يوقاتقانلىرىڭ

نۇرغۇن ئادەملەر يوقاتقانلىرىنى ئۇنتالماي، ئېرىشەلمىگەنلىرىگە ئاھ ئۇرۇپ ئۆتىدۇ. ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسى ئوتتۇرىسىدا تۈرلۈك يوللاردا تەمتىرەپ يۈرۈپ، ھازىر ئىگە بولغان نەرسىلەرگە سەل قارايدۇ. ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلار ئۈچۈن ئاھ ئۇرماي، كەلمىگەن ئىشلاردىن قۇرۇق غەم قىلماي، بۈگۈننىڭ قەدرىگە يېتىپ ياشاش كېرەك!
ئۆزىڭىزنى بەك چوڭ تۇتۇۋالسىڭىز، باشقىلارنىڭ سىزنى چوڭ كۆرۈشى ناتايىن؛ ئۆزىڭىزنى بەك تۆۋەن تۇتسىڭىز، باشقىلارنىڭ سىزنى ھۆرمەتلىشى ناتايىن. ئادەم بېشىنى كۆتۈرەلىشى ھەم ئېگەلىشى كېرەك.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز

ئۈستىگە قايتىش كۇنۇپكىسى