تۇرمۇش قاتلىمىغا يوشۇرۇنغان ھېكمەتلەر
دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئادەتتە ھەقسىز. مەسىلەن: ئىللىق ئاپتاپ، سۈپسۈزۈك ئېقىن، توختىماي سايراپ بېرىدىغان قۇشلار، خۇش پۇراق گۈللەر، مېھىر-مۇھەببەت دېگەندەك.
ھەرقانداق مۇناسىۋەتتە باشقىلاردىن زىيادە ئۈمىد كۈتۈپ كەتمەڭ. چۈنكى تۇرمۇشتا ئادەتتە مۇنداق بىر قانۇنىيەت مەۋجۇت: توققۇز قېتىم ياخشى ئادەم+بىر قېتىم ئەسكى ئادەم = ھۆرمەتسىز ئەسكى ئادەم. توققۇز قېتىم ئەسكى ئادەم + بىر قېتىم ياخشى ئادەم = ھۆرمەتكە سازاۋەر ياخشى ئادەم.