كوڭزىنىڭ ئادەم تۇنىشى ھەققىدىكى ھىكايە

كوڭزىنىڭ ئادەم تۇنىشى ھەققىدىكى ھىكايە

كوڭزى ئۆزى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، زىشىيا (شاگىرتى) نىڭ بۇرۇنقىدىنمۇ ئىلگىرلەپ كېتىدىغانلىقى، زىگوڭ (يەنە بىر شاگىرتى) نىڭ ئىلگىرىكىدىن چىكىنىپ كېتىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتتى.
سېڭزى (كوڭزىنىڭ ئاخىرىقى ئۆمرىدىكى شاگىرتلىرىنىڭ بىرى) بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىغاندا، كوڭزى:
-بالىنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەك ئۈچۈن، ئۇنىڭ دادىسىغا قارىماق لازىم، دادىنىڭ ئەھۋالىدىنلا بالىنىڭ ئەھۋالى بىلىنگەي؛
بىراۋنى چۈشەنمەككە، ئەتراپىدىكى دوستلىرى كۇپايىدۇر؛
چۈشىنەلمىگەن غوجايىننى، ئۇنىڭ ئەۋەتكەن ئەلچىسىگە قاراپلا بىلگىلى بولىدۇ؛
بىر يەرنىڭ ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن، شۇ جاينىڭ گۈل-گىياھلىرى ۋە دەل-دەرخلىرىگە قارىماق لازىم، -دېدى.
دائىم ئالىيجاناپلار بىلەن بىللە بولۇش بەئەينى ئىپار ياكى ئەنبەر ساقلانغان ئۆيدە تۇرغان ئادەمگە ئوخشايدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى خۇشپۇراق قاپلايدۇ؛
پەسكەش ئادەملەر بىلەن بىللە يۈرۈش، سەدەپ گۆشى ساتىدىغان دۇكانغا ئوخشايدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى شۇ ئادەمنىڭ تېنىگە سېسىق ھېد سىڭىپ كېتىدۇ؛
شۇڭا ئەزىمەت ئۆزى تۇرىدىغان مۇھىت ۋە ئالاقە چەمبىرىكىنى ياخشى تاللىمىقى لازىم.
مېنىڭ ئىككى شاگىرتىمدىن، زىشىيا ئۆزىدىن دانا ئادەملەر بىلەن بىللە يۈرۈشكە ئامراق، زىگوڭ ئۆزىگىمۇ يەتمەيدىغانلار بىلەن باردى-كەلدى قىلىپ يۈرىدۇ، سېلى دەپ باقسىلا كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭ قايسىسى ئالغا ئىلگىرلەيدۇ، قايسسىسى چىكىنىدۇ؟
…..
ئاكتىپ ئېنېرگىيە بىلەن تولغان دوستلار چەمبىرىكى نەچچە مىڭلىغان ئاقماس دوستتىن ئەۋزەلدۇر.
ئۆزىدىنمۇ ياخشىلار بىلەن بىرگە بولغاندا، ئادەم كۈنسايىن ئالغا باسىدۇ؛
پاسسىپ ئېنېرگىيە قاپلاپ كەتكەن دوستلار چەمبىرىكى ياكى ئ‍ەخلەت ئادەملەر توپىغا كىرىپ قالسىڭىز، بارغانسېرى چېكىنىپ، ئاخرىدا سىزمۇ ئەخلەتكە ئايلىنىپ كېتىسىز.

——————— End ——————

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى