ھىچكىم  ھەققىدە  ئۇلۇغ  سۆزلىمە

ھىچكىم  ھەققىدە  ئۇلۇغ  سۆزلىمە
………
 ، سۆزلىرىڭ  كەلگۈسىدىكى تەقدىرىڭنىڭ  تىمىسى  بولۇپ  قالمىسۇن
. ھىچقاچان باشقىلارنىڭ  ئەيىۋىنى  ئاچمىغىن ، شۇ  ئەيىپلەر سېنىڭ  تۇرمۇشىڭدا  كۆرۈلمىسۇن .
 ھىچقاچان  باشقىلارغا  تۆھمەت  قىلمىغىن ، باشقىلارغا  ئات ،ساڭا  راس  بولۇپ  قالمىسۇن…!
ئىنسان نۇقسانسىز ئەمەس…
، سېنىڭ ئەيبىڭ چىكىت ،
باشقىلارنىڭ ئەيبى تاغ كۆرۈنمىسۇن…!
………
باشقىلارغا قىلغان ياردىمىڭگە مىننەت قىلىپ،  پەس كۆڭلۈڭنى ئاچمىغىن، ھەرئىش رازىمەنلىك بىلەن بولسۇن…
باشقىلارنىڭ  ئۈستىدىن كۈلگەن  ۋە باشقىلارنى كۆزگە ئىلمىغان ۋاختىڭ،  بەخىتسىزلىكنىڭ  سېنىڭ بېشىڭغا ھەسسىلەپ يۆتكىلىدىغان ۋاختىدۇر ……
توققۇزى تەل ھىچكىم ئۆتمىگەن بۇ ھاياتتا……
………
يوغانچىلىق قىلما……
بېشىڭغا كەلگەن ۋە كىلىۋاتقان قىسمەتلىرىڭدىن ئىبرەت ئالغىن .
ھەرقانداق بىر كۆڭۈلسىز ئىشتىمۇ بىر ھىكمەت بار…
 بىرياخشىلىق جاۋاپسىز بىر يامانىلىق جازاسىز قالماس .
سەن بىرسىگە مەقسەتسىز ياخشىلىق قىلساڭ، سەن خىيالىڭغا كەلتۈرمىگەن يەردىن ساڭا مىڭ ياخشىلىق يانىدۇ .
… ياخشلىقنى مىننەتسىز قىل ،  ھەسسىلەپ بەخىتكە ئىرىشسەن

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى