ساغلاملىق بىلىملىرى

سۇنى كۆپ ئىچسە بۆرەك زەخىمىلىنەمدۇ؟

سۇ ئىچىش تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان ئىش، بۆرەك بولسا كۆپچىلىك ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان بىر ئەزا، سۇ بىلەن بۆرەك تەڭ تىلغا ئىلىنسا، كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ. بۆرەك ئادەم بەدىنىنىڭ سۇ ۋە ئېلېكتىرولىت تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايدىغان مۇھىم ئەزا بولۇش سۈپىتى بىلەن، سۇ يېتەرلىك قوبۇل قىلىنغاندىلا، زىيانلىق ماددىلارنىڭ ئوڭۇشلۇق ھالدا ماددا ئالماشتۇرۇپ چىقىرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ (سۈيدۈك شەكلىدە)، لېكىن ھەممىلا ئادەم سۇنى كۆپ ئىچىشكە ماس كېلىۋەرمەيدۇ، بۆرەك كېسىلى بار بەزى ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، سۇنى كۆپ ئىچىش ئاقىلانىلىك ئەمەس.

2020082115181469360

سۇنى كۆپ ئىچسە بۆرەكنى زەخمىلەندۈرەمدۇ؟

نورمال ساغلام كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، سۇنى كۆپ ئىچىش كېرەكسىز ماددىلارنىڭ چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئەمما «بۆرەك ئىقتىدارى نورمالسىزلىشىش» قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانغان ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، سۇنى كۆپ ئىچىش «كۆپ سىيىش» مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئورگانىزمنىڭ سۈيدۈك چىقىرىش ئادىتىدە ئۆزگىرىش پەيدا بولىدۇ (پات-پات سىيىش، كۆپ سىيىش، ماغزاپلىق سۈيدۈك كۆپىيىش، قان سىيىش قاتارلىق ئەھۋاللار)، ئېغىر بولغاندا ھەتتا سۇلۇق ئىششىق قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

مۇنداقچە ئېيتقاندا، سۇنى كۆپ ئىچىش نورمال كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىر خىل «بۆرەكنى قوغداش ھەرىكىتى» بولۇپ، ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى «مۇۋاپىق مىقداردا پاكىز سۇ ئىچىش»، ئەمما بۆرەكتە مەسىلە بار كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۆپ سۇ ئىچىش بىر خىل «بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغان، بۆرەكنى زەخىملەندۈرىدىغان ھەرىكەت».

سۇ ئىچىش بىر خىل «ساغلاملىق ھەرىكىتى».

«جۇڭگونىڭ سۇ ۋە ھاياتلىق سۈپىتىنى بىلىش تەكشۈرۈش دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، %90كە يېقىن ئادەم سۇنى ئىلمىي ئىچەلمەيدىكەن؛ سۇ ئىچىش مىقدارى يېتەرلىك بولمىغان، تازىلانمىغان سۇ ئىچكەندە، ئادەم بەدىنىدە ھەر خىل مەسىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولىدىكەن.

2020082115212810375

سۇ ئىچىش مىقدارى يېتەرلىك بولمىغان دوستلارنىڭ بەدىنىدە ئاسانلا سۇ كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن چوڭ تەرەت قۇرغاق بولۇش قاتارلىق قەۋزىيەت مەسىلىلىرى كېلىپ چىقىدۇ.

ئىچىدىغان سۇ يېتىشمەيدىغانلارنىڭ سۈيدۈك يولىدا تاش پەيدا بولۇش ۋە بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇش قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ؛ سۈيدۈك مىقدارى ئازايغاندا، بەدەندىكى مېتابولىزم كېرەكسىز ماددىلىرى سۈيدۈك بىلەن بىللە چىقىپ كېتەلمەيدۇ.

ئۇزاق مۇددەت سۇ ئىچىش يېتەرلىك بولمىسا، قاننىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسى ئۆرلەپ، بەزى يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، سۇ ئىچىش مىقدارى يېتەرلىك بولمىسا، تېرە قۇرغاقلىشىپ پارقىرىمايدۇ، كەيپىياتىمۇ ئانچە ياخشى بولمايدۇ.

ساغلام سۇ ئىچىش بىر «تېخنىكىلىق ئىش».

سۇ ئىچىش مىقدارى:

ساغلام قۇرامىغا يەتكەن ئادەمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەر كۈنى 2500 مىللىلىتىر ئەتراپىدا سۇ ئىچكەندە ئاندىن ئورگانىزمنىڭ نورمال ماددا ئالمىشىشىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ، ئەلۋەتتە بۇ يېمەكلىكتىكى سۇ بىلەن بەدەننىڭ سۇ ھاسىل قىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىز نورمال ئىچىملىك سۇغا تايىنىپ ئېرىشكەن سۇ مىقدارى 1500-1700 مىللىلىتىرغىچە بولۇشى كېرەك.

2020082115233175808

ھالقىلىق ۋاقىتتا سۇ تولۇقلاش:

ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن بىر ئىستاكان سۇ ئىچىپ، 200 مىللىلىتىر ئەتراپىدا سۇ تولۇقلىغاندا، بەدەندىكى ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈچەينى جانلاندۇرۇپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ.

كەچتە ئۇخلاشتىن يېرىم سائەت بۇرۇن بىر ئىستاكان سۇ ئىچىپ، ئۇيقۇ ۋاقتىدا سۇ يېتىشمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

ھەرىكەتتىن كېيىن ۋاقتىدا ئاز مىقداردا سۇ تولۇقلاپ، بەدەندىكى يوقاتقان سۇنى تولۇقلاپ، بەدەننىڭ ساغلام ھالىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.

ئىلمان سۇ ئىچىش، ئىسسىق قايناقسۇ ئىچىش تېخىمۇ سالامەتلىككە پايدىلىق.

سۇ ئىچكەندە ئىنچىكە ھالقىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك، تۇرمۇشتا ئىسسىق قايناق سۇ ئىچىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، تېمپېراتۇرىسى بەدەن تېمپېراتۇرىسىغا يېقىن بولغان قايناق سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 65 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

تېڭشۈن تورى خەۋرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى