مىھىر مۇھەببەتكە لىق تولسۇن قەلبىمىز

ئاداۋەت ئۆچمەنلىكنى كۆمۈپ قويسام تەبەسسۇم گۈللىرى ئۈنۈپتۇ، غەم-غۇسسىنى كۆمۈپ قويسام خاتىرجەملىك گۈللىرى ئۈنۈپتۇ!

ئاغرىنىش تاپا-تەنىلەرنى كۆمۈپ قويسام، مۇھەببەت گۈللىرى ئۈنۈپتۇ. قاقشاش، كوتۇلداشلارنى كۆمۈپ قويسام، زازىمەتلىك گۈللىرى ئۈنۈپتۇ!

ھەسەتخورلۇقنى كۆمۈپ قويسام شۈكرى قانائەت گۈللىرى ئۈنۈپتۇ. تاماخورلۇق كىبىرلىكنى كۈمۈپ قويسام، قايىللىق گۈللىرى ئۈنۈپتۇئ شۇنداق قىلىپ، پۇرەكلەپ ئېچىلغان چىرايلىق خۇش پۇراق گۈللەرنىڭ ئارىسىدا قالدىم

ئىنسان نوقسانسىز ئەمەس، سەنمۇ مەنمۇ ئۇمۇ، ۋاقىتلىق ئوڭۇشسىزلىق، چارچاشلار بۇرنىمىزنى، كۆزىمىزنى قۇلىقىمىزنى ئېتىپ قويمىسۇن.

بۇ ھايات خاپا بولۇپ رەنجىگۈدەك ئايرىلىپ تالاشقۇدەك، ئاداۋەتتە ياتلاشقۇدەك، ئۈنچە ئۇزۇن ئەمەس، تىلىمىز تاتلىق، دىلىمىز يۇمشاق بولسۇن، مھىىر بىرەيلى، مھىىرلىنەيلى، تۇرمۇشىمىز مىھىر-مۇھەببەتكە، گۈزەللىك لىق تولسۇن!

تارىختىكى بۈگۈندە:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى