىتە قول تىقىپ، بالىلارغا ۋاكالىتەن ئىش بىجىرىپ بېرىش بولسا،  بىر مەيدان «چوڭ ئاپەت» ھېساپلىنىدۇ.

نېمىشقا بۇنداق بولىدۇ دەمسىز؟

چۈنكى ئاتا – ئانىنىڭ بىۋاسىتە ئارىلىشىشى بالىنىڭ باشقا ساۋاقداشلىرىنىڭ قەلبىدىكى ئوبرازىغا  تەسىر يەتكۈزىدۇ، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە مۇناسىۋىتى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ  تەسىر كۆرسىتىدۇ.

بالىلار ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا، ئىككى خىل ئىجتىمائىي ئالاقە مۇناسىۋىتى پەيدا بولىدۇ: بىر خىلى چوڭلار بىلەن بولغان تىك مۇناسىۋەت، يەنە بىر خىلى ھەمراھلىرى بىلەن بولغان گورىزونتال مۇناسىۋەت.

چوڭلار بىلەن بولغان تىك مۇناسىۋەت بالىلارنى يېتەرلىك بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ، قوغداش بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ، لېكىن بالىلاردا ئاسانلا مەن مەركەزلىك ئېڭى شەكىللىنىدۇ؛

تەڭ دېمەتلىك ھەمراھلار ئوتتۇرىسىدىكى قۇرداش مۇناسىۋەت دەل بۇ نۇقتىنى تولۇقلايدۇ، ئۇ بالىلارنىڭ «مەن» دىن «بىز» گە ئۆتۈشىگە ياردەم بېرىدۇ، ئالاقە ئەمەلىيىتىدە ئىجتىمائىي ھەرىكەت مىزانىنى تەدرىجىي ئىگىلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا توقۇنۇش داۋامىدا ئۆزىنىڭ كۈچىنى بايقاپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۆزگىچە ئىنسانىي سېھرىي كۈچىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

پىسخولوگ جۇدىس.خارىس «تەربىيە كۆرگەن ئېزىتقۇ» ناملىق كىتابىدا، بالىلارنىڭ ئىجتىمائىيلىشىشى ۋە كىشىلىك قەدىر – قىممەت يېتىلدۈرۈش جەريانىدا، ئاتا – ئانىلارنىڭ ھەل قىلغۇچ رول ئوينىمايدىغانلىقىنى، بالىلارنىڭ ئىجتىمائىيلىشىش جەريانىنىڭ ئۇلارنىڭ قۇرداشلار مۇناسىۋىتى ئارقىلىق تاماملىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.بالىلارنىڭ ئىجتىمائىيلىشىش جەريانى ئىككى ياش ئەتراپىدا باشلىنىدۇ، بالىلار ئۈچ ياشقا كىرگەندە يەسلىگە كىرگەندە، ئىجتىمائىي ئالاقە ئېھتىياجى تۇغۇلىدۇ، شۇڭا مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، قۇرداشلار مۇناسىۋىتى بارغانسېرى مۇھىم بولىدۇ.

ئەگەر بۇ ۋاقىتتا سىز بالىنى بەك ياخشى قوغداپ، ھەممە ئىشتا بالا ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقسىڭىز، ھەممە ئىشتا بالىنى زىيان تارتقۇزمىسىڭىز، ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئۇنى «ئاداش بولۇشقا بولمايدۇ» دەپ قارايدۇ، ئۇلار تەبىئىي ھالدا پەقەت مۇشۇنداق بالىلاردىن يىراق تۇرغاندىلا، ئاندىن ئاۋارىچىلىقتىن يىراق تۇرۇپ، تەنقىدلەنمەيدىغانلىقىنى بىلىدۇ.

بالىلار دوستلۇققا ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغاندا، ئەكسىچە باشقا ساۋاقداشلار تەرىپىدىن يېتىم قالدۇرۇلىدۇ، بۇ نېمىدېگەن قورقۇنچلۇق ئىش – ھە!

640-20

بۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ قىلغىنىڭىز بالىنى زىيان تارتقۇزماسلىق، ئەكسىچە بالىنى ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا تېخىمۇ چوڭ زىيان تارتقۇزۇش بولىدۇ.

مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، بەزى ئاتا – ئانىلار:

-ئەگەر بالىلار ئۆزى زىيان تارتتىم دەپ قارىسا، مەن قانداق  قىلىمىز؟» دەپ سورىشى مۇمكىن

بۇ خىل ئەھۋالمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ، مەسىلەن، بىر قېتىملىق  يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە، بالا كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى.

ئۇ مۇئەللىم قائىدىنى ياخشى تەكىتلىمىگەچكە، بەزىلەر ئالدىن يۈگۈرگەچكە بالا ئۆزىنىڭ ئۇتتۇرۇپ قويغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇ مۇسابىقىدە زىيان تارتقانلىقىنى ھېس قىلدى.

ئۇنداقتا ئاتا – ئانىلار بۇ ۋاقىتتا  بالىلىرى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقامدۇ؟

ئەمەلىيەتتە، بۇ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، ئوخشاشلا «زىيان تارتىش» تەپەككۇرىنى تاشلاشقا توغرا كېلىدۇ.

بىز ئالدى بىلەن بالىمىزنى «زىيان تارتىش» تەك تەڭپۇڭسىز روھىي ھالەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىپ، بالىمىزغا سەۋەبىنى تېپىپ بەرسەك بولىدۇ:

– ھە، ئەسلىدە مەن خاپا بولۇپ، قائىدە ئادىل ئەمەستەك ھېس قىلىپتىمەن!

سەۋەبىنى تاپقاندىن كېيىن، بىز بالىلارنى مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئىلھاملاندۇرساق بولىدۇ:

– كېلەر قېتىملىق يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدىن بۇرۇن مۇئەللىمگە ئەسكەرتىپ قويامدۇق؟

بۇنداق بىر تەرەپ قىلغاندا، ھېچ بولمىغاندا بالا كېيىنكى قېتىم ئۆزىنى زىيان تارتقاندەك ھېس قىلغاندا، مەسىلىنىڭ سەۋەبىنى ئىزدەشكە ئۇرۇنىدۇ ھەمدە تىرىشىپ مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ.

ئەلۋەتتە، ئەمدى مەن سىزگە ئەسكەرتىپ قوياي،   بالىلار بەزى زىيانلانى تارتسا  بولىدۇ، لېكىن بەزى زىيانلار ھەرگىز بولمايدۇ.

ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك زىياننى، پىرىنسپقا ، تۆۋەن چېكىگە مۇناسىۋەتلىك زىياننى، كىشىلىك قەدىر ـ قىممىتىگە مۇناسىۋەتلىك زىياننى تارتىشقا بولمايدۇ.

«ھاياتىي بىخەتەرلىك زىينى» نى چۈشىنىش ناھايىتى ئاسان، مەسىلەن، جېدەل چىقارغاندا قارشى تەرەپتە بىر قەدەر كۆپ قېتىم ۋە ئېغىر زوراۋانلىق خاھىشى بولىدۇ، بالىلارغا جىسمانىي بىخەتەرلىك جەھەتتە غايەت زور يوشۇرۇن خەۋپ ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، بۇ خىل ئەھۋالدا بىز چوقۇم قارشى تەرەپنىڭ ئاتا – ئانىسى ۋە مەكتىپى بىلەن كەسكىن سۆزلىشىمىز ھەمدە بالىلىرىمىزغا بۇنداق ساۋاقداشلاردىن يىراق تۇرۇشنى، قايتا زىيان – زەخمەت يېتىشتىن ساقلىنىشنى ئېيتىشىمىز كېرەك.

«پىرىنسىپقا ، ئەڭ تۆۋەن چېكىگە مۇناسىۋەتلىك زىيان» دېگەن نېمە؟

بۇ خىل زىيان بالىلارنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ باسقۇچىدا بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ، مەسىلەن،  ھەمىشە قەستەن قائىدىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش،باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق پايدا ئېلىش، مەسىلەن، باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى ئوغرىلاش، باشقىلارنىڭ تاپشۇرۇقىنى كۆچۈرۈش قاتارلىقلار.

بالا بۇنداق ئەھۋالغا ئۇچراپ قالسا، بىز بالىغا ئۆزىنىڭ پىرىنسىپى ۋە مەنپەئەتىنى باتۇرلۇق بىلەن قوغداشنى، «ياق» دېيىشكە جۈرئەت قىلىشنى ئۆگىتىشىمىز كېرەك.

«كىشىلىك قەدىر – قىممىتىگە مۇناسىۋەتلىك زىيان» ئەڭ تىپىك بولغىنى مەكتەپتىكى زوراۋانلىق  .

بۇ نۇقتىغا نىسبەتەن، بىز بالىلارغا شۇنى ئېيتىشىمىز كېرەككى، مەكتەپتىكى بوزەك قىلىش جىسمانىي جەھەتتىكى زىيانكەشلىك، تىل جەھەتتىكى ھاقارەت بولۇپلا قالماي، يەنە يامان نىيەتتە يېتىم قالدۇرۇش مەكتەپتىكى زوراۋانلىقنىڭ  بىر خىلى.

بۇنداق ۋاقىتتا مۇئەللىم ۋە ئاتا – ئانىلارغا ۋاقتىدا ئېيتىشىمىز كېرەك.

ئەگەر بالا بۇ خىل زىياننى كۆپ تارتسا، ئاتا – ئانىلار مەردانىلىك بىلەن بالا ئۈچۈن ئوتتۇرغا چىقىشى كېرەك، چۈنكى سىزنىڭ قوللىشىڭىز  بالىغىمۇ  جاسارەت ۋە كۈچ ئاتا قىلالايدۇ.

ئەمەلىيەتتە زىيان تارتىش توغرىسىدا نۇرغۇن ئاتا ئانىلارنىڭ يەنە بىر خىل ئەندىشىسى بار، ئۇ بولسىمۇ:

بىز بالىلارنى مۇشۇنداق ياخشى تەربىيەلەيمىز، لېكىن باشقا بالىلارنىڭ ئاتا ئانىلىرى بۇنداق تەربىيەلىمىسە قانداق قىلىمىز؟

بالام چوڭ بولغاندىن كېيىن زىيان تارتارمۇ؟

مەن بۇ يەردە كۆپچىلىكنى خاتىرجەم قىلىمەن.

ۋورتون سودا ئىنىستىتۇتىنىڭ  پروفىسسورى گرانت 10 نەچچە يىللىق تەتقىقات ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار ئىچىدە «ئاتا  قىلغۇچى» نىڭ نىسبىتىنىڭ «ئېرىشكۈچى» نىڭ نىسبىتىدىن خېلىلا يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

چۈنكى بۇ جەمىيەت ئاتا قىلىشنى خالايدىغانلار ۋە ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلارنى مۇكاپاتلايدۇ، شۇنداقلا ئۈنۈملۈك بەدەل تۆلەش ئۇسۇلى ئىمكانىيەتلىك سىجىل مۇۋەپپەقىيەتنى تېخىمۇ ئاسان ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

640-19

ئاتالمىش « بەدەل تۆلەش ،ئاتا قىلىش»نى  ئەمەلىيەتتە ئازراق زىيان تارتىشنى ئېغىر ئالمايدىغان كىشىلەر قىلىدۇ.ئۇلار كچىككىنە زىيان ئۈچۈن ئويلىنىپ ئولتۇرمايدۇ ،ھەمىشە باشقىلاردىن پايدا ئىلۋىلىشنى ياكى باشقىلارنىڭ بىر نەرسە بېرىشىنى تەمە قىپ ئولتۇرماستىن ئىككى قولىغا تايىنىپ تىرىشىشنى تاللايدۇ،بۇ ئېنىقلا كىشىلىك ھاياتتىكى چوڭ ئەقىل – پاراسەت!

بەزىدە چوڭ زىيىنى بولمىغان «كىچىك زىيان» بەلكىم بالىنىڭ «كېيىنكى بەختى» بولۇشى مۇمكىن، بالىنىڭ تەڭ بەھرىمەن بولۇش ۋە ھەمكارلىشىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپ، بالىنى بۇنىڭدىن كېيىنكى كىشىلىك ھاياتتا تېخىمۇ ئاسان مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ

تارىختىكى بۈگۈندە:

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى