ئادىدىيلىق ھەممىدىن ياخشى

ھەر قانداق ئادەمنى ئۆز-ئارا ماس كېلەمدۇ دەپ سورىماڭ. ئالايلۇق، بىر يۈەنلىك چاقماق بىلەن 10 مىڭ يۈەنلىك تاماكىنى تۇتاشتۇرغىلى بولىدۇ.

ئېسىڭىزدە بولسۇن، نەچچە ئون مىڭ يۈەنلىك بىر ئۈستەل قورۇما، ئاخىرىدا يەنىلا ئىككى يۈەنلىك تۇزدىن ئايرىلالمايدۇ.

ئەگەر تۇرمۇشىڭىز پۇلنى مەركەز قىلسا، ناھايىتى جاپالىق ياشايسىز.

ئەگەر تۇرمۇشىڭىز پەرزەنتلەرنى مەركەز قىلسا، بەك چارچاپ كېتىسىز.

ئەگەر تۇرمۇشىڭىز مۇھەببەتنى مەركەز قىلسا، ناھايىتى ئازابلىق ياشايسىز.

ئەگەر تۇرمۇشىڭىز بەسلىشىشنى مەركەز قىلسا، بەك زىرىكىشلىك ياشايسىز.

ئەگەر تۇرمۇشىڭىز مىننەتدارلىقنى مەركەز قىلسا، ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن ياشايسىز.

ئەگەر تۇرمۇشىڭىز قانائەتنى مەركەز قىلسا، ئىنتايىن خۇشال ياشايسىز.

ئەگەر تۇرمۇشىڭىز كەڭ قورساقلىقنى مەركەز قىلسا، ناھايتى بەخىتلىك ياشايسىز.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى