ئاي بالام

ئوغلىڭىز قوزىدەك يۇۋاش بولغىنىدىن ،بۆرىدەك ياۋايى بولغىنى ياخشى

پارنىكتا پەلەككە تاقاشقان چوڭ دەرەخنى يىتىشتۈرۈپ چىققىلى  بولمايدۇ.

640-34

چاغاندا يېزىدىكى تۇغقانلىرىمنىڭ ئۆيىگە مېھمان بولۇپ بېرىپ، كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولغان جىيەنىم زۇلقەر بىلەن كۆرۈشتىم.

ئۇ بۇ يىل باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3ـ يىللىقىدا ئوقۇيتى، بەدىنى ئورۇق، تىرىسى ئاپئاق، كۆزىگە ئەينىكى خېلىلا قېلىن  كۆزەينەك تاقىۋالغان بولۇپ، ، مەكتەپتە ئەليۇلئەلا ئىكەن، بىز بىلەن ئولتۇرغاندا ئۇ ئىزچىل بۇلۇڭدا جىمجىت كىتاب كۆردى.

يېقىن ئەتراپتىكى بوش يەردە بىر توپ بالىلار مۇز ئۈستىدە توپ تېپىۋاتاتتى، جاراڭلىق  كۈلكە  ئاۋازى ناھايىتى يىراققا ئاڭلىنىپ تۇراتتى، زۇلقەر ئىختىيارسىز دېرىزە سىرتىغا قارىدى، كۆزلىرىدىن ئىنتىلىش ۋە ھەۋەس  ئىپادىسى چىقىپ تۇراتتى.

مەن بۇنى بايقىغاندىن كېيىن ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنى چىقىپ  ئويناشقا بۇيرىدىم.

بىراق زۇلقەر  بېشىنى چايقىدى:

_ئاپام مۇز ئۈستىدە ئوينىسا بەك خەتەرلىك ،يىقىلساڭ قولۇڭ سۇنىدۇ، سىرت سوغۇق دەپ، مېنى بارغىلى قويمايدۇ

مېنىڭ تولا دەپ يۈرۈپ  يەڭگەم ئۇنى ئېلىپ چىقىپ ئوينىتىشىمغا ئاران ماقۇل بولدى.

دەسلەپتە ئۇ كۆپچىلىككە قوشۇلۇپ ئويناشتىن تارتىنىپ يىقىن بارالمىدى، مېنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشۈم بىلەن ئۇ ئاخىرى غەيرەتكە كېلىپ ئويناۋاتقان بالىلار قوشۇنىغا قوشۇلدى.

لېكىن ئۇ تەمتىرەپ، ھەم ئاستا يۈگۈرەپ، ئېھتىياتسىزلىقتىن تىيىلىپ مۇزغا يىقىلىپ چۈشتى، كۆپچىلىكنى كۈلۈپ كەتتى.

ئۇ ئاقساپ ماڭغىنىچە سىرتىغا چىقىۋالدى، مەن ھەرقانچە نەسىھەت قىلساممۇ، ئۇنىڭ ئەمدى ئوينىغۇسى كەلمىدى،  بىر چەتتە تۇرۇپ بالىلارغا توپ تېرىپ بەردى.

ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، يەڭگەم كىيىملىرى مەينەت زۇلقەرنى كۆرۈپ، ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي بىر نەچچە ئېغىز ئەيىبلىدى:

_مەن ساڭا ئۆيدە ئولتۇر دېسەم، ئولتۇرماي بېردەمدە پالتا كەكەڭنى قاقتۇرۇپ كىردىڭمۇ؟

ئۇ بېشىنى سىلىپ، لام – جىم دېمىدى.

تاماق داستىخانغا چىققاندا، ئۇيەنىلا لام ـ جىم دېمەي تاماق يىدى، كۆزلىرى نۇرسىز بولۇپ، يارىلانغانقوزىغا ئوخشايتتى.ئادەمنىڭ ئىختىيارسىز ئىچى ئاغرىيتى.

640-36

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئەتراپىمدىكى نۇرغۇن ئوغۇلبالىلارنىڭ بارغانسېرى «مۇلايىم» لىشىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.

بۇ بالىلار گەرچە قارىماققا چېچەن، ئىش ئۇققاندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن سالامەتلىك، پىسخىكا، مىجەز – خاراكتېر جەھەتتە بارغانسېرى «نازۇك»لىشىپ كېتىۋاتىدۇ.

ئالدىنقى بىر مەزگىلدە قويۇلغان «شياۋمىننىڭ ئائىلىسى» فىلىمىدىكى جىن جياجۈن نەتىجىسى ئەلا، كېلىشكەن بولۇپ، مۇتلەق مۇنەۋۋەر  ياخشى بالا ھېسابلىنىدۇ.لېكىن بەلكىم ئائىلىسىنىڭ تەسىرى سەۋەبىدىن بولسا كېرەك، ئوخشاش ياشتىكىلەرگە قارىغاندا، ئۇ ئۆزىنى كەمسىتىدىغان، ئىچ مىجەز كۆرۈنىدۇ.

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ھارپىسىدا، بىر قېتىملىق ئالدانغانلىق كەچۈرمىشى سەۋەبىدىن قاتتىق زەربىگە ئۇچراپ، ئۆزىنى تاشلىۋېتىپ، ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدىن ۋاز كەچمەكچى بولىدۇ.باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلغاندا ھەمىشە ئېھتىيات قىلىدۇ، ھەتتا ئۆز ئانىسى بولسىمۇ؛

ئۇ ھەر كۈنى غەم – قايغۇ ئىچىدە يۈرىدۇ، كۈرەش ئىرادىسى يوق، پۈتۈن بەدىنى  زەئىپ ھەم غەمكىن  .لېكىن مېنىڭ قەلبىمدىكى يېڭى دەۋر ئۆسمۈرلىرى بۇنداق بولماسلىقى كېرەك ئىدى.

ئۇلار كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، ئوچۇق – يورۇق، پۈتۈن ۋۇجۇدىدىن ئىشەنچ ۋە جاسارەت ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بولۇشى كېرەك ئىدى.

ئۇلار چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەشۋىقات فىلىمىدىكى ئەر باش پېرسوناژ چېن يىشيەنگە ئوخشاش  سەھنىدە بىمالال سۆزلەپ، ئۆزىگە ئىشەنگەن، تەمكىن، مەرد بولۇشى كېرەك ئىدى.

ياكى «مۆجىزە& دۆت بالا» دىكى جىڭ خاۋغا ئوخشاش قەيسەر، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىدىغان، ئەزەلدىن ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەيدىغان بولۇشى كېرەك ئىدى

ئۇلار كۈرەش ئىرادىسى ئۇرغۇپ تۇرغان، ياۋايىلىقتا ئۇچىغا چىققان، يايلاقتا خالىغانچە چېپىپ يۈرگەن بۆرىگە ئوخشىشى كېرەك ئىدى.

قوتاندا بېقىلغان يۇمشاق، جىمجىت ھەم ماغدۇرسىز قوزىغا ئەمەس…….

640-38

مەن ئويلايمەنكى، بىز ھەممىمىز ئوغۇل باللىرىمىزنى مۇشۇنداق «بۆرە» مىجەزى بار بۆرىگە ئوخشاش كەسكىن مىجەزلىك، بۆرىگە ئوخشاش ساغلام بەدىنى بار، بۆرىگە ئوخشاش قەيسەر ئىرادىلىك قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشىمىز كېرەك.

1. ئۇنىڭ ساغلام بەدىنى بولۇشى ئۈچۈن بەدىنىنى چېنىقتۇرۇش كېرەك

«ئېلىمىز ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ بەدەن ساپاسى دوكلاتى» دا كۆرسىتىلىشىچە:

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بالىلارنىڭ  يېتىلىش سەۋىيىسى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، لېكىن چىدامچانلىق، كۈچ، سۈرئەت قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەر ، ئۆپكە ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ ، يىراقنى كۆرەلمەسلىك نىسبىتى يۇقىرلىدى، ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش، سېمىزلىك نىسبىتى ۋە ئاستا خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بىلەن يۇقۇملىنىش مەسىلىسى ئېغىر لاشتى

بەزى بالىلار ھەتتا كىچىك تۇرۇپلا بەل ئومۇرتقا تەخسىسى پولتىيىپ چىقىش، جىگەرنى ماي قاپلاش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇۋاتىدۇ.

ئۇلارنىڭ ئاجىز بەدىنى ۋەتەننىڭ كەلگۈسىنى قانداق ئۈستىگە ئالىدۇ؟بۇ ئىختىيارسىز كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ

بۇ قىشلىق تەتىلدە، نۇرغۇن ئاتا ـ ئانىلار بالىلىرىنى ئۆيگە سولاپ قويدى،بەزىلىرى  سىرتقا چىققاندا سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ،   ئۈچ قات ـ ئۈچ قات يۆگەپ قويىدۇ، ھەرىكەت قىلىش ،چىنىقىش ئون تاغنىڭ كەينىدىكى گەپ بولۇپ قالدى .

640-10

ئەمدى قارايدىغان بولساق بۇ رەسمدە  ياپونىيەدە نۇرغۇن يەسلىلەر قىشتا بالىلارنى سوغۇققا چىداملىق قىلىپ مەشىق قىلدۇرۋاتىدۇ.

مەسىلەن: قەھرىتان قىشتا يالىڭاچ يۈرۈش، «يالىڭاچ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى» ئۆتكۈزۈش قاتارلىقلار .

گەرچە بۇ خىل «يالىڭاچ يۈگۈرۈش» ئۇسۇلى بىر ئاز رەھىمسىز بولسىمۇ، لېكىن  بالىنىڭ سوغۇققا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، بالىنىڭ بەدەن ساپاسى ۋە ئىرادىسىنى چېنىقتۇرىدۇ.

شۇڭا، بالىنى سىرتقا چىقىرىپ، يۈگۈرۈپ، سەكرەپ، قارا تەرگە چۆمۈپ ھەرىكەت قىلدۇرۇپ، ھەقىقىي سوغۇق ۋە ئاغرىقنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

بوران – چاپقۇننىڭ زەربىسىگە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان مۇستەھكەم بەدەن ئوغۇل بالىنىڭ جاھان كېزىشىدىكى ئەڭ ياخشى كاپىتال.

2. ئوغۇل بالىنىڭ باتۇر، قورقماس روھىنى يېتىلدۈرۈش

تېستوستېرون ھورمۇنىنىڭ تەسىرىدە، ئوغۇل بالىنىڭ تۇغما زېھنىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، بولۇپمۇ تاشقى  دۇنياغا ئىنتىلىدۇ، ھەممە نەرسىگە قىزىقىدۇ.

بىز ئوغۇللارنى قويۇپ بېرىپ، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشىغا، ھەر خىل يېڭى شەيئىلەرنى سىناپ بېقىشىغا يول قويۇشىمىز كېرەك.

چۈنكى ئوغۇللارنىڭ ئالاھىدىلىكى جۇشقۇن، باتۇر، قايناق ھېسسىياتقا تولغان بولىدۇ.

ئاتا ئائىلىدىكى ئەڭ مۇھىم ئەر باش رول بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشقىلارنىڭ دادىنىڭ ئوغۇل بالىغا بولغان تەسىرىنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ.

دادىسى ئوغۇل بالىنى سەيلە – تاماشا باغچىسىدا ئاشۇ غايەت زور ئويۇنچۇقلارنى بويسۇندۇرۇشقا، پىيادە مېڭىشقا، دالىدا قونۇشقا، ئېگىز تاغلارنى بويسۇندۇرۇشقا، ناتونۇش ئورمانلىق ۋە ئېرىق – ئۆستەڭلەر ئۈستىدە ئىزدىنىشكە كۆپرەك ئىلھاملاندۇرسا بولىدۇ.

شارائىتى بىخەتەر بولغان ئەھۋالدا، ئۇلارنىڭ قار تېيىلىش، سىيرىلما تاختا، كائادىن ماشىنا قاتارلىق بىر قەدەر ھاياجانلىق ھەرىكەتلەرگە جەڭ ئېلان قىلىشىغا يول قويۇلىشى كېرەك.

640-37

3.ئوغۇل بالىنىڭ رىقابەت ۋە جان تىكىپ ئېلىشىش ئېڭىنى قوزغاش كېرەك.

مەن نۇرغۇن بالىلارنى كۆرگەن، مەكتەپتىكى ۋاقتىدىلا نادانلىق قىلىپ، ئالغا ئىنتىلمەي، جەمئىيەتكە قەدەم قويغاندىن كېيىنمۇ راھەت ـ پاراغەتكە بېرىلىپ، ئالغا باسماي، كۈرەش ئىرادىسى يوق لاغايلاپ كۈن ئۆتكۈزىدۇ.

بۆرە   كىچىكىدىنلا  ئورمانلىقتا چوڭ بولغان بولۇپ، ئۇلار ياشاش ئۈچۈن چېپىپ يۈرۈپ، ھايات – ماماتلىق ئېلىشىدۇ، تۈرلۈك تەبىئىي خىرىس، مۇھىت تەھدىتىگە  دۇچ كېلىدۇ.

بالىلارغا نىسبەتەن جەمئىيەت كەلگۈسىدىكى بىر نامەلۇم ئورمانلىق.

تېستوستېروننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى ئوغۇل بالىنى تۇغۇلۇشىدىنلا ئۇرۇشقاق، باشقىلارنى بېسىپ چۈشۈشنى ياخشى كۆرىدىغان، رىقابەت ئېڭى كۈچلۈك قىلىدۇ.

بىز كىچىكىمىزدىن باشلاپ بالىلارنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئويغىتىپ، بالىلارنى بەزى شاھمات دېگەندەك مۇسابىقە تۈرىدىكى ئويۇنلارغا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرساق بولىدۇ، يەنە يېنىك ئاتلېتىكا مۇسابىقىسى، پۇتبول مۇسابىقىسى قاتارلىقلارمۇ بوپ قويىدۇ .

جان تىكىپ ئېلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا  ئىلگىرىلەيدىغان بىر ئوغۇل بالا، ئاندىن خۇددى بىر قەيسەر يايلاق كۆك بۆرىسىگە ئوخشاش كەلگۈسى پارلاق بولىدۇ

640-35

4. كەسكىن، مۇستەقىل قارىشى بار خاراكتېرنى يېتىلدۈرۈش

بىر ئىنسانىي سېھرىي كۈچى بار ئەر قانداق بولىدۇ؟

مېنىڭچە، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، كەسكىن، قەيسەر، بىرەر ئىشقا يولۇققاندا سالماق، مۇستەقىل قارىشى بار ……بولۇشى كېرەك

كەلگۈسىدە جەمئىيىتىمىز  ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، كەسكىن، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن جەڭ قىلىدىغان بۆرىدەك ئەرلەرگە تېخىمۇ   مۇھتاج بولىدۇ.

كىچىكىدىن باشلاپ بالىلارنىڭ تاكاللىشىشىغا يول قويۇش، ئۇلارغا نوپۇزنى تەنقىد قىلىش ھوقۇقى بېرىش، ئۇلارنىڭ  خىيالىغا ھۆرمەت قىلىش، ئۇلارنىڭ ئۆزى تاللىشىنىڭ ئاقىۋىتىنى ئۈستىگە ئېلىشىغا دادىل يول قويۇش كېرەك.

سىزنىڭ بۈگۈن بالىلارغا بېرىدىغان بوشلۇقىڭىز قانچىلىك چوڭ بولسا، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدىكى ھايات سەھنىسى شۇنچە چوڭ بولىدۇ.

5. ئوغۇل بالىنىڭ قەيسەر، يېڭىلگىنىگە تەن بەرمەيدىغان پەزىلىتىنى يېتىلدۈرۈش

بۆرە دۇنياسىدا، خەتەر ھەممە يەردە بار.

بۆرىنىڭ باتۇرلۇقى مۇھىتنىڭ سىناقلىرىغا يۈزلىنىشتە ئىپادىلىنىپلا قالماستىن، بەلكى ئولجىغا بولغان يۈكسەك ئىرادىسى، شۇنداقلا مەغلۇبىيەتنى مەنسىتمەيدىغان ۋە ئېگىلمەس – سۇنماس روھىدىمۇ ئىپادىلىنىدۇ.

بۆرىگە ئوخشاش قەيسەرلىك ۋە قەيسەرلىك ئۇنى باشتىن ـ ئاخىر نىشانغا ھۇجۇم قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغاچقا، مۇسابىقە مەيدانىدا كۈچلۈك دۈشمەننى ئارقا ـ ئارقىدىن مەغلۇپ قىلالايدۇ.

شۇنداق، ئەگەر بىر ئادەمنىڭ قەلبىدە مۇستەھكەم نىشان بولسا، پۈتۈن ئادەم خۇددى كېدىر قارىغىيىدەك قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ، قىيىنچىلىق ھەرگىز ئاسانلىقچە ئاغدۇرۇلۇپ كەتمەيدۇ.

ئاتا – ئانا بولغۇچى، ئوغۇل بالىنىڭ جاپا تارتىشىدىن قورقماسلىقى، ئۇنىڭ يارىلىنىشىدىن تېخىمۇ قورقماسلىقى كېرەك.

بىر بالا ئۈزلۈكسىز يىقىلىپ ، يەنە ئورنىدىن تۇرغاندىلا، ئاندىن ھەممىگە دادىل يۈزلىنەلەيدىغان يۈرەكنى تاۋلاپ چىقىپ، بوران ـ چاپقۇنغا مەردانە يۈزلىنىپ، ئەگرى ـ توقايلىقتا ئىزىپ كەتمەي، كىشىلىك ھايات سەھنىسىدە دەسلەپكى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، يولدىن قىيپ كەتمەي ياشايدۇ

جۇڭگو سىياسىي ـ قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى گو ۋارىسلىق ئىلگىرى بىر پولات زاۋۇتى ئىشچىسىدىن سورىغان:

«نېمە ئۈچۈن پولات تاۋلىغاندا تۆمۈر مونەكلىرى تەكرار – تەكرار قىسىلىپ تۇرىدۇ؟

بىر قېتىم قىستاش ئاز بولسا قانداق بولىدۇ؟

ئىشچىلار مۇنداق دېدى:

«تۆمۈر مونەكنى ھەر قېتىم سىققاندا، ئارىلاشما ماددىلار ئازراق چىقىپ كېتىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ساپ پولات قالىدۇ، بىر قېتىم ئاز سىقساق، سۈپەتسىز مەھسۇلات چىقىدۇ.

بىر مۇنەۋۋەر ئوغۇل بالىنى يېتىشتۈرۈش خۇددى پولات تاۋلىغانغا ئوخشايدۇ، ئوڭۇشسىزلىق، ئازاب – ئوقۇبەت، بېسىم، يارىلىنىشلارنىڭ ھەممىسى چوقۇم بېسىپ ئۆتىدىغان يول.

پەقەت ئىرادىسىنى تاۋلاپ، بەدىنىنى چېنىقتۇرۇپ،  تاۋلاپ چىققاندىلا، ئاندىن مەردانە ئەركەككە ئايلىنالايدۇ.

bilimnur

تەن ساقلىق، زور بايلىق. ساغلام تەندە ساپ ئەقىل

2 باھا

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى